gulsumay يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 04:25 PM
بىرنچى تاپشۇرۇق :
ئۆز قىياپىتىڭىزنى ئېرىڭىز ئەڭ ياخشى ...
سۆزىڭىز توغرا،بىراق ئاياللار ئۆزىنىڭ نىمە دىگىنىنى ئۇنتۇپ ئەرنىڭ نىمە دىگىنى بىلەن قالىدىغان،ئۆزەم مانداق دەپتىمەن ياكى مانداق قىلىپتىمەن دىمەي ئۇ ماڭا مانداق قىلدى،ياكى سەن ماڭا پالانى چاغدا مانداق قىلغانتىڭ دەپ ئۆتۈپ كەتكەن كونا خاماننى سۇرۇشقا ئامراق كىلىسىلەر ئەمەسمۇ .ئۇ چاغدا ئۇ ئىشلار ئاللىقاچان ئەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ باشقا ئىشلارنى يەنى كىيىنلىكنى ئويلاپ ھەركەت قىلىۋاتقاندا كونا خاماننى سۇرۇپ سەن پالانى ۋاقىتتا مانداق دىگەنتىڭ دىسە ئارتۇق گەپ قىلمايسىز ئەلۋەتتە،غۇرۇرىغا تەگككۈدەك سۆز بىلەن ئىپادىلىسىچۇ،ئۇ چاغدا قاراپ تۇرالامسىز،سىلەرچە ئاياللارنىڭلا قارنى كەڭ،ئەرلەرنىڭ قارنى تار ئوخشىمامدۇ.ئەرلەر توغمىغىنى بىلەن كىچىك ئىشلارنى زىغىرلاپ كونا خاماننى سۇرىغۇدەك ئىچى تار ئەمەس،ئاياللار تۇغىققىنى بىلەن ھەسەتخۇرلۇقتىن قۇتۇلغىنى،كىيىم كىچەكتە بەسلىشىپ ئىرىگە زەردە قىلمايدىغان ھالەتكە كىلەلىگىنى يوق.
قىسقىسى تولاراق ھاللاردا ئەرلەر ئاياللار بىلەن قىيدىشىپ زاكۇنلىشىشنى ئارتۇقچە دەپ قارايمىز.شوڭا ئاغزىغا نىمە كەلسە دەۋىرىدىغان خۇينى يىتىلدۈرىدۇ.سىسىق گەپنى ئاڭلاۋەرسە ئەر كىشىمۇ ماشىنا ئادەم ئەمەس،نىمىلا دىسە قاراپ تۇرىدىغان.ئائىللەردە ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت يات ئىككى قىممەت قاراشتىكى مۇھىتتىن چىققان ئىنسان بۇ ئائىلىنى قۇرغان بولىدۇ.بىر ئائىلە مۇھىتىدىكى ئىشلار يەنە بىر مۇھىتتىكى ئائىلىدە بولمايدۇ.ھىچ بولمىغاندا پىكىر ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن شۇنداق.
نىكاھ بۇسۇغىسى ئىككى يات جىنىسنى كۈتىۋالغاندا بۇ نۇقتا يىڭى ۋاقىتتا بىلىنىپ كەتمەيدۇ،بىراق ۋاقىت ئۇزىرغانچە نىكاھلانغانلار ئارسىدا مەلۇم تارتىشىش،تالىشىش ۋە ئۆز ئۆزىگە خۇجىلىق يەنى خۇجايىنلىق ئىڭى شەكىللىنىدىغان گەپ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى نىكاھتىن ئاجىرشىدىغانلار تولاراق ئىقتىسادتا بىرلىككە كىلەلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ نۇرغۇن،يەنى ئەر تىجارەتچى ياكى ئىشلەيدىغان مۇھىتتا،ئايال بولسا خىزمەت يوق،بۇ ئائىلىدە ئەلۋەتتە ئايال تىپىك باشقۇرۇلغۇچى،بىراق ئايال خىزمەتچى ئەر ئايرىم بىر تىجارەت ياكى كىچىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسا بەزىدە تاپاۋەت ئايالىنىڭكىگە يەتمەي قالسا ئايال تۇرۇپلا خۇجايىنلىق مىجەز بولىۋالىدىغان گەپ.يەنى ئەردىن مىنىڭ پۇلۇم جىق،مەن پالانى پۇل چىقاردىم،مانى ئالدىم،ئاپاڭغا ئانى ئالدىم دەپ ھىسابلاپ ئەرنى خىجىل قىلىپ قۇيىدۇ.بۇ تۇغرىمۇ،بىر ئائىلىدە ئەرنىڭ بىر مۇچىنى بولسىمۇ ئەر ئايالغا ئورتاقلىقىنى ئۇ چاغدا ھىسابل؛ىشىپ ئولتۇرمايدىكەن.نىكاھتىن ئاجىرغاندا بولسا مەيلى ئايالنىڭ مىلىيونلۇق پۇلى بولسۇن،ئەرنىڭ مىڭ سوم پۇلى بولسۇن ھەممىسى باراۋەر ئايرىلىدۇ.نىكاھ مەسىلىسىدە ھازىر ئاجىرشىش نىسبىتى بىزدە كۆپ.تولاراق مۇشۇ ئىقتىسادتتىكى خۇجايىنلىق ئىڭى ئاياللارنى باشباشتاق قىلىۋەتتى،بەزى يۇۋاش ئوغۇللارنىغۇ يۈرەك ئالدى قىلىۋىتىۋاتىدۇ بەزى ئاغزىدا شەھەر ئالغۇچىلار.
شوڭا دەيمەنغۇ،ئەر ئايال ئورتاق قۇرغان تۇرمۇش بولغانكىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى خىل مۇھىتتىن چىققانلار بولغانكىن قىممەت قاراشمۇ ئەلۋەتتە ئىككى خىل بولىدىغان گەپ.شوڭا بىرەر ئىشتا مەسلىھەت سىلىش،ئورتاق قاراشنى يىتىلدۈرۈش نىكاھنى تىخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.