 |
 |
 |
 |
سوغىتىڭ سۈرەت
( نازىگۈل8 )
كىرگەن ئىدىڭ شېئىرغا بىرچاغ،
مىسرالاردا قەلبىمنى چېكىپ.
كىرگەن ئىدىڭ خىيالىمغا ھەم،
يۈرۈكىمگە ئوتلارنى يېقىپ.
يانغان پۈتۈن يوللىرىڭ ئۈچۈن،
ياندۇرغان ھەم يۈرەكنى پۈتۈن.
كەتتىم بۈگۈن چاراسلاپ سۇنۇپ،
سۇندى يۈرەك، سۇندۇردىڭ نىچۈن.
كىرپىكىمدە تۈنەيدۇ ھىجران،
ئاستا-ئاستا مۇزلار قاتۇرۇپ.
تۇنجى سۆيگۈم كەتمەكتە يىراق،
ھىجرانلارغا تۈگەل پاتۇرۇپ.
بۈگۈن كېچە يۇلتۇزسىز كېچە،
تۆكـتۈم سىرىم تۈننىڭ قوينىغا.
يۈرەك ئاچچىق قاپتۇ ئېسىلىپ،
تىپىرلىغاچ ھىجران بوينىغا.
ئەتتىم بۈگۈن كۆڭلۈم ئاۋازى،
كۆمىۋەتتىم ئۆتكەن كۈنلەرگە.
بەختىم كەتتى، كۈلكەممۇ ھەم،
چىدا يۈرەك ئۆتۈپ كەتكەنگە.
قۇلۇپ سالدىم يۈرەككىمۇ ھەم،
ئارمانلارغا ئۈن-تۈنسىز چۆكۈپ.
كەتسۇن ئارمان مەن بىلەن پەقەت،
ھايات شامىم قالغىچە ئۆچۈپ.
مەن ياشايمەن تېخى بەك ئۇزاق،
ھايات ئەمەس پەقەت ئۆزۈمنىڭ.
لېكىن ماڭا مەنسۇپ سۆرەت بار،
قارچۇقىدا مەڭگۈ كۆزۈمنىڭ.
مەنبە:
شېئىر مەزمۇنى تېما ئىگىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بىرەر ئەسەرئوقۇغاندا، تەسىر قىلسا مۇشۇندا يېزىپ قويىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-4 11:39 PM
|
 |
 |
 |
 |
|