بۇ ھال ھەر قايسى ئورۇنلاردا ئوخشىمايدىكەن، مەسلەن: قارمايدا سېلىم بوۋاينىڭ ماي بولىقى قارماي شەھەر ئاھالىسىگە ھەقسىز، باشقىلارغا 40.00يۇەن. ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدىكى قالغاچ تاغ «مۆلجەر تاغ» سەر سائەت 8:00گىچە ھەرقانداق كىشىگە ھەقسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچتۇرپان ئاھالىسىگە يېرىم باھا، باشقىلارغا 10.00يۇەن. چۆچەك باقتۇ ئېغىزى ھەممەيلەنگە ھەقلىق، چىگىرا مۇداپىيە ساقچىخانىسىنىڭ رۇقسىتى بىلەن بارىسىز، تاشقورغانغىمۇ شۇنداق. ئاقسۇ «قىرمىش ئاتام مازىرى» ھەممە كىشىگە ئوخشاش 80.00يۇەن (ئونسۇ ناھىيىسىدىن 70كىلومېتىر) نارات يايلىقى ئوقۇتقۇچىلىق، ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بىلەن بىلەت ئالسا يېرىم باھا بولمىسا 75.00يۇەن. يەرلىك قازاق يۇرتتاشلارغا ھەقسىز، ناراتتا ماشىنىلىق تاغ ئۇستى ساياھەت بىر ئادەم 100.00يۇەن، قازاق قېرىنداشلارنىڭ ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى بولسا ئۇزىڭىزنىڭ ماشىنىسىدا چىقىسىز ھەقسىز.......قاتارلىقلار