مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئەرتۇرا

بىزئۇيغۇرلارمۇشۇنداق مىللەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 10:07:22 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 02:15 AM
راىست دەيسىز قېرىندىشىم ، ئېسىل ئادەملىرمىز شۇنچە كۆ ...

ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىنكاس يېزىپسىز! ئاللاھ رەھمەت قىل سۇن! دىگىنىڭىز كەلسۇن!.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 10:08:15 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  




  ئاللاھ نىڭ بارلىقىغا ئىسپات دەلىللەر

ئاللاھنىڭ بارلىقىغا بولغان ئىسپات دەلىللەر سەل- پەل ئەقلى بار ئادەملەر ئۈچۈن ئەتراپىمىزدا تولۇپ ياتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ دانىشمىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ؛ ،(ھەرقانداق بىر يارالغۇچى ،ئۆزىنى  يارتقان بىرياراتقۇچىنىڭ بارلىقنى  ئىسپاتلاپ بىرىدۇ). دەيدۇ. دىمىسىمۇ راست ، بۇ ئالەمنىڭ ھېچقانداق بىرنەرسە ، بىرسى يارتمىسا ئۆزلىكىدىن يارىتىلىپ قالمايدىغانلىقىدەك  يەنى( سەۋەپلىك ئالەم) ئىكەنلىكىدەك قانۇنىيتى بۇنۇقتىنى شەرتسىز ئىسپاتلايدۇ.
سەل ئەقلى بار كىشى مۇشۇنىڭغا قاراپلا ئاللانى كۆرمىسىمۇ بىرئاللانىڭ بارلىقغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. چۈنكى نورمال كىشىلەر تام كەينىدىن چىققان تۈتۈننى كۆرۈپ ،تام كەينىدە ئوت بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىر ئۆينى كۆرگەن ئادەم ، بۇ ئۆينى سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە سالغان ئادەمنى كۆرمىسىمۇ ، بۇ ئۆينى ھەرگىز (ئۆزلىكىدىن ياسىلىپ قالدى) دىمەيدۇ. ئەكسىچە چوقۇم بۇ ئۆينى بىرسىنىڭ ياسىغانلىقىغا ئىككىلەنمەي شەكسىز ئىشىنىدۇ. چۈنكى بۇ سەۋەپلىك ئالەم ھېچقانداق بىر نەرسە سەۋەپسىز بارلىققا كەلمەيدۇ- دە!  مانا بۇ ئالەم قانۇنىيتى.  ئۇنداق بولغانكەن قۇياش ،يەرشارى ...قاتارلىق ئىنسان ياساشقا قۇربى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى ياسىغان ئىنسانىيەتتىن تاشقىرى بىر ئىلاھى كۈچ بارلىقى دەرھال مەلۇم بولمامدۇ ؟. نىمىشقا تەپەككۇر قىلمايمىز ؟. شۇڭا ھەدىستە: ( بىرمىنۇتلۇق تەپەككۇر مىڭ يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەل) دىيىلگەن.
قۇتادغۇ بىلىكتە ئاللاھنىڭ بارلىقنى ئىسپاتلاپ،  ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇۋىتىپ ( ئاللاھنىڭ ئورنى يوق) دىيىلگەن. بىراق قۇرئان كەرىم سۈرە ھەدىدنىڭ 3-4- ئايەتلىرىدە مۇنداق دىيىلگەن '( ئاللاھنىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر، <ئاللاھ> ئاشكارىدۇر، <يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇر، > مەخپىيدۇر < يەنى ئۇنى كۆزبىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيتىنى تونۇشقا كەم ئەقىللەر ئىرىشەلمەيدۇ>،  ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.(3) ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى ئالتە كۈندە يارتتى، < ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە> ئەرشى ئۈستىدە قارار ئالدى، ئاللاھ زىمىنغا كىرىپ كىتىدىغان نەرسىلەرنى، زىمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەردە قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.(4) دىيىلگەن.  دىمەك يۇقارقى ئايەتتە ئاللاھنىڭ ئورنى يوق ئەمەس بەلكى ئەرشىنىڭ ئۈستىدە بارئىكەنلىكى، تەكىتلەنگەن، شۇنداقلا بىرنەرسىنى ئىجاد قىلغان ئادەم، شۇنەرسىسىنىڭ بارلىق خۇي پەيلى خاراكتىرى،  ھەم ئىشلەش جەريانىنى بىلىپ تۇرغاندەك،  ئاللاھمۇ ھەربىر ئىنساننىڭ خاراكتىرى، ئوي خىيالى، شۇنداقلا نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى مەيلى ئۇ جاھاننىڭ قەيىرىدە بولسۇن كۆرۈپ  بىلىپ تۇرىدۇ،  ھەتتا ئاللاھ قارا كىچىدە، قارا تاشنىڭ ئۈستىدە، ھەركەت قىلىۋاتقان قارا چۈمۈلە ھەركىتىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. دىگەنلىكتىن ئىبارەت!  شۇڭا ئاللاھنىڭ ئورنى يوق دىيىشكە بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئورنى ئەرشى ئۈستىدە بار.  ئۇ شۇيەردە تۇرۇپ ئۆز قۇدرەت كامالى بىلەن ئالەمدىكى ئۆزى ياراتقان بارلىق شەيئىلەرنىڭ، ئوي- خىيالى، ۋە ئىش ھەركىتىنى بىلىپ تۇرىدۇ. (ئاللاھ قەلبىمدە بار) دىمەي،( ئاللاھ بارلىق ئوي خىياللىرىمىزنى، ھەركەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىدۇ)  دىيىش كىرەك! ....
ياراتقۇچى بار دېيىش ئۈچۈنمۇ ئىسپات لازىم بولغىنىدەك، يوق دېيىش ئۈچۈنمۇ ئىسپات لازىم.
ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ يۇقلۇقىنى ئىسپاتلاش بارلىقىنى ئىسپاتلاشتىنمۇ قىيىن.
مەسىلەن: بىر ئايال ھامىلدار بولدى دەيلى، ئۇ ئايال ۋاقتى سائىتى كېلىپ توغدى. بالا توغۇلۇشى بىلەنلا ئۇنىڭدا سۈت پەيدا بولىدۇ. بوۋاقنىڭ قورسىقى ئېچىپ يىغلىغان ھامان ئانىسىنىڭ كۆكسىدىنمۇ بالىنى ئەمگۈزۈش ئۈچۈن سۈت تەييار تۇرغان بولىدۇ. بۇ ئىشنى ئۇ ئايال ئۆز ئىختىيارى، ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلالامدۇ؟ ئانا سۈتىنىڭ تەركىۋىنى، ئىچىدە قانداق ماددىلار بارلىقىنى ئانىسى بىلەمدۇ؟ ئانا شۇ سۈتنى ئۆزى تەڭشىيەلەمدۇ؟ بوۋاق بالىنىڭمۇ شۇ سۈت مۇنداق بولسۇن دەپ سۈتكە تەسىر كۆرسىتىش ياكى باشقۇرۇش كۈچى بارمۇ؟ بۇ يەردىكى شۇنداق مېھرىبانلىق بىلەن مۇكەممەل ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بىر قانۇنىيەتنى يوق دېگىلى بولامدۇ؟ شۇنداق ئاجىز بوۋاقنى ئانىسى نېمىشقا مېھرىبانلىق بىلەن، ئەڭ ياخشى غىزا بىلەن باقىدۇ؟ بۇ يەردە تاساددىپيلىق بارمۇ؟ ئەگەر بىر ئانىنىڭ شۇنداق قىلىشىنى تاساددىپىيلىق دېسىڭىز، ئۇنداقتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بۇ قانۇنىيەتنى يەنە تاساددىپىيلىق دەپلا ئىنكار قىلغىلى بولامدۇ؟
ئەگەر بۇلارنى تاساددىپىي ھالدا شۇنداق توغرا كېلىپ قېلىش دەپ قارىساق، بۇنىڭدا بىرەر قانۇنىيەت بارلىقىنى ئىنكار قىلساق، ئۇ چاغدا ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان نۇرغۇن قانۇنىيەتلەر، مەسىلەن، پالانى كېسەلگە پۇستانى دورىنىڭ پايدا قىلىشى، كېچە-كۈندۈزنىڭ قانۇنىيەتلىك ئالمىشىشى قاتارلىق كائىناتتىكى مۇكەممەل قانۇنىيەتلەرنى ھەممىنى ئىنكار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىنكار قىلىش بىلەن ئۇ قانۇنىيەتلەرنى يوق قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ.
ئاللاھنى يوق دېيىش ئۈچۈنمۇ ئىسپات لازىم. كائىناتتا ھېچبىر ئىنتىزام ياكى قانۇنىيەت يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش لازىم. ھالبۇكى بۇنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. ئاددىيسى كائىناتتىكى ھېچبىر نەرسە سەۋەبسىز، مەنبەسىز مەيدانغا كەلمەيدۇ.
مەسىلەن: تەشتەكتىكى گۈلنى سۇ ياكى تۇپا ياراتقان دېگىلى بولامدۇ؟ سۇ ئۆسۈملۈك يارىتالامدۇ؟ تۇپا يارىتالامدۇ؟ تۇپراقنىڭ مۇشۇنداق قابىلىيىتى بارمۇ؟ گۈل ئۇرۇغى ئۆزلىگىدىن گۈل بولۇپ شەكىللىنەلەمدۇ؟ ئۇنىڭغا مەلۇم كۈچ تەسىر قىلمىسا، تۇپىدا، مۇۋاپىق ھاۋارايى ۋە نەملىكت  قانداقمۇ ئۆزلىگىدىن بىخ تارتىپ ياشىرىپ چىقالىسۇن؟ ئىنسانلارمۇ مۇشۇ قانۇنىيەتكە رىئايە قىلغان ئاساستا گۈل يېتىشتۈرەلىسۇن؟ گۈل ئۇرۇغىدىكى گېندا مۇشۇ قانۇنىيەت ياكى پروگرامما بېكىتىلگەن، ئوخشاش كۆرۈنۈشتىكى ئۇرۇغدىن ئۆنۈپ چىقىدىغان گۈلنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، شەكلى پەرقلىق بولىدۇ، بۇ پەرق ئۇرۇغدىكى گېن تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن دېسىڭىز، بۇ گېننى كىم ياراتقان؟ ئۇنىڭدىكى ئىنچىكە ماتېماتىكىلىق ھېسابنى، فورمۇلانى كىم يازغان؟ ياق، بۇ تاساددىپىي بولغان دېسىڭىز، ھازىرقى زاماندا بىرەر ئادەم كومپىيوتېر پروگراممىلىرىنى تاساددىپىي تۈزەمدۇ؟ ئۇنىڭدا ماتېماتىكىلىق ھېساب، لوگىكىلىق فورمۇلا، مەلۇم بىر كومپىيوتېر تىلى يوقمۇ؟
ئۆيىڭىزدىكى لامپا يانغاندا سىز ئېلېكتىر سىمىدا توك بارلىقىنى بىلەلەيسىز. ئەگەر توك يوق دېسىڭىز، سىزنىڭ نورمال ئەقلىڭىز يوق دېگەنلىكتۇر.
لامپىنىڭ يانغانلىقى توك سىمىدا توك بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. توكنىڭ شەكلى، رەڭگىنى كۆرەلمەيسىز، ئەمما مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئىنكار قىلالمايسىز. مۇشۇ توك نەدىن كەلگەن؟ گېنىراتوردىن كەلگەن دەڭ. گېنىراتورنى كىم ياسىغان؟ قانداق ياسىغان؟ ئادەم ياسىغان، مەلۇم بىر قانۇنىيەتكە ئاساسەن ياسىغان. توكنىڭ قانداق كۈچى بار؟ يۇرۇقلۇق، ئىسسىقلىق، ھەرىكەت كۈچى بار. ئۇنداقتا توك جانلىق نەرسىمۇ؟ ياق، جانسىز نەرسە. ئۇ بىر ئېنېرگىيە. بۇ ئېنېرگىيە تۈگەمدۇ؟ تۈگەيدۇ! دېمەك، بۇ توك، ئېنېرگىيە بىر يارىتىلغان نەرسە. ئۇنى ئىنسان يوقتىن بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. پەقەت بار نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئېھتىياجى ئۈچۈن پايدىلىنالايدۇ.
ئىنسان، دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق بىر مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن جىمى شەيئىلەرنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئىنسانغا نۇرغۇن نېمەت ۋە ئىقتىدار بېرىلگەن. ئاددىيسى، قىشتا ئۈستىڭىزگە لەپىلدەپ چۈشكەن قار ئەگەر ئۇنداق يۇمشاق چۈشمەي، ناندەك چوڭلۇقتا، قاتتىق مۇز ھالىتىدە توروكلاپ ئۈستىڭىزگە چۈشسە، چوقۇم باش كۆزىڭىز يېرىلىپ كېتىدۇ. تاساددىپىيلىق قارىشى بىلەن ئېيتقاندا، قارمۇ ئۇنداق يۇمشاق بولماسلىقى كېرەك.
نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋادىكى ئوكسىگېن، ھېدروگىن قاتارلىق گازلارنىڭ نىسبىتىدە ئازىراق ئۆزگىرىش بولغان ھامان، دەرھال سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا خەۋپ يېتىدۇ. گازلارنىڭ تەركىۋىدىكى تەڭپۇڭ نىسبەت دەل سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى ئېھتىياجىڭىزغا ماس كېلىدىغان نىسبەتتە تەڭشەلگەن. بۇنى كىم تەڭشىگەن؟ بۇنى پەقەت سىزنى ياراتقۇچى ۋە ھاۋانى، دۇنيانى ياراتقۇچى بىر زات تەڭشىگەن، ئورۇنلاشتۇرغان، ئەگەر سىزنى ياراتقۇچى ئايرىم، ھاۋانى تەڭشىگۈچى ئايرىم بولسا، ئۇنداقتا، سىز نەپەسلەنگەن ھاۋا سىزنىڭ ئۆپكىڭىزدىكى سىستېمىغا دەل ماس كېلىشى ناتايىن.  
ئىنسان ھەر قانچە ماھىر ياسىغۇچى بولسىمۇ ھېچقانداق نەرسىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. ھەر نەرسىنىڭ بار بولۇشى بىر سەۋەبكە، بىر مەنبەگە باغلانغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى قۇياش دېسىڭىز، قۇياشمۇ كېچىسى كۆرۈنمەيدۇ. ئۇنىڭمۇ مۇئەييەن بىر ئۆمرى بارلىقىنى فىزىكا ئالىملىرى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ئەگەر سىز ياراتقۇچى يوق، دۇنيادا قانۇنىيەت يوق دەپ چىڭ تۇرسىڭىز سىزگە باشقا گەپ يوق.
ئەگەر دۇنيادا قانۇنىيەتنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ قانۇنىيەتكە ئاساسەن، دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە، سەۋەبسىز، مەنبەسىز مەيدانغا كەلمىگەن ئىكەن، ئۇنداقتا ھەممىسىنىڭ بىر مەنبەسى بار. بۇ مەنبە ياراتقۇچىدۇر.
ياراتقۇچىنىڭ قانداقلىقىغا كەلسەك، ئاددىي مىسال بىلەن چۈشەندۈرگەندە، بىر ناۋاي نان ياققان بولسا، بۇ نان ناۋاينىڭ زاتىنى بىلەلەمدۇ؟ نان ناۋاي ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگىمۇ؟ ياكى بىر كىيىم ئۆزىنى تىككۈچى سەيپۇڭنى تولۇق بىلەمدۇ؟ نان ناۋاينى، كىيىم سەيپۇكنى تولۇق بىلەلمىگىنىدەك، ئىنسانمۇ ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى مۇكەممەل رەۋىشتە بىلەلمەيدۇ. لېكىن ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى،  مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. دېمەك، يارىتىلغۇچى ئىنسان ئۆزىنىڭ بىر يارالغۇچى ئىكەنلىكىنى، ياراتقۇچىسىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ.
ياراتقۇچى ھەققىدىكى تەپەككۈر بىلىنگەن نەرسىلەردىكى ئىزنالارغا قاراپ بىلىنمىگەنگە قارىتا يول ئېلىپ ئىلگىرلەش جەريانىدا چوڭقۇرلىشىدۇ. (گېئومېتىرىيە، ئالگېبىرا دەرسىدىكى بەزى ئىسپاتلاش ئۇسۇللىرى ئېسىڭلاردا بارمۇ؟)
ياراتقۇچىنىڭ كىملىكى، سۈپەتلىرى، ئىسىملىرى ھەققىدە ئەڭ تولۇق ۋە توغرا بىلىمنى قۇرئاندىن بىلىمىز.
قۇرئاننى ساۋاتسىز پەيغەمبەر ئۆزى ئىچىدىن چىقىرىپ يازغان دېگەننى ئىسپاتلاش تېخىمۇ قىيىن ئىش. ئەڭ ئاسان بولغىنى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغانلىقىنى قوبۇل قىلىش. بۇ مەنتىققە ۋە ئەقىلگە تېخىمۇ ئۇيغۇن.
دېمەك، قۇرئاننىڭ ئىنسان تەرىپىدىن توقۇلغان ھېكايە كىتاپ ئەمەس، ئاللاھ ۋەھيى قىلغان كائىنات قوللانمىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدىڭىز. بۇنى ئېتىراب قىلغانلىقىڭىز، ئاللاھنىڭ قۇرئاندا بايان قىلىنغان 99 ئىسىم سۈپىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز بولىدۇ.؟
ئۇنداقتا، ئاللاھنى كىم ياراتقان دېگەن سوئالغا جاۋاب چىقىدۇ. 112-سۈرە ئىخلاستا جاۋاب بار: «ئاللاھ بىردۇر، ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر، ئاللاھ توغۇلغانمۇ ئەمەس، ئاللاھنىڭ بالىسى بولغانمۇ ئەمەس، ھېچكىم ئاللاھقا تەڭداش بولالمايدۇ.»
يەنە 50-سۈرە قاف 16-ئايەتتىكى «ئاللاھ ئىنسانغا ئۇنىڭ جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىن» دېگەننى ئەستىن چىقارماي، قۇرئاندا 114 يەردە تەكرارلانغان بىسمىللاھىررەھمانىررەھىيىم ئايىتىدىكىدىكى «راھمان»، »رەھىم« سۈپىتىنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندە، كاللىدىكى تۈگۈنلەرگە جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ.
مۇشۇ ئالەمگە قارايدىغان بولساق ھېچقانداق بىرنەرسە ئۆزلىكىدىن سەۋەپسىز پەيدا بولۇپ قالمايدىكەن. ئۇلۇغ ئاللاھ بەلكى بەزى دىنسىزلارنىڭ يەرشارى قاتارلىق ئىنسانلار ياساشقا قۇربى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى ( ئۆزلىكىدىن يارالغان) دەپ تۇرىۋالمىسۇن دەپ بۇئالەمنى سەۋەپ ئالىمى يەنە ھېچقانداق بىر نەرسە ئۆزلىكىدىن يارىلىپ پەيدا بولمايدىغان قىلىپ ياراتقان بولىشى مۈمكىن. دىمەك ئاللاھنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشىدا ئۆزىگە تۇشلۇق بىر ھىكمەت بار....
  

قۇرئان كەرىم ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە

بۇئەسەر قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە،ھەم ﷲ سۆزى ئىكەنلىكىنى تېخمۇ ياخشى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلايدۇ.

تەتقىقاتچى ئاپتورى
ئۆمەرچېلەك
(تۈركىيە )
قۇرئان كەرىم كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن بۇ مۆجىزىلەر بايقالدى.
1-سانلار  مەلۇماتى
سانلارنىڭ  تەكرارلىقى  قۇرئان  كەرىمنىڭ  ماتىماتىكىلىق   تۈزۈلۈشكە  ئېگە  ئىكەنلىكىنىڭ  دەلىلى  .
مەسىلەن :قۇرئان كەرىمدە؛
مەلەك  88 قېتىم ، شەيتان 88 قېتىم  تەكرارلانغان .
جەننەت  77 قېتىم ، جەھەننەم  77 قېتىم  تەكرارلانغان .
دۇنيا 115 قېتىم ، ئاخىرەت 115 قېتىم  تەكرارلانغان .
ئۆسۈملۈك 26 قېتىم، دەرەخ 26 قېتىم تەكرارلانغان .
ئايغا  چىقىش  تارىخى؛
قۇرئان كەرىمنىڭ ‹قەمەر›سۈرىسىدە  ئايغا  بارماقنىڭ  مۇمكىنلىكىگە دائىر ئىشارەتلەر  بار . ‹قەمەر ›سۆزى تىلىمىزدا ‹ئاي ›
دىمەكتۇر . سۈرىدە ئاي سۆزى بىرىنچى ئايەتتە  ئورۇن ئالغان . ‹قىيامەت يېقىنلاشتى ، ئاي يېرىلدى . ›(قىيامەت سۈرىسى ، 1- ئايەت ) . مانا بۇ ئايەتتىن قۇرئان كەرىمنىڭ ئاخىرىغىچە 1389 ئايەت بار ، ھېجرىيە كالىندارى بويىچە 1389 – يىلى مىلادى بويىچە 1969– يىلىغا تەڭ كەلمەكتە ، بۇ دەل ئايغا چىقىش تارىخىدۇر .
ئاينىڭ ئوربىتىسى
قۇرئاندا ئالەم جىسمى  سۈپىتىدە  تىلغا  ئېلىنغان ئاي سۆزى تولۇق 27 قېتىم ئۇچرايدۇ  ئوخشاشلا ئاينىڭ يەر شارى ئەتراپىدا ئېللىپىس شەكىللىك ئايلىنىشىمۇ 27 كۈندۈر .
دېڭىز – قۇرۇقلۇق  نىسبىتى
قۇرئاندا قۇرۇقلۇق سۆزى  13 قېتىم ، دېڭىز  سۆزى 32 قېتىم ئۇچرىغان نىسبەتلەشتۈرگەندە  دېڭىز  نىسبىتى  45\32 ، قۇرۇقلۇق  نىسبىتى  45\13 بولۇپ ، بۇنى يۈز نىسبەتكە  ئايلاندۇرغىنىمىزدا  دېڭىز  نىسبىتى يۈزدە %71  ، قۇرۇقلۇق  نىسبىتى يۈزدە %29 ، زامانىۋى بىلىمنىڭ  نەتىجىلىرىمۇ دېڭىز  دۇنيانىڭ % 71 ىنى ، قۇرۇقلۇق  دۇنيانىڭ  %29 ىنى تەشكىل قىلىدۇ دەپ قارىماقتا .
سىرىئوس يۇلتۇزى  ۋە 49
كېچىلىرى  ئاسماندا ئەڭ پارلاق يۇلتۇز بولغان سىرىئۇس يۇلتۇزى قۇرئاندا  نەجىم (يۇلتۇز) سۈرىسىنىڭ  49 – ئايىتىدە ئۇچرايدۇ . ‹ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ  پەرۋەردىگارىدۇر › (نەجىم سۈرىسى ، 49 – ئايەت ) ئەرەبچە مەنىسى ‹شىئرا› بولغان سىرىئۇس يۇلتۇزىنىڭ پەقەت 49 – ئايەتتە    ئۇچرىشى  ھەقىقەتەن  قىزىقارلىق  بىر ئەھۋالدۇر . چۈنكى ئالىملار سىرىئۇس  يۇلتۇزىنىڭ ھەركىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تېلىسكوپسىز كۆرۈنمەيدىغان  سىرىئوس ب يۇلتۇزىنىڭ  سېرىئوس ئا ئەراپىدىكى ئايلىنىش ۋاقتىنىڭمۇ 49 يىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان .
تۆمۈرنىڭ  ئاتوم نۇمۇرى
قۇرئاندىكى ھەدىد ناملىق سۈرىدە ناھايىتى قىزىقارلىق بىر چۈشەنچە  بار . بۇ سۈرىدە تۆمۈرنىڭ ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەنلىكى تەكىتلىنىدۇ . ئاۋال بۇ ئايەتنى تەھلىل قىلايلى :‹ ... بىز تۆمۈرنىمۇ  چۈشۈردۇقكى ، ئۇنىڭدا بۈيۈك بىر قۇۋۋەت ۋە ئىنسانلار  ئۈچۈن مەنپەئەتلەر  بار ..› ( ھەدىد  سۈرىسى ، 25 – ئايەت ) ، بۇ ئايەتتىكى ‹چۈشۈرمەك › سۆزى تۆمۈرنىڭ دۇنيا سىرتىدىن كەلگەنلىكىنى  تەكىتلەيدۇ . بۈگۈنكى ئاسترونومىيە  بىلىمىمۇ تۆمۈر ماددىلىرىنىڭ ئالەمدىكى  چوڭ يۇلتۇزلاردىن كەلگەنلىكىنى  يەكۈنلىدى .
تۆمۈر  سۆزىنىڭ ئەرەبچىدىكى  سانلىق قىممىتى 26 ، تۆمۈرنىڭ
  ئاتوم نۇمۇرىمۇ  26  .
365 كۈن
قۇرئان كەرىمدە  ‹بىر كۈن › سۆزى 365  قېتىم ئۇچرايدۇ . بىلگىنىمىزدەك ، يەر شارى  قۇياش ئەتراپىدا تولۇ ق  بىر قېتىم ئايلىنىشىغا 365 كۈن كېتىدۇ ، يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلانغاندا ئوخشاشلا ئۆز ئوقىدىمۇ  دەل 365  قېتىم ئايلىنىدۇ .
  نۇھ ئەلەيھىسالام  كېمىسى ۋە 44 – ئۇزۇنلۇق ؛
قۇرئان كەرىمدە نۇھ كېمىسى جايلاشقان  يەر ‹ھۇد› سۈرىسىنىڭ 44- ئايىتىدە ئۇچرايدۇ :‹ ئى زېمىن ، سۈيىڭنى  يۇتقىن ، ئى بۇلۇت ، تارقىغىن ، دىيىلدى ، سۇ سوغۇلدى ، ئاللاھنىڭ ( كاپىرلارنى  غەرق قىلىشتىن ئىبارەت ) ھۆكمى  ئىجرا قىلىندى ، كېمە جۇدى ئۈستىدە توختىدى ، (زالم قەۋم ھالاك بولسۇن ) دېيىلدى › (ھۇد سۈرىسى ، 44- ئايەت )
قۇرئاندا نۇھ كېمىسىنىڭ جايلاشقان يېرىنىڭ 44 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنىشى ناھايىتى قىزىقارلىق  بىر ئەھۋال . چۈنكى تەۋراتتا  كېمىنىڭ جايلاشقان يېرى  دەپ كۆرسىتىلگەن ئاغرى تېغى ۋە ئەتراپى 44- ئۇزۇنلۇقتا .
ھەج ۋە 22- كەڭلىك
مۇسۇلمانلارنىڭ  داۋاملىق يۈزلىنىدىغان بۇ مۇھىم مەركەزنىڭ جۇغراپىيلىك ئونى ‹قۇرئان كەرىم › دە ئۆزىنى  يوشۇرماقتا . ھەر يىلى  مىليونلارچە مۇسۇلمانلارنىڭ  ھەج ئىبادىتىنى ئورۇنلىماق ئۈچۈن بارىدىغان يېرى – مەككە  22- كەڭلىكتە ، قۇرئان كەرىمدىكى  ھەج سۈرىسىمۇ دەل  22- سۈرىدۇر .
33- كەڭلىك ۋە 35 – ئۇزۇنلۇق ، ئىسرائىل
قۇرئاندىكى  ئال ئىمران سۈرىسى ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ  قايسى كەڭلىك ۋە قايسى ئۇزۇنلۇقتا  قۇرۇلىدىغانلىقىغا بىشارەت بەرمەكتە . ‹ ئال ئىمران › تىلىمىزدا ‹ ئىمران ئائىلىسى › مەنىسىدە .
ئىمران ئائىلىسى ئىسرائىل ئوغۇللىرى نەسلىدىن ، شۇنداقلا ‹ ئال ئىمران › سۈرىسىنىڭ  پەقەت  33- ۋە 35 – ئايەتلىرىدە ‹ ئىمران › سۆزى ئۇچرايدۇ . دىققەت قىلىنسا ، بۈگۈنكى ئىسرائىل دۆلىتىمۇ  33- كەڭلىك ۋە 35- ئۇزۇنلۇقتا .
جىنىس ۋە 23- خروموسوم  جۈپلۇكى
ئىنسانلارنىڭ ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ گېن تۈزۈلۈشى خروموسوملار
غا باغلىق ھەمدەDNA لار بۇ خروموسوملارغا  ئورناشقان .
جىنىسنىڭ ئىنىقلىنىشى 23- خروموسوم جۈپلىكىگە باغلىق ، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ 23- خروموسوم جۈپلىكى شەكىلدە بولسا ايال جىنىسلىق ،  شەكىلدە بولسا ئەر جىنىسلىق بولىدۇ . ماس ھالدا قۇرئان كەرىمدە ‹ ئەر › ھەم ‹ ئايال › سۆزى ئايرىم – ئايرىم  23 قېتىم تەكرارلىنىدۇ .
ھەرىنىڭ  گېن نۇمۇرى
جانلىقلارنىڭ  گېن شىفىرى بولغان  د ن ا لار خروموسوملاردا ئورناشقان ، مەسىلەن ، دۇنيانىڭ  ھەر يېرىدىكى  ھەرىلەرنىڭ خروموسوم  سانى ئوخشاش ھەم ئۆزگەرمەستۇر .
ئومومەن ، ھايۋانلارنىڭ  چىشى ۋە ئەركىكىدە ئوخشاش خروموسوم بولىدۇ ، پەقەت ھەرىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ ، چۈنكى ئەركەك ھەرە 16تاق خروموسومغا ، چىشى ھەرە  16 جۈپ خروموسومغا  ئىگە .
قۇرئاندا  باش ماۋزۇسى ‹ نەھل (ھەرە ) ›  ئىسمىدە  بولغان بىر سۈرە بار ،
بۇ سۈرە دەل 16 – سۈرىدۇر .
ئېشەك  ۋە  31 – 62 – سۈرە
قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قانچە  يېرىدە ئېشەك سۆزى ئۇچرايدۇ ، پەقەت ‹لوقمان ›(31- سۈرە ) ۋە  ‹جۇمۇئە › (62- سۈرە )  سۈرىلىرىدە  تىلغا ئېلىنغان بىردىنبىر  ھايۋان ئېشەكتۇر . مانا بۇ نۇقتىدا  يەنە بىر قىزىقارلىق  ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز ، چۈنكى ئېشەكنىڭ  خروموسوم سانى  سۈرە  نۇمۇرى  بىلەن بىرمۇ بىر ئوخشاش .  ئېشەك  تۈرىدە  31 جۈپ ، يە نى 62 تال خروموسوم بار . ئەنە شۇ سۈرىلەرنىڭ  نۇمۇرلىرىمۇ  31 ۋە 62 .
بۇ كىتابتا يەنە نۇرغۇنلىغان زامانىۋى بىلىملەرنى  پەن ۋە دىن نۇختىسىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ ، زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەر تەرەققىي قىلىپ ، ئەمدىلەتىن بايقىلىۋاتقان  مەسىسىلەرنىڭ بۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن  قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق  بايان قىلىنغانلىقىنى  بىزلەرگە  بىلدۈرگەن .
بۇ  پەقەت دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى خالاس .
يەنە؛
دوكتۇر تارىغئەل سۋائدىن قۇرئان كەرىمدىكى بەزى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان بىر نەرسە بىلەن يەنە بىر  نەرسە ئوتتۇرسىدا ئوخشاشلىق بارلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن،  دوكتۇر بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قۇرئان كەرىمدە كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئوخشاش بولغان سۆزلەر ئوتتۇرسىدا ماس كېلىش بارلىقىنى بايقىغان.
   ئەرەب تىلىدىكى قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان بەزى سۆزلەرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈلۈش قېتىم سانىغا دېھقەت قىلىڭ.
دۇنيا 115 قېتىم ، ئاخىرەت 115 قېتىم
پەرىشتىلەر  88 ، شەيتان 88
ھايات 145 ،ئۆلۈم 145
پايدا 50 ،زىيان 50
ئادەملەر 50 ،پەيغەمبەرلەر 50
ئىبلىس 11 ،ئىبلىسنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەش 11
مۇسىبەت 75 ،ئاللاھ غا رەھمەت ئېيتماق 75
سەدىقە 73  ،مەمنۇنلۇق 73
ئازغان بەندىلەر 17 ،ئۆلگەن كىشىلەر 17
مۇسۇلمانلار 41 قېتم ، جىھاد 41 قېتىم
ئالتۇن(بايلىق) 8 ،جاپا-مۇشەققەتسىز تۇرمۇش 8
سېھرىگەرلىك 60 ، پىتنە 60
زاكات 32 ، بەراكات 32
ئەقىل 49 ،نۇر 49
تىل 25 ،ئىلىم ئۆگىتىش 25
ئوچۇق-ئاشكارا (ئىلىم) سۆزلەش 18 ،دەۋەت 18
جاپا-مۇشەققەت 114 ،سەۋىر 114

ئەر 23 ، ئايال 23  
  تۆۋەندىكى  سۆزلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ .
  سالات(ناماز) 5 ،ئاي 12 ، كۈن 365
دېڭىز 32 قېتىم ،قۇرۇقلۇق 13 قېتىم .
يەر شارىنىڭ تاشقى يۈزى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن  تەركىب تاپىدۇ.
(دېڭىز)32 +( قۇرۇقلۇق) 13 =45
دېڭىز= 32 \45 =0.711111111=  %   71.11111111
قۇرۇقلۇق=13\45= 0.288888889= % 28.88888889
ھازىرقى زامان ئىلغار پەن-تېخنىكىسى پەقەت يېقىنقى نەچچە يىلدا سۇ يەر شارىنىڭ 71.111 % نى ،قۇرۇقلۇق بولسا 28.889 % نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
  ئەجىبا بۇلارنىڭ ھەممىسى تەساددىپى توغرا كېلىپ قېلىشمۇ؟ مۇھەممەد پەيغەمبەرگە بۇلارنى زادى   كىم  ئۆگەتكەن؟ ھەر قانداق بىر ئەقىل  ئىگىسى بۇنىڭ جاۋابىنى تەبىئي ھالدىلا ئويلاپ يىتەلەيدۇ. بۇلارنى ھەممىگە قادىر ئاللاھ تائالا ئۆگەتكەن.
  بۇ ماتىريالنى دوستلىرىڭىزغا يەتكۈزۈپ بېرىڭ.
  ئاللاھ ھەممە قېرىنداشلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي! ئامىن
...............................................................................     
   
     مەن 1994-يېللېق مېللەتلەر ئېتتپاقلىقى ژورنىلىدا ئېلېكتىرونلۇق مېڭە ئاستىدىكى قۇرئان كەرىم دىگەن تېمىدا مۇشۇنداق سان-سىپىرلىق مۆجىزەلەرنى ئوقۇغانتىم  .ئۇنڭدا قۇرئاننىڭ 19بىلەن بولغان ئاجايىپ  مۇناسىۋەتلىك مۆجىزەلەرىنى بايان قىلغان ئىكەن.بۇنى مەن ئېسىمدەقالغىنى بويىچە قىرىنداشلارغا يەتكۇزەي.
            ئىلىكتىرۇنلۇق مىڭە ئاستىدىكى قۇرئەن كەرىم
قۇرئان كەرىم دۇنياغا نازىل بولغىلى 1400-يىلدىن ئاشتى .بۇ جەرياندا نورغۇنلىغان كىشىلەر ئوخشىمىغان نوقتىدىن تۇرۇپ قۇرئان كەرىمنى تەتتىق قىلىپ كەلدى .ئىلىكتىرۇنلۇق پەن تىخنىكىنڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ،بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئان كەرىمنى ئىلىكتىرۇنلۇق مىڭنىڭ شىفىرىگە تەرجىمە قىلىپ چىقتى ۋە بۇئارقىلىق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ مۆجىزىلىك سان-سفىرلارنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەنقۇرئاندىن ئىبارەت  بۇمۇقەددەس كىتاپنى ئىنساننىڭ يىزىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى ،تۆۋەندە ئىلىكتىرۇنلۇق مىڭە ئارقىلىق بايقالغان بىر قىسىم مۆجىزىلىك سانلارنى كۆپچىلىككە سۇنىمىز:
1.قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنجى جۇملە ئايىتى <<بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم >>بولۇپ ،بۇ جۇملە ئەرەبچە <<ئىسىم،اللە،رەھمان،رەھىم>>دىن ئىبارەت تۆت سۆزدىن ھەم 19 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان.  ،پۇتۇن قۇرئان  كەرىمدە يۇقارقى تۆت سۆزنىڭ ئومۇمى تەكرارلىنىش قىتىم سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.(يەنى19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ)
2.قۇرئان كەرىمدە جەمئى 114سۈرە بولۇپ ،9-سۈرە  سۈرە تەۋبىدىن باشقىلىرى (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم )بىلەن باشلانغان .يەنى (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم )بىلەن باشلانغان 113سۈرە بولۇپ بۇنىڭغا يەنە بىر سۈرىنىڭ ئچىدىكى يەنى سۇلايمەن ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلقىسقا
يازغان مەكتۇبى بايان قىلىنغان ئايەتتىكى (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم)نى قوشقاندا  جەمىئى  (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم )بىلەن باشلانغان سۈرە 114بولىدۇ.  114بولسا 19نىڭ 6ھەسسىسىدۇر،
3.قۇرئان كەرىمنىڭ ئىككىنچى سۈرىسى سۈرە بەقەرە بولۇپ بۇ سۈرە (ا ل م)(ئەلىف،لام،مىم) دىگەن ئەرەبچە يالغۇز ھەرىپلەر بىلەن باشلان-
غان،بۇ ھەرىپلەرنىڭ مەزكۇر سۈرە ئىچىدىكى ئومۇمى تەكرار لىنىش قىتىم سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.(يەنى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ)(ھەر بىر ھەرىپنىڭ تەكرارلىنىش قىتىم سانى ۋە 19نىڭ قانچە ھەسسىسى بولىدىغانلىقى ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ،كەچۇرگەيسىزلەر).
4.قۇرئان كەرىمدە يۇقارقىدەك يالغۇز ھەرىپلەر بىلەن باشلانغان سۈرىلەردىن جەمئى29سۈرە بولۇپ ،شۇ يالغۇز ھەرىپلەرنىڭ شۇ سۇرە ئچىد-
ىكى تەكرارلىنىش قىتىم سانى ئايرىم -ئايرىم ھالدا 19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ(يەنى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ). مەسىلەن قۇرئان كەرىمدىكى قاف سۈرىسى (ق )بىلەن باشلانغان بولۇپ بۇ ھەرىپنىڭ مەزكۇر سۈرە ئچىدىكى تەكرار لىنىش قىتىم سانى 19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ،يەنى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ.ياسىن سۈرىسى ئەرەبچە (يس)(ياسىن)دىگەن ئىككى يالغۇز ھەرىپ بىلەن باشلانغان بولۇپ بۇ ئىككى ھەرىپنىڭ بۇ سۈرە ئىچىدىكى تەكرارلىنىش قىتىم سانى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ(19نىڭ ھەسسىسگە توغرا كىلىدۇ).  پۈتۇن قۇرئان كەرىمدە مۇشۇنداق يالغۇز ھەرىپلەردىن 80دىن ئارتۇق بولۇپ،ھەممىسىنىڭ شۇ سۈرىلەر ئچىدىكى سانى19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ،بۇنىڭ توغرىلىقىغا قىل سىغمايدۇ،ھەرقانداق ئادەم  ھىسابلاپ كۆرسە بولىۋىرىدۇ .
5.قۇرئان كەرىمدە نورغۇنلىغان سان-سفىرلار تىلغا ئىلىنغان .مەسىلەن :1000يىل ،1000ئاي ،40كۇن ،12بۇلاق ،قاتارلىقلار. قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغان بارلىق سان-سفىرلارنى قوشقاندا كىلىپ چىققان سان يەنە 19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ،(يەنى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ)
بۇسانلارنىڭ بەزىلىرى بىر قانچە يەردە تىلغا ئىلىنغان بولۇپ تەكرارلانغانلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كىيىنكى جۇغلانما سان يەنە 19نىڭ  
ھەسسىسگە توغرا كىلىدۇ (يەنى19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ).
6.قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نازىل بولغان    ئەلەق سۈرىسى سۈرە تەرتىبى بويىچە 96-سۈرە بولۇپ بۇ سۈرە ئاياغدىن سانىغاندا (يەنى 114-سۈرىدىن باشلاپ باشلام تەرەپكە سانىغاندا) 19-سۈرىدۇر. بۇ سۈرىنىڭ بىشىدىكى (ئوقۇ،ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقىغىن،ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى ،ئوقۇ،پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر،ئۇ ئىنسانغا قەلەم بىلەن خەت يىزىشنى ئۇگەتتى،ئىنسانغا بىىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۇردى ) دىگەن بەش ئايەت مۇھەممەد ئەيھىسسالام ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقاندا  اللە تەرىپىدىن جىبرىئلنىڭ ۋاستىسى بىلەن چۇشۇرۇلگەن تۇنجى ۋەھىيدۇر،  بۇ بەش ئايەت جەمئى 19 ئەرەبچە سۆزدىن تۈزۇلگەندۇر.
بۇبەش ئايەت قۇرئان كەرىمنىڭ ئوسمانى نۇسخىسى (قۇرئاننىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى )بويىچە ھىسابلىغاندا  76ئەرەبچە ھەرىپتىن  تۇزۇلگەن بولۇپ ،76بولسا 19نىڭ 4ھەسسىسىدۇر، بۇ ئەلەق سۈرىسى يەنە 19 ئايەتتىن تۈزۇلگەن سۈرىدۇر ،
قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ 19دىن ئىبارەت ئاجايىپ مۆجىزىلىك سان بىلەن نىمە ئۈچۇن  بۇ قەدەر زىچ  مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ۋە بۇ نىڭ سەۋەبىگە ھازىرغىچە ھىچ بىر ئىنسان جاۋاپ بىرەلىگىنى يوق .
ماقالىدە تىلغا ئىلىنغان سان-سفىرلار تۇگىدى .
بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئان كەرىمنىڭ 19دىن ئىبارەت بۇ سان-سىفىرلىك مۆجىزىلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:قۇرئانى كەرىمدە ؛ <<بىز دەۋزەخ پەرىشتىلىرىنىڭ سانىنى 19 قىلدۇق ،بۇ ئارقىلىق كاپىرلارنى سىنىدۇق ،تاكى ئەھلى كىتاب (يەھۇدى ۋە ناسارالار) بۇ ساننى ئۆزلىرىنىڭ   كىتابلىرىدا كۆرۇپ )ئسلامنىڭ ۋە قۇرئاننىڭ (ھەق ئىكەنلىكىگە ئىمان ئىيتقاي>>.دىگەن مەزمۇندا ئايەت بار ،
ھازىر نەزەر سالىدىغان بولساق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياشىغان  دەۋەرلەردە كومپىيۇتىر ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس .مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئوقۇمىغان ساۋاتسىز كىشىدۇر .  بىر كىشى ئەسەر يازار بولسا يازماقچى بولغان ئەسىرىگە مەخسەتلىك ھالدا بىر قىسىم سان-سفىرلارنى قوشماقچى بولسا بۇ سان-سىفىرلارنىڭ ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە دەخلى يەتكۇزىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ،ئەمما 19دىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىلىك
سان پۇتۇن قۇرئان كەرىمگە شۇ دەرىجىدە بىرىكىپ كەتكەنكى ئۇ قۇرئاننىڭ پاساھەت ۋە بالاغىتىگە ھىچ قانداق تەسىر يەتكۇزمىگەن .
زامانىمىزدە ھىچ قانداق يازغۇچى كومپىيۇتىردا ھەرىپ تىزىش ئارقىلىقمۇ سان-سىفىرلارنى ئۆز ئەسىرىگە مۇنداق زىچ بىرىكتۇرەلمىگەن
ھەم بىرىكتۇرەلمەيدۇ. يەنە مۇلاھىزە قىلساق كومپىيۇتىرنى كەشىپ قىلغۇچىلار ناسارالار بولۇپ ،بۇگۇنكى كۇندە ئۇلار قۇرئانى كەرىمنىڭ 19بىلەن بولغان مۆجىزىلىك باغلىنىشىنى ئىلىكىتىرۇنلۇق مىڭىدە تەتقىق قىلىپ 19دىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىلىك ساننى كۆرگىنىدە ۋە اللەنىڭ يۇقارقى ئايىتىنى ئاڭلىغىنىدا ، ئسلامنىڭ ۋە قۇرئاننىڭ ھەق ئىكىەنلىكىگە ئىشەنمەسلىىگە نىمە پاكىتى بولسۇن؟؟؟؟!!!!!!!!
اللە مۇنداق دەيدۇ:<اللە قۇرئاننى ئۆز ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى ،>.
اللە ھەممىمىزنى ئسلامغا ھىدايەت قىلسۇن .
قىرىنداشلىرىمغا قۇرئاننىڭ مەن ئاڭلىغان يەنە بىر مۆجىزىسىنى ئىيتىپ بىرەي:اللە قۇرئاندا << بىز قوياشنى نور چاچقۇچى ،ئاينى يورۇق قىلىپ ياراتتۇق.>>دىگەن .ئايەتتىكى  ئاينى يورۇق قىلىپ ياراتتۇق  دىگەن كەلىمە ئاينىڭ يورۇق قىلىنغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ،بۇگۇنكى كۇندە ئاستورونۇمىيە ئىسپاتلىدىكى ،ئاينىڭ ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقمايدۇ ،ئۇ پەقەت قۇياشتىن قايتقان يورۇقلۇقتۇر،دىمەك ئاي
قۇياش نورى ئارقىلىق يورۇق قىلىنغان .مۇلاھىزە قىلساق ئايەتتە ئىنىق ھالدا ئاينىڭ ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقمايدىغانلىقى ئىيتىلغان ،  
ئويلاپ كۆرگەن كىشىگە قۇرئاننىڭ ھەقىقەتەن اللەنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماسمۇ؟؟    چۇنكى قۇرئان نازىل بولغان چاغدىكى
كىشىلەر ۋە يىقىنىقى زامانغىچە كىشىلەر بۇ ئاستورنومىيلىك بىلىمدىن بىخەۋەر ئىدى .

اللە توغرىسىنى بىلگىچىدۇر.

يۇقارقى ئىلمى دەلىللەر قۇياشتەك پارلاپ تۇرسىمۇ، ئاللاھقا ئىشەنمەي يۈرۈش. قىپقىزىل نادانلىقنىڭ ئالامىتى!؟!؟! ....
. ئاللاھ قۇرئاندا شۇنداق دەيدۇ) ئاللاھنىىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى ! .ھەقنى ئاڭلىماي گاس بولىۋالغان، ھەقنى سۆزلىمەي گاچا بولىۋالغان ،ياخشى ياماننى ،ھەقىقەتنى پەرق ئەتمەي ئەقلىنى يوقاتقان كىشىلەردۇر!( سۈرە ئەنفال 21- ئايەت.

مەنبە
تور دۇنياسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103400
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2348
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 03:21:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 09:08 PM
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئەبۇغازى قېرىندىشىم! خەلقىمىز سى ...

رەھمەت.....زىيادە ماختىۋەتتىڭىز.
ئاللاھ ھەممىمىزگە مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108643
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 235
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-7-22
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 04:15:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە رەھمەت.مىنىڭ تېمامنى تېخىمۇ بېيىتىپ يوللاپسىز.ھەقىقەتەن ياخشى بۇپتۇ.لىكىن پۈتۈنلەي كۈچۈرۈپ ئالدى كەينىگە ئازراق مەزمۇن تۇلۇقلىغانلىقىڭىزدىن سەل خاپا بولغان بولساممۇ لىكىن يەنىلا سىزنى قوللايمەن. پەقەت ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ ئۇقۇغان بولسىلا شۇ ماڭا كۇپايە.يەنىمۇ تىرىشڭ.(باھادىر يىگىت )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13306
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 656 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 07:02:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 10:08 AM
  

بىر تال يىڭنە ئۆزى يارىلىپ قالغان دېسە بىرمۇ ئىنسان ئىشەنمەيدۇ،لېكىن پۈتكۈل كائىنات ئۆزى يارىلىپ قالغان دېسە ئىشىنىدىغانلار ساماندەك.ھەقىقەتەن ئەقىلغا سىغمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96400
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1140
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 07:17:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ئىسىل تىما  بوپتۇ،     ئۇيغۇر  دىسە   يۈركۈم   يايراپ   كىتىدۇ دىسە........

مىنى ئىزدەپ بولما ئاۋارە، مەن  كەتتىم ئۆزۈمنى ئىزدەپ......  :::

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 10:00:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bahadirman يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 04:15 PM
سىزگە رەھمەت.مىنىڭ تېمامنى تېخىمۇ بېيىتىپ يوللاپسىز.ھ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باھادىرمەن قېرىندىشىم! ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەھمەت! ئەينى چاغدا سىزنىڭ ( كىملىكىڭىزنى تېپىۋىلىڭ) دىگەن يازمىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم. ھەم بىرخىل ئىلھام كەلدى. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ تىمىڭىزغا بىرقىسىم يازمىلارنى قوشۇپ، خەلقىمىزگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەندۈردىغان ئەمىلى پاكىتلىق بۇ يازما پۈتۈپ چىقتى. مەنبەسىگە سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ قوشۇپ قويغان ئىدىم. كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىم بولسا ئەپۇ قىلارسىز........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 10:00:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bahadirman يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 04:15 PM
سىزگە رەھمەت.مىنىڭ تېمامنى تېخىمۇ بېيىتىپ يوللاپسىز.ھ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باھادىرمەن قېرىندىشىم! ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەھمەت! ئەينى چاغدا سىزنىڭ ( كىملىكىڭىزنى تېپىۋىلىڭ) دىگەن يازمىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم. ھەم بىرخىل ئىلھام كەلدى. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ تىمىڭىزغا بىرقىسىم يازمىلارنى قوشۇپ، خەلقىمىزگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەندۈردىغان ئەمىلى پاكىتلىق بۇ يازما پۈتۈپ چىقتى. مەنبەسىگە سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ قوشۇپ قويغان ئىدىم. كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىم بولسا ئەپۇ قىلارسىز........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 10:01:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bahadirman يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 04:15 PM
سىزگە رەھمەت.مىنىڭ تېمامنى تېخىمۇ بېيىتىپ يوللاپسىز.ھ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باھادىرمەن قېرىندىشىم! ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەھمەت! ئەينى چاغدا سىزنىڭ ( كىملىكىڭىزنى تېپىۋىلىڭ) دىگەن يازمىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم. ھەم بىرخىل ئىلھام كەلدى. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ تىمىڭىزغا بىرقىسىم يازمىلارنى قوشۇپ، خەلقىمىزگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەندۈردىغان ئەمىلى پاكىتلىق بۇ يازما پۈتۈپ چىقتى. مەنبەسىگە سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ قوشۇپ قويغان ئىدىم. كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىم بولسا ئەپۇ قىلارسىز........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 10:09:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 07:02 PM
بىر تال يىڭنە ئۆزى يارىلىپ قالغان دېسە بىرمۇ ئىنسان ئ ...

شۇنداق قېرىندىشىم! ياخشى، ......ئاللاھ ئىگەم. ھەرقانداق بىر نەرسىنى بىرسى ياراتمىسا ئۆزلىگىدىن يارىلىپ قالمايدىغان قىلىپ بۇ ئالەمنى سەۋەبلىك ئالەم قىلىپ يارىتىپ قويغىنى! .......بولمىسا دىنسىز لىق تېخىمۇ كۆپۈيۈپ كىتەرمىدىكى دەپ ئويلاپ قالىمەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش