izqel يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 04:17 PM
سىزمۇ ئايالنىڭ ئىيتقان :ئىرىمنى ئانداق ياخشى كۆرەتتى ...
تېمىلىرىمغا ئەتراپلىق پىكىر قاتناشتۇرۋاتىسىز . رەھمەت قېرىندىشىم .
راست دەيسىز ، چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ . ئاشۇ ئەرنىڭ ئۆيدىكى ئوخشۇغان لەغمەننى يىمەي ، تالادىكى سۇيۇقئاشقا ئۆگۈنىپ قېلىشىدا چوقۇم ئايالنىڭمۇ مەسئۇليىتى بار . ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىنلا ئۈكۈنىشتە قالغانلىقى ھەم بۇ ئائىلىنى قوغداپ قالماقچى بولغىنىمۇ شۇ ئايالنىڭ جاسارىتى باركەن دەپ چۈشەندىم . نۇرغۇن ئاياللار ‹ئېرىمنى ياخشى كۆرۈمەن ، مەيلى ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات › دىيەلىگىنى بىلەن ئەمما مېنىڭچە ئاشۇ ئۆتكەن ئىشلارنى كىيىنكى كۈنلەردە ئويلۇمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ . بەلكىم ئاشۇ پەرزەنتتىن ئىبارەت بۇ ئارغامچىلا بۇ ئائىلىنى باغلاپ تۇرىدۇ خالاس دېسەم خاتالاشقان بولماسمەن .
كېيىنكى پەيدا بولغان ئايال ھەقىقەتەن بىشەم ئايال . ئەر ناۋادا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىغان ھەلەتتىمۇ ، بۇ ئائىلىدە جىدەل -ماجرا تۈگۈمەي ، بالىغا بەك تەسىرى بۇلىدۇ . شۇنداقلا ئاۋۇ نىكاھسىز بولسىمۇ بىگۇنا تۆرەلمىە بالا تۇغۇلماستىنلا ، يامان ئاتاق ،كېيىنكى تەربىيە ، بالىلىق ، ياشلىق دەۋېر دېگەندەك ھايات مۇساپىسىنى داۋام ئەتكۈچە زادى قانداقراق ئادەم بۇلۇپ چىقار ؟!
شۇڭا مېنىڭچە ئاجىراشقىنى بولدى دەپ قارايمەن . ئەمدى ئىككى بالا ئوتتۇرسىدا قاتراپ ھالسىرغان دادىنىڭ ھېكايىسى قانداق بۇلا ؟ بۇ ھەقتىمۇ بىر نىمىلەرنى جىجىلاپ باققىم كىلىۋاتىدۇ ...