مەھمەت94 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 04:03 PM
لىكىن بۇ قازاقلار بىزلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەنلىكى ...
قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تور بەتلىرنى مەنمۇ ئارىلاپ تۇرىمەن ،يەنە كېلىپ ئالىي مەكتەپتىكى چېغىمدا بىزنىڭ كەسپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئۈچتىن بىرى قازاق ئىدى ،شۇڭا بۇ قېرىنداشلارنى خېلى چۈشىنىمەن .
بىز توغرىسدا كىم نىمەدىسىۇن تارىخنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولغان بىلەن ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس . شۇڭائۇنداق بىرقىسم «تۈلكە ئۆز ئىنىغا ھۈرسە قوتۇر بولۇر »دىگەن ماقالنى بىلمەيدىغانلارنىڭ پاراڭلىرىغا ئىچمىزنى ئاچچىق قىلىش ئەرزىمەيدۇ ، «قاغا قاق ئېتەر ،ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتەر »دەپ پەرۋا قىلماي ،ئاكا بولغاندىن كېيىن كەڭ قوساق ، چوڭ سۈپەت يۈرىلى دىمەكچىمەن .
ئۆز ئىشمىزغا پۇختا بولۇپ تەرەققىي قىلىپ ۋۇسۇڭدەك «ئاكاڭ قارىغاي ئوغۇلنىڭ تۇنجىسى ،بىرىنچى غوجاكا دىسەڭ بولىدۇ» دىيەلەيدىغان ھالەتكە يەتكەندە ،ھازىر شىللىسىنى چىقرۋاتقان ئۇكىلارمۇ ئىككى چىشلىق كىۋەزدەك ھىجىيىپ ئالدىمىزغا كېلىدىغان بولىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-9 11:39 PM