kamiljantohti يوللىغان ۋاقتى 2014-8-17 01:14 AM
ياشلارنىڭ بۇنداق تۇرمۇشى ئەمدى كەلمەسكە كەتتى. 90-ي ...
ئىنكاسىڭىزدىن قارىغاندا ،شۇ چاغلارنى ۋە شۇچاغدىكى شوخلىقتىن تارتىپ بارلىق تۇرمۇشنى سېغىنغان ئوخشايسىز،مەن سەھرانى ئوبدان بىلىمەن،ھازىر تۈزۈلۈپ خېلى مەدەنىيلىشىپ قالدى،كەڭ يېزلىرىمىزنىڭ مۇشۇنچلىك تۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا شۇكىر قىلساق بولىدۇ. .دۆلتىمىزدە ھازىر شەھەر نوپوس،يېزا نوپوس دېگەنلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى ئىكەن،بۇنىڭدىكى مەقسەتمۇ شەھەر بىلەن يېزىنىڭ
پەرىقىنى تۈگىتىش،يېزىلارمۇ خۇددى شەھەرلىكلەر نېمدىن بەھرىمان بولسا شۇنىڭغا ئېرشەلەيدىغان شارائىتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن،ئاڭلىساق كورىيەنىڭ يېزلىرىغا بارسا مەدەنىيەت جەھەتتىن شەھەرلەردىن قېلشمايدىكەن،مۇشۇ مسرانمىدا قازاقستاندىكى بىر زامانىۋى يېزا كەنت توغرسىدا سۈرەتلىك تېما تۇرىدۇ.
2000-يىللاردا بىزمۇ ياپياشلا بالىلار ئىدۇق.شۇ ۋاقىتلاردىكى ئىشلارنى ئەسلىسەك ئەپسۇسلۇق ئىشلارنىڭ كۆپرەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.ئۇ چاغلاردا ئىچىدىغان چىكىدىغان ئىشلار خۇددى نورمال تۇرمۇشتەك ئىدى.شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئەسلىگۈدەك نەرى بولسۇن؟ئۇنى قانداقمۇ سېغىنغىلى بولسۇن؟
سىز تىلغا ئالغان ۋاقىتلارنى بەدىۋى ياۋايلىققا تولغان دەپ قارايمەن،چۈنكى بالىلار شەھەرلىك بالىلار يېزىغا ئويناپ بارسا بىكاردىنلا ئۇراتتى،،قىزلارنى يوللاردا توساپ ‹تەلەپ›قويدىغان ئىشلار بارئىدى..
يەنە مۇشۇ ئاپقاچتۇق دەپ نىكاھنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشلارمۇ يېزلاردا كۆپرەك بولاتتى،،،ئىشقىلپ بۇ بالىلار بىر توپ لۈكچەكلەرگىلا ئوخشايتتى....ھازىر خوشنسىڭ ئۆيگە توخو كەپتەر ئوغرلايدىغان ئىشلار، بىراۋنىڭ قىزىنى بىكاردىنلا ئەپقاچىدىغان ئىشلار يوق،،،قاراملىق ئەزقاتمايدىغان مەدەنىي دەۋىر يېزىلارغا يۈزلەنمەكتە،،،يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش،مول ھوسولغا ئالدىراش بولىۋاتسا ھېلىقى كېچىچە ناخشا توۋلاپ ،ناخشا ساز بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان مەشرەپ ئوينايمىز دەپ ھەپتىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان ئىشلار يوق ئاتا-ئانىلار خاتىرجەم بولۇپ قالدىمكىن دەيمەن.
ئەسەردە ساختلىق يوق ،چىنلىق بار،لىكىن بۇ چىنلىق ئارقىلىق ئۇنى قامچىلاش ئەمەس بىر خىل ھېسداشلىق سىڭشىپ كەتكەن،،،شۇڭلاشقا مۇشۇ جەھەتتىن پىكىر بېرشكە توغرا كەلدى. بىزنىڭ ئاقكۈڭۈل. يازغۇچىلىرىمىز رومانلىرىدا تەسىرگە بەك ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇلار نېمنى يېزىشقا قارىغاندا قانداق يېزىشقا بەكرەك كۈچىگەن.شۇڭلاشقا ئۇلار تەسۋىرلگەن دېھقانلار بولسا بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۇرۇلگەن نەمۇنلىك يېزىلىقلار بولۇپ ياخشى تەرەپلەرنى كۈيلەپ ،جاپاكەش، مېھنەتكەش دېھقان ئوبرازلىرى قەد كۆتۇرۇپ كەڭ يېزا تۇرمۇشىدىكى قاراڭغۇ تەرەپلەر ئېچىپ بېرەلمىگەن.
ئەسەرنى چىنلىق جەھەتتىن بۇ قاراڭقۇلۇقلارنى ئېچىپ تاشلىغان بولسا ھەقىقەتەن قالتىس ياخشى بولاتتى.لىكىن بۇ ناچار تەرەپلەرنى ئاقلاش ،سېغىنش ئەسلەش ھېسياتىدا بولغاچقا سەل كايىپ قويدۇق خالاس.ئەسەر بىرىنچى شەخس تىلدا ئەمەس ئۈچىنچى شەخىس تىلىدا يېزلغان بولسا بەلكىم بۇنداق يېقىنچلىقتىن ساقلانغىلى ئېچىپ تاشلىغىلى بولاتتى. ئەلۋەتتە بۇ ئاپتورنىڭ قەلەم ئەركىنلىكى،بىز پەقەت ئۆز پىكىرىمىزنى بەرگۈچى خالاس،بەلكىم بىز ئويلىمىغان باشقا نۇقتىلار بولۇشى مۇمكىن.
تۇرمۇشتىكى چىنلىق تەپسىلاتلارنى تېخىمۇ ھەقىقى يورۇتۇپ نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇشىڭىزگە تىلەكداشمەن،قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-17 01:43 PM