ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىز
ئابدۈشۈكۈر بارات‹قارا بۇغرا›
شۇنداق ئىللىق تەبەسسۇملۇق چىرايىڭ،
چىرايىڭدەك گۈزەل قىلغان خىيالىڭ، سەندىن رازى ئەل-يۇرت ئانا دىيارىڭ ، بەختىڭ كۈلسۈن ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىز. سۆيىنىدۇ سەندىن ھەر بىر قېرىنداش، بولۇپ سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن تىلەكداش، بولغۇم كىلەر سېنىڭ بىلەن سۆھبەتداش، ئەجدادىمنىڭ ئەمگىكىنى سۆيگەن قىز. سەن كۈلگەندە كۈلەر ئانا تەبىئەت، چۈنكى سەندە بولغاچ ئېسىل پەزىلەت، سېنىڭدە بار ئۇيغۇرۇمغا مۇھەببەت، ئەجدادلارنىڭ ئىزى بىلەن يۈرگەن قىز. ئۈچاڭدىكى ئەجداتلارنىڭ مىراسى، شۇڭا سەندە كۆرۇنىدۇ سىماسى، جىلۋىلىنەر شانلىق تارىخ ئىزناسى، ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەن قىز. سەندەك قىزلار بولۇپ بەرسە كۆپ ئۈلگە، ئۇنتۇلمايىتتى ئەنئەنىمىز مەڭگۈگە، ئوخشىتىمەن سېنى سۇلماس بىر گۈلگە، ئەقىدىدىن ئەلگە قۇۋۋەت بەرگەن قىز .
2014-يىلى8-ئاينىڭ-9-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-9 05:29 PM
|