خوتەنلىككە قايىل مەن . بىرنجىدىن خوتەنلىكتىن بالا ئوغۇرلىرى يوق دىيەرلىك . ئىككىنجى بۇلارنىڭ مەدىنىيەت قوبۇل قىلىشى تىز بىراق يۈرىت شىۋىسىنى گىلنى بوغىۋەتسىمۇ ھەتتا ئامېرىكا ، ياپۇنيەدە ، گېرىتسىيىەدە 40~30 يىل ياشىسىمۇ تاشلىمايدۇ .
يەنە بىر تەرىپى يامان چىرايلىق كىلدىكەن بۇلار .
خوتەنلىككە قايىل بولۇشۇم . بۇ رايۇنى تەكلىماكان رايۇننىڭ قۇم-بوران رايۇنغا يىقىن . تۇپراق شارائىيتى بىرقەدەر ناچار بولۇشىغا قارىماي خوتەنلىكلەر بۇ رايۇندا رەھىمسىز تەبىيئەت بىلەن كۆرەش قىلىپ نۇرغۇن باغۇ-بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىپ دۆلىتىمىز ئىچىدىلا ئەمەس بەلىكى چەتئەل رايۇنلارنىمۇ ئەلا سۈپەتلىك يەرلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىن ئىتىپ بۇ جەھەتتە باشقا رايۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدى بولۇپ ياشاپ كىلۋاتىدۇ .
مەدىنيەت قوبۇل قىلىشى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا دىيشىم . ئەينى ۋاقتىدا مەرھۇم گېتتار ئۇستىسى ئەخمەتجان مۇھەممەت ئىمىن ۋاقتىدا خوتەن ياشلىرى شىياڭگاڭلىق چىڭلۇڭنى دوراپ چاچ قويۇپ پۇتۈن ئۇيغۇرنىڭ ئالدى بوپ قالغان . ئەگەر تۇنۇگۈن ھىندىستانلىق شارۇلىخان بىر ئەترەڭ كۆينەكنى كىيىپ فىلمگە چىقسا ئايرۇپىلان بىلەن ئەتىسى خوتەنگە بىرىپ قاراپ بىقىڭ كۆپ سانلىق خوتەن ياشلىرىنىڭ ئۇچىسىدا ئەترەڭ كۆينەك ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز . بۈگۈن تۈركىيە پاسۇندىكى شىبلىت ئۈرۈمچىنىڭ توپ تارقىتىش بازىرىغا كىرىپ بولغۇچە خوتەن ياشلىرىنىڭ پۇتىغا نەچچە ھەپتە بۇرۇن چىقىپ بولغان بولىدۇ .
بۇرۇن ئىچكىردە بالا ئوغۇرلاپ ساتىدىغان ، بالىلارنى ئوغۇرلۇققا سالدىغان . ئۆز قىرىندىشىنى قىر-چاپ قىلدىغان قەشقەرلىك ، يەكەنلىك ، مارالبىشىلىق ....قارا گۇرۇھنىڭ كىشىللىرى كۆپ ئىدى بىراق خوتەنلىك ئاز ئىدى .
دەۋەرسەم بىر پوۋسىت بولغۇدەك توختاپلا قالاي مۇشۇ يەردە . ئىشىقىلىپ خوتەنلىك ياخشى .