babur99 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 03:36 AM
بالا چاغلاردا رەھمەتلىك چوڭ ئانامدىن توي -تۆكۈن ،نەزى ...
تۆردە ئولتۇسا دەيمەن، يا نەرسىلەرنى تارتىنماي يىگىلى بولمىغان . چاي ئىچسا چاي لەلەڭشىپ قوساق-پوساقنى ئۈتلەپ سەكىرتىۋىىپ بارغان . چۆچۈرە ئىچسە ئىغىزغا ئىلىپ بولغۇچە يەرتەۋىرگەندەك تىتىرەپ ئون چۆچۈرنىڭ سەككىزى قوشۇقتىن يەرگە پاراشۇتسىز سەكىرگەن . لەڭمەن يىسە لەڭمەننىڭ 10 سانتا يىرىنى شۈمۈپ بولغۇچە خىجىلقتىن بۇرنىمىز سالغان چاشنىڭ دانىسىدەك سۈ لەڭمەننى نەچچە تارتىپ بولغان . سەل كىچىكسەك قاچىمىزغا چۈشۈپ بىر ئوبدان لەڭمەن نارىن بولغان .
تىخى داستىخان ئاياغلاشقاندىن كىيىن دۇئا كەلتۇرمەكنىڭ قىيىنلىغى . ئۇزۇن قىلسا دۇئاسى بۇرۇن ئاخىرلاشقانلار قىلغىلى دۇئا تاپالماي ، بىر مۇنچە تاماق ئىشىپ قالدىغۇ ، قانداق قىلار بۇ تاماقنى ئۆي ئىگىسى ؟ يا ھىلى بىزگە يوللۇق تۇتارمۇ ؟ يا ئىلىپ قىلىپ قىزىتىپ يەرمۇ ؟ دەپ كۆزى ھىلى داستىخاندىكى ئىشىپ قالغان تاماقتا ، ئەر مىھماننىڭ كۆزى بولسا ھىلى ئۆينىڭ تورىسدا بۇ ئۆينى سالغىلى قانچە يىل بولغاندىكى دەپ . دۇئانى قىسقا قىلسا دۇئاسى تۈگۈمەي ئىشىپ قالغانلار ئىچىگە بىر ياخشى كىرىشىپ كەتكەن دۇئاسىنى توختۇتشقا كۆزى قىيماي كەلگەن يىردە توختۇتۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولۋاتقان . ساھىپخان بولسا ئىغىزى دۇئادا ، كۆزى كىم قايسى شۈمتەكلەر داستىرخاندىكى ئالما-ياڭاقنى ، باقالە-تۈرملەنى يانجۇقىغا سىلۋالاركىن دەپ مىھمانىلارنىڭ ئارىسىدا ھەر بىر مىماننىڭ ئوڭ-سولىغا جىندەك چاپلىشىپ ئولتۇرغان زومچكەك-زومچەك ئارىسلان ئوماقلارنىڭ قولىدا .
ھەييييييييييييييي مەنمۇ چوڭ بەردەم ئەر بولغىلى نە كەم ئاداش . بىراق ھازىرمۇ تۆردە ئولتۇرسام باشقا ۋاقتىدا 50 نى قاقسام نەم چىقمايدىغان مۇشۇ بۇرنۇمغا نەدىن پەيدا بولدىغاندۇ دەيمەن . سۇ پەيدا بولۋىلىپ بەك خاپا قىلىدۇ ، بەك خاپا قىلىدۇ . ئىچىمگە تارتىپ تۇرسام يەنە بىشىنى چىقىردۇ يەنە تارتىسام يەنە چىقىردۇ . ئادەمنىڭ ئەخلىتى گۈي ئەجەپمۇ چاندۇردىڭا ئەمدى بىر چىقىپ باقا . مانا ئەمىسە دەپ ئويلاپ كۈچەپ بىر تارتسام كونا-يىڭى ھەممىسنى تۇربا سۈيى توختاپ قالسا تۇربا يولدىكى سۇ بىراقلا كەينىگە يانغادەك بىراقلا چىقماس بولۇپ نەچچە مىنۇتتىن كىيىن پەيدە بولدىغان سۇيۇقلۇققا ئورۇن بوشىتىدۇ . تۇزلۇقلىغى بۇ كاساپەتنىڭ . خەقنىڭ بولسا قۇسۇپ سالاردىم ھەقەچان . ئۆزۈمنىڭ بولغاچ چىداپ تۇرۇپ سىرىتقا قاراپ يۈگرەپ چىقىپ تۈكۈرەي دەيمەنۇ بىراق كىچىكەن بولىمەن . مىھانلارنىڭ ئالىدا شۇ تازلىق سۆيەر ھەركەتنى ئىشلەپ قويمەن . بىراق قالغىننى ئۆزۈمگە ئايان .شۇڭا توردا توردە ئولتۇرۋالساممۇ بىراق ئۆي ، ياكى تۆي-تۆكۈنلەردە سىللىگە ئوخشاش تۆرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئولتۇرۋالىمەن . بۇ ئورۇن بەك راھەتكەن ،بەك راھەتكەن . بۇرنۇمغا سۇ كەلسىمۇ خاتىرجەم يان-بىنىمدا يوتقان-كۆرپە ، كىيم-كىچەك دىگەندەك بولۇپ تۇدىكەن ئىلىپلا سۈرتۈپ جايىدا تازلاپ تۇرغىلى بولدىكەن . ھەممۇ بۇ سورۇندا ئۆي ئىگىللىرىنىڭ مىجەز-خاراكتىرى .توتقان تۆشۈگلىگى . ئۆي تازلىقى ....دىگەندەك ئىشلار ئۈستىدە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا سىنىپمۇ-سىنىپ كىرىپ باھالاش قىلغاندەك باھالاش ئىلىپ بارغىلى بولدىكەن . بولۇمۇ مۇشۇ بىر مۇھىم يىرىنى يىڭى توي قىلدىغان بالىلار بەك ئۈگىنىۋىلىڭلار جۇمۇ . نامزات قىزلارنى يامان ياخشى كۆزۈتەلەيسىلەر .
ھە دەپ پەگانى ماختاۋەرسەم ، پەگا دىگەن ھەقىقەتەن كەم-كۈتسىز ياخشى ئورۇن دەپ ئويلاپ قالماڭلار بەزىڭلار ! پەگا دىگەننىڭمۇ دەردى بار ، ئۆزىگە چۈشلۈق زىينى بار يەرلىرىمۇ يامان كۆپ .
ساھىپخان ئايال داستىخانغا تاماق تارتىپ ، بۇرنلاردا ئۆزىنىڭ ئۆيىسىدە داستىخان باشقۇرۇش كەسپىدە يىتەرلىك بىلم ئالمىغان بولمىسا ، تاماقلارنىڭ ئېسىللىرىدىن 20~15 خىل تۈرلۈك تائاملارنى ئەكىلىپ تۆردىن تارقىتىپ كىلىپ پەگاغا 2 مىتىر قالغاندا تاماقلىرىنى يەتكۈزەلمەي . قىزىغا قارىسا قىزى بىر نىمىلەرنى دەپ شەرەتلىگەن ئانا-بالا ئۆزلىرىنىڭ گىپىنى ئۆزلىرى بىلشمىسە بىزلەر بىلىشمەي نىمە بولغاندۇ دىيشىپ قالغان . بىردەم ساقلساق ئانىسىنىڭ مىھمان بار يەردە گەپ قىلالماي ئاشخانا ئۆيدىكى قىزىغا يولىغان قىسقا ئۇچۇرى بىلەن ھايال ئۆتمەي قازاننىڭ تىگىدە قىلىپ قاقاچ بوپ كەتكەن پولۇ ، ئېزىلىپ پوتلا-ماڭقىسى چۇۋۇلۇپ كەتكەن چۆچۈرە ، ئىزلىپ كەتكەن ماش ، تىنىپ قالغان تاش .مۇزلاپ قالغان ئاش . قۇرۇت چۈشكەن ئالما . توڭلاتقۇغنىڭ تىگىدە قالغان تاتلىق-تۈرۈملەر ....دىگەندەكلەرنى شاھمەتنىڭ ئۇرۇغىدەك رەتسىز تىزىپ قويۇپ ، تۆردە ئولتۇرغان مىھماننىڭ سىن چىينى، مىھمان ئىچىپ بولالمىسا ئۆزى قۇيۇپ ئۆزى ئىچىۋىتىپ دىگەندەك ھەر مىنۇتىغا بىر قىتىمدىن يەڭگۈشلەپ ئولتۇردىغان گەپ . پەگادا ئولتۇرغانلار نىمە يىدى ، نىمە ئىچتى كارى يوقلا-كارى يوق !
مۇشۇنداق ساھىپخاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ قالدىڭمۇ بولدى . شۇ قىتىم تەلىيىم كاج كەپتۇ دىسڭلار بولىدۇ . ئەگەر ساھىپخان زىرەك . زىل ، بارماقلىرى بىلەن 50 ئىچىدىكى ھىساپنى ياخشى قىلالايدىغان ئېسىل ئايال بولسا تۆت نان بىلەن بىر يۈۋەنلىك شىمىشكىنى داستىخاننىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىقىغا نىسبەتلەشتۇرۇپ ياكى ئادەم بىشىغا بۆلۈپ ھىساپلاپ باراۋەر ، تەڭ قىلغان ئاساستا تەڭشەپ قويۇپ ، ھەممە مىھماننى تەڭ رازى قىلىپ . يەپ-ئىچىش مۇسابىقسى ئاخىرلىشىپ دۇئالەر قىلنىغاندا ، بارلىق چوڭ-كىچىك مىھماننىڭ چىن دىللىرىدىن قىلغان ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا قىلغان دۇئالەرىنىڭ بەركاتىغا ئىرىشىدۇ .
بولمسا تۆردە ئولتۇرغانلاردىن رەھمەت ، پەگەدا ئولتۇرغانلاردىن ( ئىچىمىزدە مالامەت قىلىمىز ) زەخمەت يەپ قالىدۇ .
تىخى قوساقنى ئىسىپ پەگادا ئولتۇرغان ئاچپاقا ،تۆردە ئولتۇرغان تاشپاقا دەپ گەپ تىپىۋاپتۇ بەزى ئايال ساھىپخانلار . پەگادا ئولتۇرغانلارنى تارتنىماي يەۋىرۇد دەپ ئاچپاقىغا ئوخشاتسۇن ماقۇل نىمە دەپ تۆردە ئولتۇرغانلارنى تاشپاقىغا ئوخشىتىغاندۇ دەپ تىگىگە يىتەلمەي يۈرسەم . يىقىندا بىرسى چۈشەندۇرۇش بىرىپ نىمە دەيدۇ : توردىكى مىمان قورنۇپ ھچىنىمە يىيەلمەي بوينىنى سىغىز سۇۋاپ قويغان ئىشىكتەك يۇمشاق تولغاپ ئۈ-تۈنسىز ئولتۇرغاچ تاشپاقا دەيمىشلەر . تاشپاقىنىڭ مىجەز-خاراكتىرى تۆردە ئولتۇرغان مىھمانلارنىڭ ئوبرازىغا دەل چۈشەرمىشلەر . ھۇ جاھاننى ئوڭ-تەتۇر قىلىدىغان دەخمىز خوتۇنلار !
مەن دەيمەن مۇشۇ مىھمان چاقۇرغۇچىلارغا دەيدىغىنىم تۆردە ئولتۇرغاندىن ئەمەس پەگەدا ئولتۇرغاندىن قوق . ماۋۇ ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىلىمۇ ئەمەس .ئۆزۈم كەشىپ قالغان ماقال-تەسىل . لىكىن پاتنىت ئالالمىدىم .كىم بولۇشتىن قەتئىي نەزەر شەخسى ئىشلەتسە نارازىلىقم يوق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-12 09:03 AM