Rujak يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 01:08 PM
مەنغۇ دۆڭكۈرۈكنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ قالسام ،بىرەسى كىلىپ ...
تېلېفۇن تۇتمىغاچ ئالاقە قىلىپ كىتەلمىدۇق ئۇكىجانىم . سالامەت تۇرۋاتامسەن ؟ يەنە شۇ بىيجىڭنىڭ ساقچىللىرىنى ‹‹ راسىت ›› پىراۋا بىلەن نەچچە يىلدىن بىرى كۆزىنى سىرلاپ قۇتۇلۇپ كەتكەندەك يەنە شۇ ‹‹ ھەقىقى ›› پىراۋاڭ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ يۈرۋاتامسەن ياكى پىراۋاڭ ھەقىقى ‹‹ ساختىلاشتىمۇ ››
دەيدىغىنىم ساڭا ، سالامەت بول . يولدا دىققەت قىل . ئەر كىشىنى كۆرسەڭ بىشىڭ ئاغىريىدىغان قىزلارنى كۆرسەڭ ئىچىڭ ئاغرىيدىغان مىجەزنى تاشلاپ ساۋاپ بولىدىكەن ئاكا دەپ ئەر يولداشنى كۆرسەك تۈكۈرۈپ قىز يولداشلارنى كۆرسەك تورمۇز قىلىشقا ئۈلگۈرمەي ماشىننىڭ چاقىغا پۇتۇڭنى تىقىپ دىگەندەك توختىتىپ ماشىناڭغا سىلىپ چۈشەردە 50 يۈۋەن پۇل بەرسە ئاشقىنى ماۋۇ دەپ 100 يۈۋەننى بىرىدىغان مىجەزىڭنى ئوڭ يۈزىگە ئالماشتۇرۇپ ئىمكان بار ئاۋۇ يىڭى كىلنچەككە ساداقەتمەنلەر ساريىنىڭ مۇخلىسلىرىدەك ساداقەتمەن . ۋاپادار . كۆيۈمچان لاياقەتلىك بىر ئەر بولۇشڭىغا ئۈمۈت قىلىمەن .بولسا ۋاقىتڭ چىقسا ماۋۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قوي . مەن باراي دىسەم ئۆزۈڭ بىلىسەن ئارلىقىمىز خىلى بار .بىرىپ-كىلىپ بولغۇچە يەتتە كىچە بولدىكەن . ساڭا بىردەمچىلىككقۇ ماشناڭنى تىزراق ماڭىدىغان ماشىنلارنىڭ كەينىگە ئىلىندۇرۋالساڭ غۇييىدە بىزنىڭ ئىجارىلىك مەھەللىگە تاشلاپ قويدۇ . مىھمان قىلىمەن جۇما خاتىرجەم بول .
مەقسەتكە كەلسەك . پەيغەمبىرىمىز - ئەگەر قوشناڭ ساڭا سۆڭىكى كۆپرەك گۆشلىرى ئىنتايىن ئاز بولغان ئازغىنە بىر گۆشنى ئىلىپ كىرسە خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىل دەپتىكەن .مۇشۇ ھەدىسنىڭ روھى بويۇنچە يولدا ئالدىمىزغا ئېلان ۋاراقچىللىرى تارقىتىۋاتقان ھەر قانداق بىر ئادەملەر ئىچىدىن قايسى بىرى بىزگە قايسى خىلدىكى ئېلان ۋاراقچىللىرىنى تەڭلىسە سوغۇق چىرايىمىزدا ياكى ھەركىتىمىزدە ئۇلارنى كەمسىتىدىغان ياكى كۆڭلى ئازىراق پاراكەندە بولدىغان ھەركەتنى قىلماستىن قولىدىن چىرايلىق ئىلىپ ئۇلارنىڭ كۆزىدىن يىراقراق بىرىپ بولغاندا تازلىق ئىدارىسنىڭ ئورنۇتۇپ قويغان ئەخلەت تۇڭلىرىغا تاشلىۋىتىش ئەڭ ئېسىل ئەخلاقتۇر . مەن ئويلايمەن شۇ ئېلان ۋاراقچىسى تارقىتىۋاتقان قىز-ئوغۇللارمۇ تىرىكچىلىق ئۈچۈن قىلىدۇ شۇ ئىشنى . ئۇلارنىڭ بىزگە شۇ ئېلان ۋاراقچىللىرىنى سۇنغاندا يۈز بىرىدىغان ئىچكى ھىسياتىنى بىلشكە قادىر بولساق ئىدۇق . ئۇلارغا قوپال تىگىدىغان . قولدىن ئىلىپ ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ قەستەن پىقىرتىپ ئاتىدىغان ياكى بولمىسا قولىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ بىزلەرگە سۇنۇلغان قولىنى ئىتتىرۋااتىدىغان ئىشلارنى قىلمىغان بولاتتۇق .
سىنىڭ ئالماسلىقىڭنىغۇ توغرا چىشىنىمەن .چۈنكى سىنىڭ جۇغۇڭ كىچىك بولغاچقا كۆڭلىگە كەلمىسۇن دەپ ئالدىڭغا ئۇچۇرغاننىڭ قولىدىن ئىلىۋەرسەك يەن ئەنلۇدىن قۇتادنىڭ ئالدىغا بىرىپ بولغۇچە نەچچە سومكا كەلگۈدەك بوپ كىتىپ كۆتۈرەلمەي قالسىەن .
مەن دەيمەن ئۇكىجانىم ! ئۇلار مۇشۇ ئېلان ۋاراقچىللىرىنى قەغەزدىن ئەمەس بەلىكى رەختىن قىلغان بولسىمۇ ھە ! - ئالدىغا ئۇچۇرغان ئېلان ۋاقراقچىسىنىڭ ھەممىسنى ھەشقاللاھ دەپ ئىلىپ ماشىنچىغا بۇيرۇتۇپ بىر-بىرىگە ئۇللاتقۇزۇپ بىر پارچە ئەدىيال قىلىپ قويسا . ھەر يىلى نۇرۇز، مەشرەپ....دىگەندەك پائالىيەتلەردە يامان ئەز قاتاتتىكەن دەيمەن . ئۈستىدە ئولتۇرغانلار ئاستىدىكى ئېلان ۋاراقچىللىرىغا بىىسلغان ئۇچۇرلاردىن زىرىكىپ ھەممە تاماششىنبىنلار ئۇخلاپ قالسا . مەيدان شۇنداق تىنىچ بوپ قالاتتى . ئۇ ۋاقىتتا ئىككىمىز شەخسى قويۋالغان قاتلانما ئورندۇقىمزدا ئوتتاراپ سەھنىىدىكى كونۋىرىستلارنى بەھۇزۇر كۆرگەن بولاتتۇق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-12 07:12 AM