aisadap يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 11:26 PM
« كونا ئاياق» ناملىق ئۇ كىنو ئىراندا ئىشلەنگەن، ئاكا- ...
ئىم . ئەسلىدە مەن ئۇ فىلمنى تۈركىيەنىڭ دەپ ئويلاپتىمەن .ئەسلىدە ئىراننىڭ فىلىمىكەندە !
سىزغۇ قىز بالا يىغلىسڭىز ئەيىپ ئەمەس . بىراق مەن ئوغۇل بالا تۇرۇپ كۆز-ياشلىرىمنى توختىتالمىغان . ‹‹ ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا ، كەمبىغەلگە پۇتلاش تولا ›› دىگەن ماقال-تەمسلىنى شۇ فىلىمدا تولىمۇ چىنلىق بىلەن ئىپادىلەپ ئىشلەپتىكەن دەيمەن .
رىجىسورنىڭ قانچىلىك ئىقدىدارلىق ئىكەنلىگىنى ئۇ فىلمنىڭ ھەممى يىرىمۇ ئارتۇقچە . ئىككى قىز مەكتەپكە كىتىۋاتقاندا بىر قىز يىڭى ئالغان ئايىغىنى يىندىكى دوستىغىغا كۆرسۈتەلمەي پۇتىنى قەستەن يەرگە ئۇرۇپ . تاقلاپ دوستىنىڭ دىققىنى پۇتىدىكى يىڭى ئايىغىغا جەلىپ قىلغان كۆرنىشىدىن رىجىسورنىڭ تالانتىنىڭ نەقەدەر يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى يىتەرلىك ئىسپاتلاپ بىرىدۇ .
بىچارە دادا بالىسى بىلەن شۈنچە يەرلەرنى ئېزدەپمۇ ئىش تاپالماي ئاران دىگەندە بىر باي بوۋاينىڭ ئۆيىدە ئىشلىگەن ۋاقىتتا باينىڭ ئوغلى ئۇ دادىنىڭ بالىسىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئويناشنى ئىيتقاندا بىچارە بالا ئۆزىنىڭ بىرگە ئوينىيالمايدىغانلىقى . دادىسى بىلەن بىرگە ئىشلەپ پۇل تاپمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئىيتقاندا ، باي بوۋاي بالاڭ مىنىڭ نەۋرەم بىلەن بىرگە ئوينىسۇن مەن بالاڭغىمۇ تولۇق ئىش ھەققى بىرىمەن دەمدۇ ئەيتاۋۇر شۇ يەەر ماڭا ئەڭ بەك تەسىر قىلغان ئىدى .