ئۆگەي بولسا نېمە بوپتۇ ؟
ئابدۇللانىڭ مەكتەپتىكى ئات ا-ئانىلار يېغىنىدا ئوقۇغان ماقالىسى ھەممە كېشىنىڭ دېققىتىنى تارتتى . ئۇنىڭ ماقالىسى << ئۆگەي ئانا بولسا نېمە بوپتۇ >> دېگەن تېمىدا ئېدى . ئۇ شۇنداق يازىدۇ : < ... ئۆگەي ئانا بولسا نېمە بوپتۇ ، ئۇ مېنىڭ كىيىملىرىمنى يۇيۇپ بەردى .مېنى دەپ مەكتەپكە يىغىنغا كەلدى . مەن ئاغرىپ قالغاندا بېشىمدا ئولتۇرۇپ يىغلىدى . ئۇ ماڭا : ياخشى ئوقۇغىن بالام ، بىز سېنى ھەم سىڭلىڭنى ئاخىرغىچە ئوقۇتىمىز ،_ دېدى .ئۇ بىزنى باغچىلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىدۇ . بازاردىن قىيىم ئېلىپ بېرىدۇ . مەن ئۇىلاپ قالغان چاغلاردا پىشانەمگە سۆيۈپ قۇيىدۇ ...
سىڭلىم بىلەن ئانام بىزنىڭ ئويگە كەلگەندە ، بۇندىن كېيىن بىر ئۆيدە ياشايمىز ، ھەممىمىز بىر ئائىلىنىڭ ئادەملىرى دېگەنىدى . شۇنداق، بىز بىر ئائىلىنىڭ ئادەملىرى . نېمە بولسا بولسۇن ، ئىشقىلىپ مېنىڭ بىر ياخشى ئانام بار ، ئۆگەي ئانا بولسا نېمە بوپتۇ ؟ >>
ئۆگەي سۆزىنىڭ لوغەت مەنىسىگە قارىغايدىغان بولساق ، بالىلارغا نېسپەتەن ئۆز ئاتا -ئانىسىنىڭ ئورنىغا ئاتا ياكى .ئانا بۇلۇپ كىرگۈچىگە قارىتىلغان بۇلۇپ ، بالا بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ، بىراق بېقىش ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇناسىۋېتىنى ئۈستىگە ئالغۇچى كۆزدە تۇتىلىدۇ . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنىڭ يىلتىزى ئائىلىدە ئەسلىدىكى ئاتا ياكى ئانىنىڭ ئۇرنىنىڭ دەخلى -تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقىدا . شۇنداق بولغاچقا پەقەت زىدىيەتنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغاندىلا يېڭى تۇرمۇشنى بەختلىك ، ككڭۈللۈك تۇرمۇشقا ئايلاندۇرغىلى بۇلىدۇ . ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا <ئۆگەي > سەۋەپلىك كىلىپ چىققىدىغان زىدىيەتتىن ساقلانغىلى ھەم يېڭى تۇرمۇشنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگىلى بۇلىدۇ ؟
بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ يېڭى ئائىلىدىكى ئورنىنى ئېنىق ئايرىۋېلىشى كېرەك . چۈنكى دۇنيادا ھەرقانداق ئادەمگە دادا بىلەن ئانا پەقەت بىرلا بۇلىدۇ . ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مېھرى -مۇھەببەت پەقەت شۇلارغىلا خاس بۇلۇپ ، ئەگەر ئاتا -ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى بۇ ىىل خاس مۇھەببەتنى باشقا ئادەمدىن تەلەپ قىلغاندا ، بۇ خىل ئېھتىياج تەبىيلا قانائەت تاپالماي ، شۇ ۋەجىدىن زىدىيەت كېلىپ چىقىدۇ . مەسىلەن ئۆگەي ئاتا - ئانا بولغۇچى<< مەن شۇنچە قىلسام بىلمىدىڭ >> دېسە ، بالا بولغۇچى <<سەن مىڭ قىلغان بىلەن ئكز ئاتا -ئانام قىلغاندەك قىلالمايسەن >> دەپ ئاغرىنىدۇ . بۇنداق دېگەنلىك ئۆگەي ئاتا -ئانا بالىغا مەڭگۈ ئاتا -ئانا بولالمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس ، پەقەت ئۇلار بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئەسلى ئاتا -ئانىنىڭ ئۇرنىغا دەخلى -تەرۇز قىلمىسا ، ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئېنىق ئايرىۋالسىلا زىدىيەتتىن ساقلىنالايدۇ . مەسىلەن :
ئۆگەي ئانا ئۆز قىزىنى ئېلىپ بىر ئۆيگە كىرگەن بولسا ، ئالدى بىلەن يېڭى قۇرۇلغان ئائىلىدىكى تۆت نەپەر ئەزا بىر يەردە ئولتۇرۇپ ، ھەر بىر ئەزا ئائىلىدىك ئورنىنى كاللىسىدا ئېنىق ئايدېڭلاشتۇرۋېلىشى كېرەك . يەنى ئۆگەي ئانا ئۆگەي بالىسىغا << بۈگۈندىن باشلاپ ، سىزگە مەن ئانا بۇلىمەن ، بۇ قەرياندا مەن بىلىپ بىلمەي بەزىدە ئۆزەمنىڭ قىزىغا يان بېسىپ قېلىشىم مۇمكىن ، شۇنداق ۋاقىتتا ماڭا ئەسكەرتىش بېرىشنى خالامسىز ؟ سىز ئۈچۈن ئۆز ئانىڭىزنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق كىشى باسالمايدۇ . ئۇ مەڭگۈ سىزنىڭ مېھرىبان ئانىڭىز . مەن بەلكىم ئۆز ئانىڭىزدەك مېھىر -مۇھەببەت بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن . بىراق ، مەن چوقۇم تېرىشىمەن . ئانىڭىز بىلەن دوستتەك ئۆتەلىشىم ناتايىن ، بىراق ، بۇنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى يۇق . سىز ئانىڭىز بىلەن قاچان كۆرۈشىمەن دېسىڭىز ، شۇ ۋاقىتتا كۆرۈشەلەيسىز . بىر -بىرمىزنى چۈشۈنىپ بولغۇچە ئارىمىزدا قۇلايسىزلىقلار يۈز بېرىشى مۇمكىن ، شۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بىر -بىرىمىزگە ياردەم قىلايلى . مەن ئەكەلگەن قىز بىلەن دوستتەك ئۆتۈڭلار ، ئاچا -سىڭىلدەك ئۆتسەڭلار تېخىمۇ ياخشى . تۇنۇشۇپلا ئۇرۇق -تۇققاندەك بۇلۇپ كېتىش ھەرقاندەك ئادەمگە تەس كېلىدۇ . بىز ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتنى دوستلۇقتىن باشلايلى . >>
بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ھەرقايسىسى ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئېيتماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۇقۇشماسلىق ، ككڭۈل ئاغرىقلىرىدىن ساقلىنىپ ، يېڭى تۇرمۇشنى كۆڭۈللۈك ، بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئايلاندۇرالايدۇ .
تەۋسىيەلىك مەزمۇن : جىنايەتنىڭ سەۋەبى
ئائىلىدىكى ناچار تەربىيە ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت يولىغا مېڭىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى . ئۇنداقتا ، ئائىلە قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ يولغا مېڭىشىغا سەۋەپچى بۇلۇپ قالىدۇ ؟
پىسخۇلوگىيە نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ناچار خارەكتىرنىڭ يىتىلىشى ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت يولىغا مېڭىپ قېلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇ يەردىكى خارەكتىر بىر خىل روھىي ھالەت بۇلۇپ ، پىسخىكىلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ يىغىندىسى . ئۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدار ، كەيپىيات ، مىجەز ، ئۆزلۈك ئېڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى مىجەز- ىخرەكتېرنىڭ رولى ئەڭ زور بۇلىدۇ .
ئائىلە ئەلۋەتتە ياشلار -ئۆسمۈرلەرنى بىۋاستە قىنايەت يولىغا باشلىمايدۇ . ئەكسىچە ياخشى بولمىغان تەربىيە ئۇسۇلى بالىلاردا ناچار خارەكتېرنى يىتىلدۈرىدۇ .
ھەممىمىزگە مەلۇم ، بىر ئادەمنىڭ خارەكتېرى بۇۋاق مەزگىلىدىن تارتىپلا شەكىللىنىدۇ . بۇۋاق مەزگىلىدە پۈتۈنلەي ئاتا -ئانىنىڭ كونتۇرۇللىقىدىكى ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بۇلىدۇ . بۇ جەرياندىكى بالىنىڭ خارەكتېرىنى ئاپپاق بىر قەغەزگە ئوخشاتساق ، ئاتا -ئانىلار ئۇنىڭغا ئىز قالدۇرىدۇ . ھازىر ئائىلىلەردە بىر ياكى ئىككى پەرزەنت بار ، ئەگر ئائىلىدە ئاتا -ئانا بولغۇچى بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمىگەندە ، بالىلارنىڭ خارەكتېرىدە ئاسانلا مەسىلە كۆرۈنىدۇ . بۇنداق بالىلار كېيىن مەكتەپ ، جەمىيەت ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە ئاسانلا ئېزىپ كېتىدۇ . ىارەكتېرى نورمال يېتىلگەن بالىلار كۆپىنچە ھاللاردا تۈرلۈك سىرتقى تەسىرگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ . تېىىمۇ كونكېرىت ئېيتساق ، ئائىلىدىكى ياشلار -ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسۈتىدىغان ئامىل تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن ئىپادىلىنىدۇ :
1. ئاتا -ئانىنىڭ جىدەل ماجراسى
بۇنداق ئائىلىدە ئەر -ئايال مەلۇم مەسىلىنى ئۇرۇش- جېدەل بىلەن ھەل قىلىدۇ . بالىلاردا خاتالىق كۆرۈلگەندىمۇ ئۇلارنى ئۇرۇش -تىللاش ، ھاقارەتلەش ئارقىلىق تەربىلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بالىلاردىمۇ بىرە مەسلىگە يۇلۇققاندا ئاتا -ئانىسىدەك ئۇرۇش -تىللاش بىلەن ھەل قىلىدۇ . شۇڭا بۇنداق بالىلارنى ئەتراپتىكىلەرمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ . ئۇلارنى چەتكە قاقىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بۇنداق بالىلارنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ ئۆچ ئېلىش خىيالى پەيدا ۇلىدۇ ياكى ئكزى بىلەن ئوخشاش خارەكتېردىكى بالىلار بىلەن ئارلىشىشىغا پۇرسەت يارىلىپ قالىدۇ .
ئادەتتەساغلام ئائىلە ـــــــــ ئاتا -ئاتا ۋە بالىلارنىڭ مۇناسىۋېتى ياخشى ،بالىلارئېناق ، بەىتلىك ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بۇلىۋاتقان ، ئاتا -ئانىنىڭ نىكاھى مۇقىم ، بەىتلىك ، بالىغا بولغان توغرا تەربىلەش ئۇسۇلىنى قولىنالايدىغان ئائىلىلەرنى كۆرسىتىدۇ .بۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ روھى بېسىمى ئاز بۇلىدۇ . خارەكتېر جەھەتتە ئاسان بورمىلىنىپ كەتمەيدۇ .
2 . ئاجىرشىپ كەتكەن ئائىلىلەر
بۇنداق ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلار ئاتا -ئانىسىنىڭ سەۋەبى بىلەن مەلۇم بىر تەرەپتە ياشاشقا مەجبۇر بۇلىدۇ ھەم قارشى تەرەپ بىلەن ئۆزئىختىيارلىقى بىلەن كۆرۈشىشتىن مەھرۇم قالىدۇ . كۆرۈكەن تەغدىردىمۇ بېقىۋاتقان تەرەپنىڭ ئەيىپلىشىگە ، سوتلىشىغا ئۇچرايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئكزىنى بېقىۋاتقان تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ ، ھەقىقى ھېسياتىنى ئىپادىلىمەي ، يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بۇلىدۇ . شۇ ۋەجىدىن مىجەزىدە ئۆزگىرىش بۇلىدۇ .
ئادەتتە ئاجىرىشىپ كەتكەن ئاتا -ئانىلار شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىسى قارشى تەرەپنىڭ يامان گېپىنى كۆپ قىلىدۇ ، يامانلايدۇ ، بالىنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى خالىمايدۇ ھەم << ئۇ ئانا بۇلىشقا ياكى دادا بۇلىشقا لايىق ئەمەس >> دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ . بۇنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى زور بۇلۇپ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كەمچىل ، چۈشكۈن ، شەخسىيەتچى ، باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان ، كىشىلەرگە ئىشەنمەيدىغان ، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ، ئاسان ئاچچىقلىنىدقغان ، ئۆز -ئۆزىنى كونتۇرول قىلالمايدىغان بۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ . شۇڭا ئەر -خوتۇنلار تۇرمۇشتا كېلىشەلمەي ئاجىراشماقچى بولغاندا ، ئالدى بىلەن بالىلارغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ، ئىككى تەرەپ بىللە ئولتۇرۇپ بالىغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ، مەسىلەن :
مېنىڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىم بىلەن داداڭنىڭ ياكى ئاناڭنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرى بىردەك بولمىغاچقا بىر -بىرمىزنى مەجبورى ئۆزگەرتمەكچى بولدۇق ، بىراق بۇ جەرياندا ئىككىمىز ئازاپلاندۇق . شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرۇشنى تاللىدۇق . بىراق ، ئىككىمىزنىڭ ئەڭ توغرا قىلغان ئىشى سېنى تۇققىنىمىز . بىز ئاجراشقان بىلەن سەن ئاتا -ئاناڭدىن ئايرىلمىدىڭ . بىز سېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز . بەزى ئىشلارنى سەن چوڭ بولغاندا ھېس قىلالايسەن . گەرچە بىز مىجەز -خارەكتېرىمىز سەۋەبىدىن كېلىشەلمىگەن بىلەن ، بىراق سەن ئۈچۈن ئاڭ ياخشى دادا ياكى ئانا ... چوڭ داداڭ چوڭ ئانىلىرىڭمۇ سېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈدۇ . ھېچقايسىمىز ئۆزەىرىپ قالمايمىز .... دېگەندەك بالىلارنىڭ قەلبىدىكى بىخەتەرلىك ئېھتىياجى بىلەن مۇھەببەت ئېھتىياقىنى تۇلۇق قاندۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاجىرشىشنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىش كېرەك .
3.سۇغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بالىلار
بەزى ئائىلىلەردە خىزمەت ، ئۇيۇن تاماشا ياكى ئۆيدە بىر قانچە بالا بۇلۇپ ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنمىغانلىق ۋەياكى ئاتا -ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان ئۈمۈدى بەك چوڭ ھەم ئۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇ -ئارمانلىرىنى بالىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەش ، بالىغا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق تەلەپ قۇيۇش ، بالىلارنىڭ ھېسياتىنى ئويلاشماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللاردا ، بالىلاردا ئاتا -ئانام مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ ، ئۇلار ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بكلىدىغىنى مېنىڭ نەتىنجەم دەيدىغان ھېسىيات پەيدا بۇلۇپ ، ئۆيدىن ۋە مەكتەپتىن بىزار بۇلىدىغان ، يالغان سۆزلەيدىغان خارەكتېر يىتىلىپ قالىدۇ .
بۇنداق بالىلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇچى ، مېھىر -مۇھەببەت ئېھتىياجى كەمچىل بۇلۇپ ، باشقىلارنى ئۆزىنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ . يۇشۇرۇن ئېڭىدا ئاتا -ئانام مېنى ياخشى كۆرمىسە باشقىلارنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس دەپ ئكزىنى كەمسىتىدۇ . دەسلەپتە شۇ سەۋەپتىن ئازاپلىنىدۇ . بۇ ىىل ئازاپ جۇغلانما بۇلۇپ ئاقىۋەتتە تاشقى دۇنياغا بولغان ئۆچمەنلىككە ئايلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مىجەزىمۇ باشقىلار بىلەن چىقىشالماسلىق ، باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك ، ئكچمەنلىك كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ . شۇ سەۋەپتىن باشقىلارنىڭ ئەيىپلىشىگە ، چەتكە قېقىشىغا ئۇچۇرايدۇ .
قانداق قىلغاندا بالىلارنى پىسخىكا جەھەتتىن ساغلام چوڭ قىلغىلى بۇلىدۇ ؟
قانداق قىلغاندا بالىلارنى پىسخىكا جەھەتىن ساغلام تەربىلىگىلى بۇلىدۇ ؟
مەسىلە ئائىلىدە چىققان ئىكەن ، ئۇنى ئائىلىدە ھەل قىلىش كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ئەر -خوتۇنلار مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ، بىر -بېرىگە چوڭقۇر مۇھەببەت بېرىش ، پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ، ئۇلارغا شەرتسىز مېھرى -مۇھەببەت ئاتا قىلىش ، كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەر بالىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ، بىر بالىسىنى تەنقىتلەش ئارقىلىق ، قالغان بالىلىرىنى تەربىلىمەسلىك ، ( مەسىلەن ، ئاكاڭنى ياكى ئاچاڭنى دورىما ، سەنمۇ شۇنداق بۇلۇپ قالىسەن ....دېگەندەك ) ، بالىلارنىڭ ياش پەرقى بىلەن مۇئامىلە قىلماي ، كىمنى توغرا بولسا شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ، بۇ ئارقىلىق پەرزەنتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەم مېھىر -مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، بالىلارنى ئۆز يېشىغا لايىق ئىشلارنى ئۆزى ئېگە بۇلۇشنى ئۆگۈتىش كېرەك . بالىلارنىڭ كەيپىياتى ناچارلىشىپ قالغاندا ئۇلارنى تەربىلىمەي ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشىگە ياردەم بېرىش ، ئائىلىدە ئۆز -ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش ، بىرگە پائالىيەت قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ، دەم ئېلىش كۈنلىرى سىرتلارغا چىقىپ بىرگە ئايلىنىپ كېرىش ، بولسا تەتىل مەزەىللىرىدە ئۇلار بىلەن بىرگە ساياھەتكە چىقىپ ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىش دېگەنگە ئوخشاش ........ تەۋەلىك ئېھتىياجى ، مېھىر -مۇھەببەت ئېھتىياجى ، ھۆرمەتلىنىش ۋە ھۆرمەتلەش ئېھتىياجى ، باراۋەرلىك ، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى قاندۇرۇلغان بالىلارپىسخىكا جەھەتتە ساغلام بۇلۇپ ،باتۇر ، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ، سەمىمى ، ئاق ككڭۈل ، تېرىشچان ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدىغان ، باقىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتەك ياخشى پەزىلەتكە ئېگە بۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ . چۈنكى ئادەم نېمىگە ئېرىشسە ، ئەتراپتىكىلەرگە شۇنى بېرىدۇ .
تۈگىدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mehriya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-13 11:26 AM