مەھمەت94 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 07:11 PM
[co#999999]سارگاردا تۇردىشىمىز ئىسىل ئىنكاسلارنى يازسىز جۇمۇ، ...
ئۇنچە ماختىغۇچىلىكىممۇ يوق . ئىنكاسلىرىمنى يا ختۇرغىنىڭلارغا رەھمەت. توغرا دەيسىز ، ئىلگىرى بەزىدە لاتىنچە يازغان ، كومپېيوتېردا تورغا چىققۇدەك شارائىت بولمىغاچقا ، تېلفۇندا لاتىنچە يېزىلىپ قالغان . ئەمدى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ
قاچلىۋالدىم . ئاللاھ خالىسا ھەممىمىز سۆيىدىغان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىشقا
تېرىشىمەن .
ئەسلى بۇ تېمىغا نەچچە قېتىم كىرىپ ، قايناپ قالماي دەپ ئىنكاس قالدۇرماي چىقىپ كەتكەن ئىدىم . ئاز تۇلا پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە ئىنكاس يازدىم .
بەلكىم بەزى توردا شلار بۇ گېپىمگە قاراپ ، مىنى توققۇزى تەل
ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولغاندۇ دەپ خاتا ئويلاپ قالغاندۇ؟ تېما ئىگىسى پۇل سەۋەبلىك بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا
ئانىسىنىمۇ يوققا چىقىرىپتۇ ، گەرچە ھايات بولسىمۇ ...
د ۇنيادا ئۆز پەرزەنتىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاتا ئانا يوق .
ئاتا ئانىدىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى ، تاماقتىن يامانلىغان قۇرساقنى ىڭ توقلۇقى ئەمەسمۇ .....؟ ھەر قېتىم ئۆيگە قايىتقىنىمدا كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يېرىم بولدىغىننى بىر ئاللاھ ۋەئۆزۈم بىلمەن.
چۈنكى مىھرىبانىم ئانام يوق ، يۈلەنچۈكۈم داداممۇ يوق. يېنىمدىكى تۇتاملاپ پۇللار ماڭا قىلچىلىك خۇشاللىق بېرەلمەيدۇ . ئېسىل بېزەلگەن تېز تاماقخانىلارنىڭ غىزالىرى ئانام گۆش ئورنىغا چامغۇر توغراپ ئەتكەن سۇيۇقئاشقا يەتمەيدۇ .
كىشىلىك تۇرمۇشتا پۇل ناھايتى مۇھىم . ئەمما ھەممە نەرسىگە پۇل بىلەن ئېرىشكىلى بولمايدۇ .
مەكتەپ دېپلومى ئالالمىدىم دەپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىشمۇ توغرا ئەمەس . ھەممىمىز بىلىدىغان كەشىپياتچى ئىدىسۇن تۈزۈك مەكتەپ تەربىيسىمۇ كۆرمىگەن ، فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېنرى فوردمۇ ئاران باشلانغۇچنىڭ ئالتىنچى سىنىپىغىچە ئوقۇغان . ئالمىنىڭ قۇرغۇچىسى سېتىۋىن جوبىسمۇ نەچچە ئاي ئوقۇپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغانغۇ ...؟
يىراقنى قويۇپ تۇرۇپ دىيارىمىزغا قارىساق ؛ كېرىم ئاتۇشمۇئ سىرداشلار كۆزنىكىدە : ئۆزىنىڭ تۈزۈك مەكتەپ تەربىيسى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيىتتى . ئەمما بىر زەردارغا ئايلىنىپ ھەر بىر قەدەملىرىدىن ساخاۋەت ھىدلىرىنى چاچماقتا ...
بۇنداق كىشىلەردىن تاغاردا مىڭنى سانىغىلى بولىدۇ .
دىپلوم بىر ۋاستە ، ئەمما رېئال تۇ رمۇشتا ئىشلەيدىغىنى ئەمەلىي ئىقتىدار .
قولىڭىزدا دېپلوم بولماسلىقى سىزنىڭ يارامسىزلىقىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ . بىزدە ئىزدىنىش ، ئىرادە ، تېرىشچانلىق بولسىلا
ھەر قايسى كىتاب ، كۇرىس ، كۈتۈبخانا ۋە توردىن ئۆزىمىزگە
كېرەكلىك بولغان بىلىمگە ئېرىشەلەيمىز .
جاھاندا قىلاي دېسە ئىش تۇلا ، كىچىكنى ياراتماي ، بىرەر زاۋۇت كار خانا قۇرىمەن دەپ ئولتۇرساق ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيمىز . ھەر قانچە ئۇزۇن يولمۇ تۇنجى قەدەمدىن ، ھەر قانچە ئېگىز بىنامۇ يەر ئاستىدىن قوپورۇلغان بولىدۇ . ئۈمىدۋار بولايلى .
ئالبېرىت ئېينىشتىن ( خىيال بىلىمدىن مۇھىمراق ) دېگەن مەشھۇرسۆزنى قىلغان ، قىلىۋاتقىنىڭىز چاكىنا خىيال بولمىسىلا
گۈزەل خىياللارنى قىلىڭ ! گۈزەل خىياللىرىڭىز قاناتلىنىپ كۆكتە پەرۋاز قىلسۇن ، سىزدىكى خىيال غايىڭىزنىڭ تۇمۇرىدۇر .
سىز ياراتماقچى بولغان تۇرمۇشنىڭ ئەسۋاب ، قۇرالىدۇر .
بەلكىم بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى قۇرۇق خىيال دەپ مەنسىتمەسلىكى مۇمكىن . ئەمما مۇۋەپپىقىيەت ساھىبلىرى ئۇنداق
قارىمايدۇ . چۈنكى ئۇلار ئىلگىرىكى خىيالپەرەسلەرنىڭ تۆمۈرنىڭ
ئاسماندا ئۇچۇشنى خىيال قىلغانلىقىنى ، ھېچقانداق ئېلىكتىر ئېقىنىغا
تايانماي ھا ۋا ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدىغانلىقىنى خىيال قىلىپ خىيالىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ، ھەر قانداق ئشنىڭ ئاۋال خىيال ، ئوي پىكىر ئارقىلىق رېئا للىققا ئايلىنىدىغىننى ئىتراپ قىلىدۇ .
سىزگە پاسىپ ، چۈشكۈن خىيال يار بولسا شۇنداق بىر ئۈمىدسىز
ئادەم بولىسىز . ئۆزىڭىزگە ئىشنىشنى ، ئۈمىدۋار ياشاشنى ئادەت قىلىڭ . ھېچبولمىسا سىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ . سىز چۈشكۈن ، ئۈمىدسىز ، باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ، قاقشاپ ئۆتىدىغان بىرى بىلەن ئارلاشسىڭىز ئاسانلا ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ يىراقلىشىشقا باشلايسىز .
بىر ئادەمنىڭ باي ، نا مرات بولۇپ قېلىشى ھەرگىزمۇ تەقدىر تەرپىدىن بەلگىلەنگەن ئەمەس ، ناۋادا بىر رايۇندا ھەممە ئادەم نامرات بولسا بۇ مۇھىت ، تاشقى ئامىل سەۋەبىدىن بو لىدۇ .
خەيىر سۆيۈملۈك تورداشلىرىم ، مۇقەددەس كىتابىمىزدا ئېيتىلغان ؛
( ئىنساننىڭ تېرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە باردۇر ) دېگەن قانۇنىيەت
بۇيىنچە تېرىشىپ ، ئىزدىنىپ باقايلى ، ئاللاھ ھېچقاچان بەندىللىرىنى نائۈ مىدتە قويغان ئەمەس . سالامەت بولغايسىلەر ، نامىڭلارنىڭ ھەممە ئادەم ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان تارىخنىڭ شانلىق سەھىپىللىرىدىن ئۇرۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-15 07:16 AM