tughci2 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-17 08:38 PM
مۇنۇ يېرى خاتا بولۇپ قاپتۇ. قازاقىستاندا «قازاقىستان ...
ھەقىقەتەن راست دەپسىز، مەن مۇشۇ چاغقىچە قەشقەر خوتەننىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىغانمەن، لېكىن، نۇرغۇن كىتاب ئوقۇدۇمكى، قازاق بىلەن ئويغۇرنىڭ دۈشمەنلەشكەنلىكى ھەققىدىكى تارىخنى ھېچقەيەردىن ئوقۇمىدىم، كىرىمىلدا ئوتتۇرا ئاسيا مىللەتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك خەرىتىسى سىياسىي قەلەم بىلەن سىزىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا بۇ جايدا مىللەت ئوقۇمى بەك مۇھىم ئەمەس ئىكەنمىش، ھەممە كىشى ئۆز شەھرىنىڭ نامى بىلەن قەشقەرلىك، ئەنجانلىق،ئالماتالىق ..... دەپ ئاتىلۇركەن. مەنچە قازاق بلەن قىرغىز، ئۇيغۇر بىلەن ئوزبىك تاتار،تۇرك دىگەنلەر پەقەت تۇرك ئاتلىق بىر بوۋاينىڭ نەۋرىلىرىدۇر، خالاس، شۇڭا ئۇلارغا تېخى بۇ يىڭى ئەسىردىمۇئالاقىگە تەرجىمان كەتمەيدۇ...
بىر ئاتا ئۆلسە بالىلار يوق دۇنيانى تالىشىپمۇ بىر-بىرىگە نېزىقىشىدۇ. قازاق بىلەن ئويغۇر ئارىسىدىكى ئوقۇشماسلىقنى بار دىيىلسە مىراس تالىشىپ قالغان بالىلارچىلىكمۇ يوقمىكىن دەيمەن.
ئەمدى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىمرىلىشىنى ئويغۇر خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى پەيدا قىلغان، ئىككى قوچقار ئۈسسۈشسە بۆرىگە ئويۇن دىگەندەك قىرغىزلارنىڭ پەقەت ئويغۇر خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىنى تىزلەتكەن يېرى بار، يۈرەككە ئۆسمە چىقمىغان بولسا تېرىگە چىققان سۈگەلنىڭ قولىدىن ھېچقانچە چوڭ ئىشلار كەلمىگەن بولاتتى.
ھالا بۈگەنگە كەلگەندە قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سەركىسىگە ئايلىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەممىمىز خوش، قىزغىزىستاننىڭ قانۇن تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىگە ئائىت بەزى مەسىلەلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز، مەنچە، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بۇ ئىشلارمۇ تۈزۈلۈشى مۇمكىن.
دىمكچى بولغىنىم ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاشتۇر، بۇيەردە دۈشمەن ئوقۇمى بولمىسا كېرەك، قۇرۇق سۈڭەكنى تالىشىپ كۆزىنى پارقىرىتىپ پۇرسەت كۈتۈۋاتقانلارغا ئويۇن قويۇپ بەرمىسەكلا بولاتتىغۇ