ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى داڭلىق سەنئەتكار ،
دېكتور-رىياسەتچىلەرگە
شېئرىي چاقچاق
ئادىل مىجىت ئاكىغا :
مەنبەسىدۇر كۈلكىنىڭ ،
بىر ئاكاش بار بەك ئوماق.
ئەسلەڭ ئۇنىڭ ئېسمىنى،
قالدى سىزگە بۇ سوراق .
ساۋۇر بوتكا بولدى ئۇ ،
ئىستاكاننى ئوينىتىپ .
يەنە شائىر ئاتالدى ،
ساراڭلىقتن ئويغىنىپ.
ئېتوتچىلىق كۈلكە ھەم،
تونۇلغانتى سىز بىلەن .
قېنىپ-قېنىپ كۈلۈشلەر،
خوشلاشتىمۇ بىز بىلەن .
تاشلاپ نەگە قاچتىڭىز ،
يىراقلىشىپ كۈلكىدىن .
ياكى ھاردۇق يەتتىمۇ ،
يوق بولدىڭىز سەھنىدىن.
ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئاكىغا:
<مەشرەپ>قىلىپ سەھنىنى ،
قىززىتىسىز ئۆزگىچە .
<ئانىجان> نى ئېيتقاندا ،
مۇڭ باسىدۇ باشقىچە .
< سىرلىق تۇمان >، <زېلالە >،
جاراڭلايدۇ ھىلىھەم .
<ئۇزاق يول>نى ئاڭلىسام ،
ئەسكە كېلەر مۇقەددەم .
يېڭى ناخشا ئىجادلار ،
يوقاپ كەتتى بىلمىدۇق.
ئۈرۈمچىدە بولمىغاچ ،
سىزنىمۇ ھەم كۆرمىدۇق.
گۇناھ ئەمەس بىزلەرگە ،
ئۈرۈمچىلىك بولمىغان.
تۆۋەنلەرگە چۈشمەمسىز،
خەلق سىزگە قانمىغان .
ناخشىڭىزنى ئاڭلىساق ،
راھەت بىرەر يۈرەككە.
ئەلنىڭ سۆيگەن ئوغلى سىز،
يىتىڭ بارچە تىلەككە .
ئابدۇكىرىم ئابلىزئاكىغا:
بوي-بەستىڭىز ھەيۋەتلىك،
بۇرىتىڭىز بەرىكەتلىك .
خەلققە سىز كېرەكلىك،
ئابدۇكىرىم ئابلىز سىز .
ناخشا قىلىپ ئېتوتنى ،
سەھنىلەردە ئوقۇيسىز.
قاتىلىنى ئېتوتنىڭ ،
پەقەت سىزلا توقۇيسىز.
ئۇزۇن بولدى سەھنىدە ،
رۇقىيەمۇ سىزمۇ يوق .
خەلقىڭىزنى كۈلدۈرمەي،
يۈرەلەمسىز كۆڭۈل توق.
ئېتوت دېمەك سىز دېمەك،
بۇرچىڭىزنى ئۇنۇتماڭ .
خەلق سىزگە ئىشەنگەن ،
دىلىمىزنى قۇرۇتماڭ .
ئەركىن ئابدۇللاغا:
شاھزادىسى گىتتارنىڭ ،
ئەركىن ئابدۇللا ئۆزىڭىز.
نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ،
چىقماس بولدى ئۈنىڭىز.
< بالاڭزا>نى <سەن يوق>نى ،
ئاڭلاۋىرىپ زىرىكتۇق .
يېڭىسىنى ئېيتمامسىز ،
يولىڭىزغا تىكىلدۇق .
بېقىش شۇنچە تەسمىكەن ،
<ئۈچ كىزەك>نى ئوماقنى.
ئويلىمامسىز ئازراقمۇ ،
سىزنى كۈتكەن خەلقنى .
<كۆڭۈلدىكى سۆز> لەرنى ،
ئاڭلىدۇق بىز كۆردۇق بىز.
ناخشىڭىزدىن،گىتتاردىن ،
شۇنداق ئاسان كېچەمسىز؟
مۇنىرە غوپۇر ھەدىگە:
ئۈمۈدلەرنىڭ ئەلچىسى ،
ئىستىقبالنىڭ سەھنىسى.
جىنىم ھەدەم مۇنىرە ،
دىكتورلارنىڭ سەركىسى.
شۇنچە تەمكىن ،كەسىپچان ،
سەھنە گويا ئۆيىڭىز .
ياڭاق چاققان مىسالى ،
قىلغان ھەربىر سۆزىڭىز.
تەڭدىشى يوق دىكتورسىز،
ئۆمۈر ئۆتكەن سەھنىدە .
كۈلۈپ ياشاڭ سالامەت،
بۇ ھاياتلىق تەختىدە .
ھاكاۋۇرلۇق قىپ قويدۇم ،
قوشاق قىتىپ سىزگىمۇ .
پۇرسەت بارمۇ سىز بىلەن،
كۆرۈشۈشكە بىزگىمۇ .
تەلەي يۇلتۇزىدىكى قەيسەر بىلەن گۈلشەنگە :
تەلەيلىك سىز قەيسەرجان ،
ئاۋازىڭىز بەك ئوچۇق .
نېمە دەرت بار بىلمىدىم ،
سىز نېمانچە بەك ئورۇق .
كۈلۈپ تۇرۇپ ،قورقىتىپ،
سوئال سوراپ ھارمايسىز.
ماھىرلارنىڭ ئىچىدىن ،
تەلەيلىكنى تاللايسىز .
يەكشەنبىدە كۆرمىسەم ،
چىدىمايمەن ،ئۇنىمايمەن.
مۇكاپاتى ئۈچۈنلا ،
ئۇچۇر يېزىپ ھارمايمەن.
گۈلشەنقىزنىڭ ئوماقنىڭ ،
گەپ-سۆزلىرى بەك تاتلىق.
خاتا جاۋاب ، جازاغا ،
تاياقلىرى بەك قاتتىق .
ناۋا پىروگراممىسىدىكى شەمسىيە بىلەن ئابدۇرىھىمغا :
ئاۋازىڭىز مىسالى ،
خۇددى بۇلبۇل ناۋاسى.
ناۋاغىلا لايىقسىز ،
سىزدە تاڭنىڭ ساباسى.
كۈلىشىڭىز بەك ئوماق ،
مېھرى ئىسسىق گۈلخاندەك.
ساخاۋەتكە ، ساۋابقا ،
يۈرىكىڭىزۋولقاندەك.
ھەر جۈمەدە سەككىزدە،
تېلىۋىزورنى ئاچاتتىم .
شەمسىيەگە بودەككە،
ناۋادىنمۇئامراقتىم.
ئايپاتەمگە ماي ساتقان ،
بىر يىگىت بار بىلەمسىز.
ئېتوتلىرى بەك ئاخسا ،
قىنى دەرھال تىپىڭ سىز.
رىھىم <قان>نى كۆرمىدىم،
جودا كومغا كەتتىمۇ ؟
ناۋا توختاپ قالدىغۇ،
ناخشا تۈگەپ قالدىمۇ ؟
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپقا :
ئوماقلارنىڭ سىىردىشى ،
دىلكىشى سىز ئابلاجان.
سىز سەھنىگە چىققاندا،
قوشۇلىدۇ جانغا جان .
سەكرەپ -تاقلاپ ئوينايسىز،
يايلاق كەبى يايرايسىز .
گۈزىلىنى مەكتەپنىڭ ،
ماراپ-ماراپ ھارمايسىز.
يېڭى ئۇسلۇب شەكىلنى ،
ياراتتىڭىز سەھنىدە .
<شاھزادە> سىز بىلەمسىز،
نۇرغۇن قىزنىڭ قەلبىدە .
بويتاقكەنسىزئاڭلىسام ،
توينى تىزراق قىلمامسىز ؟
<ئوماق جانىم>نى ئېيتىپ ،
گۈزەل ئىزلەپ يۈرەمسىز ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىزلەر !! ئۆزەمنى بىلەلمەي ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ، داڭلىق سەنئەتكار ھەم رىياسەتچىلىرىمىزنى قوشاققا قىتىپ قويدۇم ، ئەلۋەتتە ،ئۇلارنى تەرىپلەشكە مېنىڭ بۇ ئاددىې قەلىمىم ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىدۇ ، شۇنداقلا ئۇلارغا چاقچاق قىلىشقىمۇ مېنىڭ ھىچبىر سالاھىتىم توشمايدۇ بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە مەن ئۇلارنى ، ئۇلارنىڭ سەھنىدىكى ئاشۇ ئوبرازىنى بەك بەك ياخشى كۆرىمەن .شۇڭا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي،بۇ سەھىپىگە بۇ يېڭى تۈرنى يوللىدىم .ئەسكەرتىش: باھالىغۇچى ھەم مۇنبەر ئەھلىنىڭ توغرا چۈشىنشىنى سەمىمي ئۈمۈد قىلىمەن ، بۇ پەقەت چاقچاق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-17 02:42 PM