مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: alzaman

ئاداققى كۈتۈش(پوۋېسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107393
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2014-6-4
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 10:10:00 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvlmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 08:47 PM
مەن بېشىنى ئوقۇپتىكەنمەن.شۇڭا قىينالمايلا چۈشىنەلىدى ...

بۇ پوۋىستنىڭ بېشىنىڭ ئادرىسىنى يوللاپ قويىڭه بىزمۇ ئوقۇۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 523 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 12:33:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى چۈشۈرۈشۈڭلار،  ياخشى بوپتۇ،   بولسا ھەممىنى يېزىپ  بولۇپ  يوللاڭلا،  قانچە قېتىم ئۆزگەتمەكچى بولساڭلا ئۆزگەرتىپ.   ،  ياخشى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 523 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 12:33:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى چۈشۈرۈشۈڭلار،  ياخشى بوپتۇ،   بولسا ھەممىنى يېزىپ  بولۇپ  يوللاڭلا،  قانچە قېتىم ئۆزگەتمەكچى بولساڭلا ئۆزگەرتىپ.   ،  ياخشى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100398
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 01:46:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى  قاچان  ئوقۇيمىز ؟

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ يۈرۈپ  كۈتۈشلەرنى  سۆيۈپ  قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100398
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 01:46:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا  ئىرىشىشىگە تىلەكداشمەن

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ يۈرۈپ  كۈتۈشلەرنى  سۆيۈپ  قالدىم.

ئاللاھتىن بەختى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28786
يازما سانى: 823
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10896
تۆھپە نۇمۇرى: 1150
توردا: 7155 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 04:05:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن....... ئۇلۇغ ئاللاھىم قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن........داۋامىنى كۈتىمەن......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109243
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-8-17
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 02:42:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100818
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-12-13
ئاخىرقى: 2014-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 07:12:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سىزنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىڭىز ئوخشىمامدۇ؟ سىز بىر ئىشچى بولسىڭىزمۇ قەلەم قۇۋۋىتىڭىز خېلى بولىدىكەن. تىرىشىڭ.

ماھىرە

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1290
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 23036
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1276 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 09:32:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<تۇتىيا >>نىڭ ئادرىسى :

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-111866-1-1.html

داۋامى

شۇكۆرۈشۈشتىن كېيىن خىلى كۈنلەر ئۆتتى ،ھەركۈنلىكى دېگۈدەك تۇتىيا ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم.بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغام ۋاقتىمدا ئىرەن قىلمىغاندەك تۇرىۋالاتتىم،لېكىن ئىچىمدە ھەقىقەتەن بۇ يۇرتدىشىم ‹‹قەشقەرگۈزىلىنىڭ ››قىلغانلىرىغا ئاچچىغىم كىلەتتى .شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بەزى چاغلاردا ئۇنى كۆرۈپ قالساممۇ قەستەن كۆرمەسكە سىلىپ ئۆتۈپ كېتەتتىم .
ھەممە يەرگە بارساق ئىڭىمىزدىكى يۇرتۋازلىق بىزگە ئەگىشىپ باراتتى ،قەشقەرلىك ،خوتەنلىك ،ئاقسۇلۇق ،كۇچالىق بالىلار يەرلىك بالىلارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرايتتۇق ،شۇڭلاشقىمىكى ھەر بىر توپ ئۆز دائىرە چەمبىرىكىدە ئارلىشىپ مۇناسۋەت قىلىشاتتى .
بولۇپمۇ بۇ ھال ئۆزىنى ‹‹نوچى ››سانايدىغان ئىچەرمەن ،چىكەرمەنلەرنىڭ سورۇنىدا ئالاھىدە گەۋدىلىنەتتى ،بىررومكا بىلەن ھاراق بىلەن شەھەر ئالىدىغانلار ،يەرلىك بالىلارنى ھارماي دېگۈدەك ھەرخىل سورۇنلارغا تەكلىپ قىلىپ ‹‹خاقانلار ››بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىمتىيازغا ئىرىشسەم يۈز تاپسا،م دەپ ئويلايتتى ،ئەلۋەتتە تۇتىيامۇ بۇنداق نىسىۋىلەردىن قۇرۇق قالمىغانىدى ،قەشقەرلىك بالىلار يۇرتداشلىقنى شىپى كەلتۈرۈپ بۇنداق سورۇنلارغا تۇتىيانىمۇ بىللە ئىلىپ چىقىپ يەرلىك بالىلارغا تونۇشتۇرغانىدى ،شۇنداق نام چىقىرىشلار بىلەن تۇتىيا ھەممىنىڭ ئاغزىغا چىقىپ ‹‹ساھىبجامال››غا ئايلانغانىدى .
‹‹ئاتاڭغا تۇرامسەن ؟پاتاڭغىمۇ ››دىسە پاتاڭنى تاللاپتۇ ،دەپ بەزى بالىلار شاڭخو قىلاتتى ،راست ئوخشايدۇ، شۇ پاتاڭ تۇتىيانى مۇشۇ كويلارغا سىلىۋاتامدۇ؟بۇنىغۇ شۇنداق دەپ تۇراي ،لېكىن ھىلىقى ئىچەرمەن –چىكەرمەن ئوغۇللارنىڭ ئىشىچۇ؟بۇ خۇددى تارىخلاردىكى كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا ،مەلىكىلىرىنى دۈشمىنىگە خوتۇنلۇققا بېرىپ سۈلھى تۈزگەندەكلا بىر ئىش ئەمەسمۇ ؟
راستىنى ئىيتقاندا بۇنىڭ بىر ئىنىقلىمىسى بار ...
ئەركەكلىك غورورىمىز بۇرۇن نەچچە دۈشمەننىڭ بىشىنى كىسىش بىلەن ،قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئىپپەت-غورۇرىنى دەپ جەڭگە كېرىشلىرىمىز بىلەن ،ئاياللىرىمىز ئالدىدا مەغرۇر تۇرۇپ ،ئۇنى چىن دىلدىن قايىل قىلىشلىرىمىز بىلەن ئىپادىلەنگەن بولسا ھازىر ھاراق سورۇنىدا كۆپ ئېچىشنى ئەركەكلىك سانايدىغان بولدۇق .
نەچچە قىز بىلەن بىللە بولغىنىمىزنى ئەركەكلىك سانايدىغان ،نەچچىسىنىڭ قىزلىقىنى بۇزغۇنىمىزنى پەخىرلىنىشىپ سۆزلىشىدىغان بولدۇق ،تېخى ساقال چىقمىغان كوسىنى كۆرۈپ قالساق ئۇنى چۈشۈرۈپ مەيدىمىزنىڭ تۈكىنى كۆز-كۆز قىلىپ كېتىمىز ،ئەسلى بىلسەك مەيدىسىدىلا ئەمەس ،يۈرىكىدە ئەركەكلىك تۈكى بار يىگىتلەرگە بىز نەقەدەر موھتاج ھە؟!
خىياللىرىمنى ئۈزۈپ كاللامنى ئازراق ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن بالكونغا چىقتىم ،سۇس چىراغ نۇرى بىلەن يورىغان يول ئىككىنجى قەۋەتتىن خىلى ئىنىق كۆرىنىپ تۇراتتى .
نىرىدىن بولسا دىسكوخانىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازلار بىرخىلدا تارايتتى ،ئوغۇللار يارىقىدىن بولسا چاڭقىغان قەلبلەر ئاھ ئۇراتتى ،نېمىگە دەمسىز ؟قىز بالىغا ،ھاراققا ،تاماكىغا ،دىسكوخانىغا ،يەنە ئاللىقانداق نەرسىلەر ئارقىلىق شۇ تەشنالىقىمىزنى ،تەنھالىقىمىزنى بېسىشقا ئۈندەيتتى .



تىمتاس كەچ جىمجىتلىق ئوغۇللار ياتىقى ،

قاغجىراش   ھۆكۈمران بويتاقلار    ياتىقى .

شىرەدە بەل تولغاپ   ئوينايدۇ   رومكا ،

ھىجرانلىق مۇزىكا چالار قۇرۇق بوتۇلكا  .

بىر رومكا بىلەن ئۆزىمىزنى چاغلايمىز شىر ،

دىسكخانىغا چىقىۋالسا ئوينىشىمىز پىر –پىر ،

ئىزدەيمىز بىز نەمۇنە قاترايمىز ئالدايدۇ كۆڭۈل ،

بىلمەيمىزبىزلەرنى ساقلايدۇ قايسى بىر مەنزىل ....


مانا بۇ يەردىكى ئىشچىلارنىڭ كىچىككىنە كاتىنىسى ،ھەريەر-ھەر يەردىن توپلانغان 3500 ئادەم ئچىدە 500چە ئۇيغۇر باشقا مىللەتلەر بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتسەكمۇ لېكىنزە ئىچىمىزدىكى ‹‹ئاكىلىق ››تالىشىش كۈرەشلىرى پات –پات يۈز بىرىپ تۇراتتى .
بىزلەر تور مەستانىسى بولغاچ ئۇنداق جىدەللەردىن كۆپىنچە خەۋەرسىز قالاتتۇق ،بۈگۈنمۇ شۇ ئاكىلاردىن بىرى ،بىر قولىدا تاماكىسىنى شورىغاچ بىرقولىنى بىرىنىڭ بىلىكىگە ئۆتكۈزۈپ مەغرۇر كېتىپ باراتتى ،ئۇنىڭ يېنىكىگە ئىنچىكىلەپ قارىدىم .ۋوي بۇ تۇتىيا ئەمەسمۇ ؟بىر خىللا كېينىۋالغاچقا تونىيالماي قاپتىمەن ،ھىلىقى ‹‹ئاكا ››خالىيراق بىر يەرگە كەلگەندە تۇتىيانى قۇچاقلىۋالدى .
كۆزلىرىم ئوت ئىلىپ كەتتى ،بۇ ھاياسىزلاربولسا بىر-بىرىگە بىقىشىپ نېمىلەرنىدۇ تەمە قىلىشماقتا ئىدى ،يەنە قاراۋىرىشكە تاقىتىم قالمىدى ،ھەممە ئاچچىغىمنى بالكون ئىشىكىدىن ئالماقچى بولغاندەك ياتاققا كېرىۋىتىپ ئىشىكنى شۇنداق چىڭ ياپتىمكى ئەينەكلەر تىترەپ كەتتى .
بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرغان مىرادىل ئىغىز ئىچىپ قالدى .
-ئەزىمەت ياتاق ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەندۇ ؟نېمە بولدۇڭ دەيمە؟
-ھىچنىمە ،دىدىم سوغۇقلا .
-نەچچە كۈننىڭ ياغىزى قارىسام كۆڭلۈڭدە بىر ئىش باردەكلا كىلە ئولتۇرە بىردەم پاراڭلىشىمىز .
-بولدىلا كېيىن پاراڭلىشارمىز .
مەن شۇنداق دەپلا سىرتقا ماڭدىم .مىرادىل مېنى توسىۋالدى .
-ئەزىمەت نەگە ماڭدىڭ ؟
-سىرتقا چىقىپ كېرەي .
-مەن ئىلىشىپ كەتكەن كاللامنى ئارام ئالدۇراي دەپ سىرتقا ماڭدىم ،راستىمنى ئىيتقاندا تورخانىغا ماڭغانىدىم ،بايامقى ئاچچىغىمدا مىرادىلغىمۇ سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ قويغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم ،مىرادىل ئۆزى كەمسۆز ،بىكار بولۇپ قالسىمۇ ياتاقتىن سىرتقا ئانچە چىقمايدىغان تاماكا چىكىپ ،بەزى كەچلىرى ئۈلپەت تاپالىسا شۇلار بىلەن بەزىدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ زاكوسكىسىغا يەر ياڭىقى گازىرلارنى دۆۋلىۋىلىپ ھاراق ئىچەتتى ،بىر نەچچە قىتىم ياتاقتا ھاراق ئىچمەسلىكنى ئىيتقان بولساقمۇ ،مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ يەنە ئىچىۋەرگەنىدى ،مىرادىلنىڭ ئەيىبلىرىدىن بۆلەك يەنە شۇنداق بىر خاراكتىرى بارئىدىكى ،كەچتە ھاراق ئىچسىمۇ تاڭ سەھەردە ھەممىدىن بۇرۇن تۇرۇپ ياتاقنى پاكىز سۈپۈرۈپ ،ئىشىك –دىرىزىلەرنى ئېچىۋىتەتتى .
ئارىلاپ –ئارىلاپ گەپ قىلىپ قالغۇدەك بولسا گەپنى تورلۇق قىلىپ ھەممىمىزنى قايىل قىلاتتى ،لېكىن مەن بۇ ۋاقىتقىچە مىرادىل بىلەن ياتاقداش بولۇپ تۈزۈكرەكمۇ پاراڭلىشىپ باقماپتىمەن ،سەۋەبى بولسا ئۇنىڭ ھىلىقى ناچار قىلىقلىرىنى ياقتۇرمايتتىم .،مۇنداق ئويلاپ باقسام بۈگۈن ئۇمەن بىلەن پاراڭلىشايلى دېسە ،ھەجەب رەت قىلىپتىمەن دېسە .
مەن تورخانىغا چىققاچ شۇلارنى ئويلىدىم ،يولدا بەلكىم ھەمراھى ئۇزاپ كەتكەن بولسا كېرەك يالغۇز ياتاققا ماڭغان تۇتىيانى ئۇچراتتىم ،بايىقى ئىشلىرى تېخى كاللامدىن كەتمىگەچكە خۇددى مەن گۇناھكاردەك يولنىڭ چىتىدە مېڭىپ كۆرمەسكە سىلىپ ئۆتۈپ كەتتىم ،بۇنداق كۆڭلۈم يىرىم چاغلەردا ماڭا تەسەللى بىرەلەيدىغىنى مەۋھۇم دۇنيا بولسا كېرەك .

ھايات بىر خىل رىتىمدا ئايلىنىپ ئۆتىۋەردى ،بۇ يەردىكى تۇرمۇشىمىزمۇ بىر خىل رىتىمدا ،ئىشلەيمىز ،ئىشتىن چۈشىمىز ،زىرىكسەك تورخانابار ،قورساق ئاچسا ئاشخانا بار ،ھاراقكەشلەرگە ئىچىدىغىنى نىسى ،تاس قالىدۇ دىسكوخانىغىمۇ نىسىغا كېرگىنى ،ئاي توشۇپ مائاشىمىز چىققاندا بولسا نىسى دەپتەرلىرىمىزنىڭ ۋاراقلىرى ئۆرۈلۈپ يېڭى بىر ئايلىق نىسى يېزىلىپ ماڭىدۇ ،نىسىلەردىن ئىشىپ قالغان ئاخىرقى پۇللىرىمىزنى بىر بولسا شەھەرگە كېرىپ تۈگىتىمىز ،بىر بولسا مۇشۇ يەردىكى رىستۇرانىمىزدىلا خەجلەپ تۈگىتىمىز .بۇنداق ۋاقىتلاردا بىز شاھ سەنەم ،ئازاساندىكى پۇل يىغالايدىغان غىرىبلىرىمىز يادىمىزغا كەلمەيدۇ ،پەقەت ئاي ئاخىرىدا قاق سەنەم بولۇپ يانچۇقىمىزدا پۇل قالمىغان ۋاقىتلاردىلا ئۇلار يادىمىزغا كېلىدۇ .
مەن ياسەنەملەر يا غىرىپلار قاتارىغا كېرەلمەي ،ھەممىنى ئۇنۇتقان پىتى بۇخارا سەپىرىگە ئەمدى ئاتلىناي دەپ تۇرىشىمغا ياتاققا مىرادىل كېرىپ كەلدى ،ھەم مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ .
-قوپە ئەزىمەت ،ئۇخلاپ يىتىۋەرمەي ،يولدا تۇتىيا سەن بىلەن كۆرىشەتتىم دەپ قاراپ تۇرىدۇ ،ئۇنداق قىلىپ كەتمە يۇتدىشىڭغا ؟
-ۋاي قويە شۇ تۇتىيانى مىرادىلكا ،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىچە ئۇيقۇمنى ئۇخلاييا .
-ئەزىمەت تۇتىيانىڭ ئاتايىتەن سېنى كۆڭلى تارتىپ چاقىرىپتۇ ،نېمە گىپى بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمامسەن .
مەن ئويلىنىپ قالدىم ،بوپتۇلا كۆرىشىمەن دىگەندىكىن تازا تىللاپ ئاچچىغىمنى چىقىراي ،بولسا ئىككىنجى ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايدىغان قىلاي .
ياتاق ئالدىغا چۈشۈپلا خۇما كۆز تۇتىيانى كۆرۈپ بايامقى تىللايمەن دېگەن ئويلار نەلەرگىدۇ غايىپ بولدى ،لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ئاچچىغىمنى چىقىرۋالمىسام بولمايتتى .
تۇتىيانىڭ يېنىغا كىلەر-كەلمەيلا سالامنى باشلىۋالدى .
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،ئەزىمەت قارى باكەنلەھە؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،تۇتىخىنىم ،بىز خىلى كەڭرىچىلىك ئۆزلىرى بارمۇيا ؟
نەچچە كۈنلەر بولۇپ كەتتى،پەقەت كۆرىشەلمىدۇق ،شۇڭا قانداق تۇردىكى دەپ ئەھۋال سوراپ قوياي دەپ چاقىرغان .
-ھە مانداق دىسىلە ،تېخى مەن سىلنى ئولتۇرۇش قوپۇشتىن بىكەر بولالماي بىزلەر يادىغا كەلمىگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن ،بۈگۈن بىرەر ئورۇنلاشتۇرۇش يوقكىن دە.
-ۋاييەي ئەزىمەت ئۇنداق دەپ كەتمىسىلە ،مەن بۇيەردە مەن سىلىنى ئەڭ يىقىنىم دەپ بىلىمەن جۇمۇ .
-شۇنداقمۇ تېخى،ھازىر مېنى يىقىنىم دېگەنلىرى بىلەن ،كەچتە يېقىنلىرىڭىز ئاۋۇپ كېتىپ شۇلارنىڭ قولتۇقىغا كېرىۋالاسىزمىكى.
-بولدىلا ئەزىمەت ،ئۇگەپلەرنى قىلىشمايلى ،بۈگۈن سىلنى تاماققا تەكلىپ قىلاي دېگەن ماڭسىلا بىللە تاماق يەپ كىلىلى .
-ۋوي يېڭىلىققۇ بۇ ،داۋاملىق خەقنىڭ تامىقىنلا يەمدىكى دىسەم سىزدىمۇ باشقىلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىدىغان خۇي باركەندە ،مەن ئۆزۈمدىن پەخىرلەنسەم بولغىدەك ،بوپتۇ مىڭىڭە قورسىقىم ئىچىپ تۇراتتى ،مېھمان قىلسىڭىز قىلىۋىلىڭە.
شۇنداق دىيىشىپ بۇ ‹‹قەشقەر گۈزىلى ››بىلەن تۇنجى قىتىم تاماق يېيىش شەرىپىگە ئىگە بولدۇم ،تۇتىيا بىلەن بىللە كېتىپ بارىمەن ،لېكىن مەندە بايام دېگەندەك قەتئى پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يوق ،ئەكسىچە نۇمۇس قىلىس ،خارلىق تۇيغۇسى بار ،قەدەملىرىمنى تىزلەشتۈرۈپ ئامال بار تۇتىيادىن يىراقراق مېڭىشقا تىرىشتىم،تەلىيىمگە بىرەر تونۇشلاىرىم ئۇچراپ قالمىغان بولسىمۇ ،يولنىڭ ئىككى چىتىدىكى رىدىلەر مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيىلاتتى .
يۈرىكىمنىڭ بىر تىڭى بولسا .شۇنداق بۇزۇق قىز بىلەن بىللە مېڭىشقا ماس ئەمەستىڭغۇ ؟ھەرقاچان پاكلىق ،سەمىمىيلىكنى تەكىتلەيتىڭغۇ ،نۇمۇس قىل دەۋاتاتتى .
يەنە بىر تىڭى بولسا ئۇمۇ بىر ئازغۇن ،مەغلۇپ ھېسىياتنىڭ قۇلى ،ئۇنىڭمۇ كۆڭلىنى ،ئىچكى ھېسىياتىنى بىر چۈشىنىپ باقمەيمەنمۇ ؟شۇنداق ئويلار بىلەن تىز تاماقخانىغا بىللە كېردۇق.
تاماقخانىدىكى تونۇشلار مېنىڭ تۇتىيا بىلەن كېرگىنىمنى كۆرۈپ ھەيران بولغاندەك قارىشاتتى،بولۇپمۇ ئاشخانا خوجاينى ساقاللىق كىشىنىڭ قارىشى  بەك مەنىلىك،ھەيرانلىق ئىچىدە ئىدى .بۇكىشى خىلى دىيانەتلىك ئادەم بولغاچقا ئىككىيلەن داۋاملىق پاراڭلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇراتتۇق ،بۈگۈن بۇ ‹‹قەشقەرگۈزىلى››نى باشلاپ كېرگىنىمنى كۆرۈپ بەلكىم مەندىن ئۈمىدسىزلەنگەن بولىشى مۇمكىن .
بۇ بىر ۋاقلىق تاماق ماڭا ئەڭ ئۇزۇندا يېيىلگەندەك بىلىنمەكتە ئىدى ،يۈزلىرىم خىجىللىقتىن قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى،تاماق ئارىلىقىدا تۇتىياغا پات-پات قاراپ قويغىنىمدىن باشقا ئۈستەلدىن بىشىمنى كۆتۈرمەيتتىم ،تۇتىيا بولسا بىكار بولغان پىيالەمگە چاي لىقلاپ قوياتتى .
ئاخىرى تاماقنىمۇ يەپ بولدۇق ،مەن ئەمدى پۇل تۆلەي دەپ تۇرىشىمغا ،تۇتىيا خوجايىغا پۇل تەڭلەپ تۇرىۋالدى .
ئەلۋەتتە خوجايىنمۇ ئالدىراپ قىز بالىنىڭ پۇلىنى ئالمايتتى ،مەنمۇ قىزلارنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم .
-نېمى ئىش قىلىپ يۈرىيسىز تۇتىيا ،بۇياققا تۇرۇڭ .
-ۋاي ھىچنىمە بولمايدۇ مەن تۆلىسەممۇ .
-تىك ئا ،تۇتسا قارىكا دەپلا تۇتىيانى قاتتىقراق ئىتتىرىۋىتىپ پۇلنى ئۇزاتتىم .
بۇ قىلىقىمدىن تۇتىيانىڭ تۇنجى قىتىم قىزارغانلىقىنى كۆردۈم تاماقخانىدىن چىقىپلا بايامقى ئاچچىغىمنى بىسىۋالالماي سۆزلەپ كەتتىم .
-مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭىز تۇتىيا ھەرقانچە بولساممۇ تاماق پۇلىنى تۆلىگۈچىلىكىم بار ،جۇما .
-مەن سىلىنى تاماق پۇلىنى تۆلىيەلمەيدۇ دىمىدىم ،سىلىنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندىكىن مەن تۆلەي دىدىم شۇ .
-سىزنىڭ پۇلىڭىزنى خەجلەپ يۈرسەم باشقلار نېمە دەيدۇ ،ئۇ پۇللىرىڭىز قانداق يەردىن كەلگەن تېخى خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ .
-بىرەر قىتىم خەجلەپ قويغانغا ھىچنىمە بولمايدۇ ،بۇندىن كېيىن سىلى ماڭا خەجلەپ بىرىلا ئەمەسىمۇ،مېنىڭ پۇللىرىم ھىچقانداق پۇل ئەمەس ،زاۋۇتتىن مائاشىم چىقىپتىكەن شۇ پۇل .
-ھىھ!مائاشىڭىزما يا.....پۇلىمۇ كىم بىلىدۇ .سېزگە دەي بۇندىن كېيىن مېنى قالايمىقان ئىزدىمەڭ ،مېنىڭ سىزدەكلەر بىلەن يۈرۈشكە لاياقىتىم توشمايدۇ .
-ئەزىمەت سىلە مېنى خاتا چۈشىنىپ قاپلا مەن سىلە ئويلىغاندەك ئۇنداق بۇزۇق قىزلاردىن ئەمەس .
-بۇزۇق قىز ئەمەس ،ئەمسە پاك قىزكەنسىزدە ؟ئاڭلىغانلىرىمنى دېمەيلا قوياي ،كۆرگىنىممۇ سىزنىڭ قانداق قىز بالا ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ،دادىڭىز خىلى ئوبدان كىشى ئىدى ،مۇشۇ ھالىڭىزنى كۆرساە قانداق چىداپ تۇرا .
-ياق ئەزىمەت مەن بۇزۇق قىزبالا ئەمەس ،ھىھ...ھىھ...ھىھ ..تۇتىيا مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى .

-ۋاي بولدى قىلىڭە ،تولامىشىلداپ بىشىمنى ئاغرىيتماي ،شۇنداق قىلسام ئالدىيالايمەن ،كۆڭلى ئىرىپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزما؟
-ئەزىمەت ،مەن سىلىگە بەزى ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قوياي ،ھىھ...ھىھ...ھىھ...يۈرىكىم دەرتكە تولۇپ كەتتى.
-مۇشۇنداق ياشىسىڭىز ھىلىغۇ يۈرىكىڭىز دەرتكە تولۇپ كېتىپتۇ ،يۈرىكىڭىز يىرىلىپلا ئۆلمەپسىز ،يىغلىغاچ ئوبدانراق ئويلىنىڭ مەن چىقىپ كەتتىم .
مەن ئارقىمغىمۇ قارىماستىن ،ياتاق بىناسىغا كېرىپ كەتتىم ،ئىككىنجى قەۋەتكە چىقىپ ياتاققا كېرىپ كېتەي دىدىميۇ ،يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى تۇتىيا بارمۇ يوق؟قاراپ باق دەپ شەپە بىرەتتى ،مەن تۇتىياغا كارىدۇر دىرىزىسىدىن قاراپ باقتىم .
تۇتىيا بايىقى تۇرغان يىرىدە تېخىچە يىغلاۋاتاتتى ،قانچىلىك يىغلىدىكىن  بىر ۋاقىتتا ،جىمىپ ئولتۇرۇپ كەتتى ،ئۇ نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقاندۇ؟يۈرىكىدە نېمە دەرت باردۇ؟شۇ ۋاقىتتىلا يۈرىكىم ئازراق ئىچىشىپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ،بىرەر سائەتلەر ئولتۇردىمىكىن  بىر ۋاقىتتا قەدەملىرىنى ناھايىتى روھسىز ئالغان ھالدا قىزلار ياتىقىغا كېرىپ كەتتى .

بىر كۈنلۈك جاپالىق خىزمەت ئاياغلاشتى ،قۇلاقنى يارغۇدەك كۈچلۈك زاۋۇت ئاۋازى بىزنى چارچىتىپ قوياتتى ،ھالسىزلانغىنىمىزچە ياتىقىمىزغا كېرىمىز ،قارايدىغان بولسىڭىز ياتاقلىرىمىز شۇنچىلىك رەتسىزكى مەن ئۇنىڭغا ‹‹بىزلىندىكى خارابىيلىق ››دەپ نام قويدۇم .
يوتقان –كۆرپىلىرىمىزمۇ يىغىلمىغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگىلا كېيىم-كىچەكلىرىمىز تاشلانغان ،يەردە بولسا تاماكا قالدۇقى ،تەييار چۆپ خالتىلىرى قاتارلىق نەرسىلەر قالايمىقان تاشلىنىپ كەتكەن ،ھىلىمۇ ياخشى كارىدور ،ھاجەتخانىنى تازىلاشقا ئادام باركەن بولمىسا قانداق قىلاتتۇقكىن تاڭ .ھەر ھەپتىدىكى بىر كۈنلۈكدەم ئىلىشتا نۇمۇس كۈچىدىنمۇ تاڭ ،قوللىرىمىزغا سۈپۈرگە ئىلىپ تازىلاپ قوياتتۇق .
بۇ يەرنىڭ ئەتىگىنىنى كۆرۈڭ ‹‹بۇيەرنىڭ سەھىرى جىمجىت››‹‹جانان ئۇيقۇدا››مانا بۇ سەھەر تەسىراتلىرى ،ھەتتا ئىشقىمۇ يۈزلىرىمىزنى يۇيماي چىقىپ كېتىشىمىز ،ھىلىقى تاماقخانا خوجايىنى ماڭا بۇ يەردىكى بالىلاردىن چوڭ نەرسىنى كۈتكىلى بولمايدۇ ،ئەتىگىنى قوپوپ يۈزىنى يۇيۇپ ئىشقا ماڭسا شۇ چوڭ ئىش دېگىنى ئىسىمدە .
كەچلىكى ئۇنىڭ ئەكسىنچە ھەررەڭ –سەرەڭ كېيىنگەن قىزلارنى تونۇمايلا قالىسىز ،لېكىن شۇنداق چىرايلىق ياسانغان قىزلارنىڭمۇ ياتاقلىرى بىزنىڭكىدىن قىلاشماسلىقى مۇمكىن .
قىزلارمۇ ئىشتىن ھىرىپ كەتكىنىگە قارىماي ،دىسكوخانىغا ئالدىراش چاپىدۇ ،پۇلى بار ئوغۇللار قىزلارغا تېلېفۇن قىلىشىپ بىللە ئوينىشىدۇ ،پۇلى يوقلىرى ھەسرەت بىلەن تاماكا چىكىشىپ قىلىشىدۇ .
مەن ھەممىنى تاشلاپ تورخانىغا چىقىپ كېتەتتىم ،مېنى روھلاندۇرۇپ تۇرىدىغىنى يەنىلا مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيا بولسا كېرەك ،بۇ ۋاقىتلار مېنىڭ مەۋھۇم دۇنيا بىلەن ئەمدىلەتىن تونۇشۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى ،مۇنبەرلەردە قىزىقىپ تېما كۆرىۋاتاتتىم،بەزى تورداشلارنى كۆرۈپ ئىلھام ئالاتتىم ،بەزىدە شۇنداق روھىم چۈشۈپ كەتكەن چاغلاردا ،مۇنبەرگە چىقساملا غەيرەت-شىجائەتلىك ياشلىرىمىزنى ،ئۇنۋىرسال ساپاغا ئىگە زىيالىيلىرىمىزنى ،پاك ۋىجدانلىق ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى كۆرگەندە روھىم كۆتۈرۈلۈپ ئىلھاملىنىپ كېتەتتىم .
توۋا بۇ مەۋھۇم دۇنيادا بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىغا قاراپ پىشىپ يىتىلگەن ياشانغانلارمىكىن دەپ قالىسىز.
قاراڭ ماۋۇ ‹‹باغۋەن››گە مەن تېخى 35 ياشلىق چوڭ كىشىمىكىن دەپ ئويلايتتىم،لېكىن ئەمەلىيەتتە كۆردىمكى ياش-قۇرامى مەنبىلەن تەڭ ،ئاددى-ساددا ،چىقىشقاق ،كەمتەر شۇنداق كىلىشكەن يىگىتكەن ئەمەسمۇ ؟توردا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇستازىمدەك ياردەم قىلىپ كەلدى.
ماۋۇ ‹‹زەررە ئۇچقۇنى››چۇ ؟ئۇئۆزى شۇنچىلىك كەمتەر كىچىك پىئىل ،مېنى كىچىك دىمەي ھۆرمەتلەپ ئىززەت قىلىدۇ ،ھەرقاچان ئەھۋالىمنى سوراپ تۇرىدۇ خۇددى ئاكامدەكلا .
مەن مۇشۇنداق دوستلىرىمنىڭ بارلىقىنى ئويلىساملا چەكسىز غەيرەتكە تولىمەن ،يەنە باشقا تورداشلارنىڭ ،مىللەتپەرۋەرلىكى ،خەلقپەرۋەرلىكى،قەلب دۇنيارىمغا سېڭىپ كېرىپ ،مەندك ئاددى بىر دېھقان ئوغلىنىڭ روھى دۇنياسىنى بىيىتىپ ئالغا ئىنتىلدۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى .
مەن مۇشۇ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ھەممە نەرسىنى پۈتۈن دۇنيانى ئۇنىتقاندەك توردۇنياسىغا بىرىلىپلاكەتتىم ،كۈندۈز ئىسمىنا ئىشلىسەم يېرىم كېچىلەرگىچە ئوتتۇرا ئىسمىنا ئىشلىسەم ئەتىگەندىن ئىشقا چىققۇچە ،كېچە ئىسمىنا ئىشلىسەم ئۇيقۇسىز دېگەندەك تورخانىغا چاپاتتىم ،بۇنداق تورغا بېرىلىش ،مېنى ھارغىن ئۇيقۇسىز قىلىپ قويغىنى بىلەن ماڭا دۇنيانى ۋاقتىنچە بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرالايتتى.
بىركۈنى كۈندۈز ئىسمىنا ئىشلەپ يەنە تورخانىدىن سائەت 10لاردا ياتاققا كېردىم ،ياتاقتا مىرادىل يالغۇز ئولتۇرۇپتۇ ،ياتاقداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى بولسا ئۇيقۇغا كەتكەن ،بەزىلىرى نەلەرگىدۇ چىقىپ كەتكەنىدى .
مىرادىل مېنىڭ كېرگىنىمنى كۆرۈپ ،چاقىرىپ قالدى .
-ئەزىمەت مەيەرگە كىلە بىردەم ئولتۇرىمىز .
مەن گەپ قىلماي ئۇنىڭ كارۋىتىغا كېلىپ ئولتۇردۇم .
ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۈستەلدە بىر ھاراق بوتۇلكىسى ،ئۇنىڭ ئەتراپىدا چىچىلىپ ياتقان گازىر ،يەرياڭىقى قاتارلىقلار تۇراتتى ،
ئۇ ھاراقتىن بىر رومكا قۇيۇپ ماڭا تەڭلىدى .
-بىرە رومكا ئىچىپ قويامسە ،ئەزىمەت .
-ۋاي نېمە دەيدىغانسەن ،مەن ئىچمەيمەن بۇنى بىلىسەنغۇ؟
-شۇنداق دەيدىغىنىڭنى بىلەتتىم ،بوپتۇ بۇ رومكىنى كۆتۈرىۋىتىپ ئاندىن پاراڭلىشايلى ھە.
ئۇرومكىدىكى ھاراقنى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ماڭا قارىدى،كۆزلىرى ئىلىشىپ ئازراق تەڭشىلىپ قالغاندەك تۇراتتى .
-نېمانچە ئۆزۈڭنى قاچۇرىسەن ؟
-كىمدىن دەيسەن .
-تۇتىيادىنچۇ؟قارىسام ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرۇپلا يۈرىيسەن ،ساڭا يىقىنلاشماقچى بولسا قوپاللىق قىلىسەن .
ئۇنىڭغا نېمىشقا يىقىنلىشاتتىم مىرادىل ،يا ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ مۇناسىۋىتىم بولمىسا ،ئۇ يا تۈزۈرەك قىز بالا بولسىچۇ كاشكى .
-تۈزۈك قىز بالابولسا مەن دىمىسەممۇ سەن بوش قويمايتتىڭ ھەقىچان ،پاتقاققا پىتىۋاتقان قىز بولغاچقا ،تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا يىقىنلاشقىن دەۋاتىمەن .
-سېنىڭچە ئۇنى پاتقاقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىلى بولارمۇ مىرادىل .
-ئاۋۋال ئۇرۇنۇپ باقمامسەن،سەن ئۇنى ھىچنىمەم ئەمەس دېگىنىڭ بىلەن تۇتىيا سېنى ئەڭ يىقىنىم دەپ قارايدىغاندۇ بەلكىم .
-مەنمۇ شۇنداق دەپ ئويلىغان ،لېكىن ئۇنداق قىلسام ئۆزۈمگە يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم .
-تۇتىيا ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە ئۆزۈڭگە يۈز كىلەلەمسەن ؟راستىڭنى ئىيتە ؟سەن ئۇنىڭدىن نۇمۇس قىلىسەن ،ياراتمايسەن ،لېكىن نېمىشقا ئۇنىڭدىن نۇمۇس قىلىسەن ،قىززىق قىزبالا تۇغۇلغان چىغىدىلا ئىپپەت-نۇمۇسى بىلەن يارىتىلغان ،ئۇ ئەرلەرقىز-ئاياللارنىڭ نۇمۇسى بولۇپ قالماي ،بەلكى ئەرلەرنىڭ نۇمۇسى ،شۇ نۇمۇسنى ئۆزىمىز قوغدىيالماي ،بار گۇناھنى شۇ قىزلارغا ئارتىپ قويامدۇق.
سەن تۇتىيانىلا ئەمەس مېنىمۇ ياراتمەيسەن ھاراقكەش ،زابوي دەپ ،بەلكىم گەپلىرىم قۇلاقلىرىڭغا تىتىمايۋاتقاندۇ ،بۇنداق زابوينىڭ گېپىنى ئاڭلامدىمەن دەپ ،لېكىن سەن ئويلاپ باق ئۆز ۋاقتىدا قانداقتىڭ ،بۇ دېگىنىم ھەرگىز سېنىڭ ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئىسىڭگە سالغىنىم ئەمەس .
-ياق ،ھەرگىز ئۇنداق دەپ ئويلىما مىرادىل .....
-بولدى ...مىرادىل مەست بولۇپ قالغاندەك ئىدى .
-دېسەم –دىمىسەم ھازىرمۇ مېنى مەست بولۇپ قالدى ،مەستنىڭ گېپى قانچىلىك بولماقچىتى دەۋاتىسەن ھەقىچان شۇنداق بولسىمۇ كۆڭلۈمدىكىنى دىۋالاي .
سەن بۇ كىچىككىنە يەرگە قارىماي ،ساتىراچخانا ،يۇيۇنۇش مەيدانى ،مېھمانخانىدا ئۆز ئىپپەت –نۇمۇسلىرىغا ئىگە بولالمايۋاتقان،ھەتتا ئىغىزدىن چىقارغۇسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاچا-سىڭىللار ئىنتايىن كۆپ ،ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئالدىدا تۇتىيانىڭ قىلغانلىرى ھىچقانچە ئىش ئەمەس ،گۇناھ كىمدە؟شۇلارنىڭ ئۆزىدە شۇنداقمۇ؟شۇنداق دەپ قارىساڭ ئەتە سېنى شەھەردىكى......ساڭناغا ئەكىرەي ھىچ ئىش قىلما شۇيەرنى كۆرۈپ چىق ،ئىشلەۋاتقانلارغا قاراپ باق ئۇلار كىمكىن ،نېمە ئىش قىلىدىكەن ،باشقىلارغا ھەمراھلا بولامدىكەن، يا باشقا ئىشمۇ قىلامدىكەن ؟خالىساڭ بىرەرسى بىلەن پاراڭلىشىپ باق ،ئۇلارنىڭمۇ بىر پاتمان دەردىنى ئاڭلايسەن .
نېمىشقا دۇئالىرىمىز ئىجابەت بولمايدۇ ،ئاشۇ شەكلى ئۆزگەرگەن پاھىشخانا ،ساڭنا ،يانا نۇرغۇن ناملار بىلەن ئاتالغان يەرلەردە نۇرغۇنلىغان قىز-ئاياللىرىمىز خارلىق تارتىپلا يۈرىيدىكەن ،24سائەت جەينىمازدىن قوپماي دۇئا قىلساڭمۇ ؟مەككىگە بېرىپ زار-زار يىغلىساڭمۇ دۇئايىمىز ئىجابەت بولمايدۇ .
قانچىلىغان ئۆلىما –ئالىملىرىمىز يىللاردىن بۇيان دۇئا قىلىۋاتىدۇ ،يەنە دۇئا قىلىدۇ ،لېكىن شۇ دۇئالىرىمىز نېمىشقا ئىجابەت بولمايدۇ ،ئۇلار مەسچىتتىن چىقىپلا ،يا بولمىسا جەينامازدىن قوپوپلا قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ،يا بولمىسا شۇقىزلارنىڭ قولىدىن تارتقۇدەك جۈرئەت ،يۈرىكىنى ئىرىتكۈدەك گەپ قىلالمايدۇ ،ياكى مەن سېنى شۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدۇممۇ دەپ كارى بولمايدۇ ،بەزىلەر ئۇلاردىن نۇمۇس قىلىدۇ ،تىللايدۇ خارلايدۇ ،ئۆز ھالىغا تاشلىۋىتىدۇ ،ئۇنداق ئەمەلىيىتى يوق دۇئا ئىجابەت بولامدۇ ؟
بەك كۆپ گەپ قىلىۋەتتىم ھە؟ئازراق تىنىۋالاي .
ئۇ يەنە بىر رومكىىنى قىقىۋىتىپ ئىغىز ئاچتى .
-مەن نېمىشقا ھاراق ئىچىمەن ،راست مېنىڭ بۇ قىلغىنىم بايا دېگەندەك دۇئا قىلىپ چىقىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ قالغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ،بەلكىم مەندىمۇ جۈرئەت بولمىسا كېرەك ،شۇڭلاشقا ئۆزۈمنىڭ ھالىغا ئىچىنىمەن ،شۇلارنى بۇ يولغا قىستىغان كىم ؟بۇلارنى ئوبدان ئويلا ئەزىمەت .
سەن ھەقىقى ئەركەك ،ئەزىمەت بولساڭ تۇتىيا ھازىر دىسكوخانىدا ،ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئىچىقىپ كەت ،ئۇنىڭ ھالىنى تىڭشاپ باق ،بۇندىن كېيىنمۇ ئىنسانلىق مېھرى-مۇھەببىتىڭنى ئازراق بولسىمۇ بېرىپ باق ،بەلكىم ئويلىمغان نەتىجىگە ئىرىشىپ قالارسەن .
مەن جىم ئولتۇرۇپ مىرادىلنىڭ قىلغان گەپلىرىنى ئويلىنىپ قالغان ئىدىم .
-بىلىمەن ،سەن نۇرزادىنى ياخشى كۆرەتتىڭ ،ئۇ بىلسە قانداق ئويلار دەۋاتىسەنغۇ ھەقىچان ،شۇنداقمۇ؟نۇرزادىمۇ توي قىلىپ بولدى ،توي قىلمىغان بولسىمۇ توغرا چۈشىنەر ئىدى بەلكىم .
مەندە مىرادىلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ نەچچە ۋاقىتتىن بىرىقى ئىككىلىنش يوقىغاندەك بولدى ،ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم .
-تۇتىيانىڭ يېنىغا ماڭدىڭما؟ئەمدى ئەزىمەتكە ئوخشىدىڭ چىقىپ كىر .
مەن بايىدىن بىرى ئىيتىلغان سۆزلەرنىڭ تۈرتكىسىدە دىسكوخانىغا قاراپ ماڭدىم ،دىسكوخانا ۋال-ۋۇل چىراقلار بىلەن بىلەن بىزەلگەنىدى ،شۇ چىراغ يورىقىدا ھىچكىمنى تونىغىلى بولمايتتى ،ياڭراتقۇدىن بولسا خەنزۇچە ‹‹بەش مىليون››دېگەن ناخشا قويۇلۇۋاتاتتى ،بەزى ئۇيغۇرلارمۇ قاملىشار-قاملاشماس ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن دىسكوخانىنىڭ يان تىمىغا قايسىدۇر بىر نازىنىننىڭ يالىڭاچ رەسىمى ئىسىلغانىدى .
مەيدان سىرتىدا ئولتۇرغان ئورۇنلاردا  بولسا قىيقاس –چۇقان،تاماكا ئىسلىرى ئەگىپ كېتەلمەيتتى ،دىسكوخانىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ،چەتتىكى بىر ئورۇندىن تۇتىيانى تاپتىم ،مەن ئۇ ئورۇننىڭ يېنىغا كىلىپ تۇتىيانى چاقىردىم .
-تۇتىيا ماياققا چىقىڭە ؟
تۇتىيا ئەندىكىپ ماڭا قارىدى،بىللە ئولتۇرۇشقانلارمۇ سوغۇق نەزەر بىلەن ،ماڭا يەۋىتىدىغاندە قاراپ كېتىشتى .
تۇتىيا خىجىل بولغاندەك ئەتراپىغا بىر قارىۋىتىپ ،ئولتۇرغان ئورنىدىن ئاستا سۇغۇرلۇپ چىقتى .مەن ئۇنىڭ ئالدىدا تىز-تىز قەدەملەر بىلەن كېتىپ باراتتىم ،دىسكوخانىدىن خىلى ئۇزىغاندىن كېيىن تۇتىيا ماڭا يېتىشەلمەي مېنى چاقىردى .
-ئەزىمەتجان توختىسىلا نېمانداق كىتىۋىرىلا ؟
مەن قەدەملىرىمنى ئاستىلىتىپ ئارقىمدا كېلىۋاتقان تۇتىياغا قارىدىم .
-مېنى چاقىرىپ بىرەر گەپلىرى بارمىتى يا ؟
-ھەگېپىم بارتى ،دىدىم دوق بىلەن .
-گەپلىرى بولسا نېمانداق كېتىۋىرىلا توختىسىلا دەيمەن .
مەن جايىمدا توختاپ تۇتىياغا قارىدىم كۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا چىڭ تىكىپ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم ،تۇتىيا ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى ،‹‹ئىسىت خۇدايىم ساڭا بەرگەن ئاشۇ چىرايىڭغا ،چىرايىڭ سولاشسا نېمىشمۇ قىلارسەن تاڭ ››دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .
-نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ماڭا قىلغان مۇئامىلىرىگە قاراپ ھامان بىر كۈنى شۇنداق دەيدىغانلىقلىرىنى بىلەتتىم ،مەنمۇ سۆزلەپ بىرەي دېگەن شۇ پۇرسەت بەرمىلە .
نېمىنى سۆزلەپ بىرەتتىڭىز ؟قانداق ئوينىغىنىڭىزنى ،كىملەرنى ئەخمەق قىلغىنىڭىزنى ،يەنە كېچىلىك پاراڭلارنى سۆزلەپ بىرەمتىڭىز .
-ياق،ياق ئۇئىشلاردا مەنمۇ ناھايىتى خىجىل ئەزىمەت ،بۇرۇنقى كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەپ بىرەي دېگەن ئاڭلىغۇلىرى بارمۇ ؟
-مىڭىڭە ئۇنداق بولسا گېپىڭىزنى بىر ئاڭلاپ باقاي .
-نەگە بارىمىز ؟
گېپىڭىزنى مۇشۇ ياتاقنىڭ ئالدىدىلا دىمەسسىز ؟.....
كەڭ ئاسفالىت يولدا كېتىۋاتىمەن ،قاراڭغۇ ئاسماندا بۈگۈن پەقەت يۇلتۇزلارلا جىمىرلايتتى ،يازنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىدە ناھايىتى جىمجىت سىرلىق تۈس ئالغانىدى .
بىريىل بۇرۇن مانا مۇشۇ يولدا ماڭغانىدىم ھە،ئۇۋاقىتتا يېنىمدا نۇرزادە بار ئىدى ،دەل مۇشۇ قويۇق ئورمان بىلەن چىگىرلىنىدىغان پاسىلدا توختىغانىدۇق ،مانا ھازىر باشقا بىرى بىلەن كېتىۋاتىمەن ئۇكۈنى نۇرزادە بىلەن ئولتۇرغان سۇپىمۇ چۆلدەرەپ قالغانىدى .
-كىلىڭە تۇتىيا ،باياتىن بىرى گەپ قىلماي مېڭىۋاتقان تۇتىيانى رىشاتكا ئىچىدىكى سۇپىغا باشلىغاچ .
تۇتىيا يانچۇقىدىن قەغەز ئىلىپ ئاۋۋال مەن تەرەپنى ئاندىن ئۆزى تەرەپنى تازىلاپ چىقتى ،ئاندىن ئاستا يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى .
ئۇ ئاسماندىكى سانسىز يۇلتۇزلارغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن :
-ئەزىمەت سىلى مرنى ھازىرغىچە بۇزۇق قىز بالا دەپ ئويلايلا شۇنداقمۇ؟
مەن جاۋاب بەرمەي باشقا تەرەپكە قارىۋالدىم .
-راست مەن بۇيەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزۈممۇ كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم ،بەزىدە ئۆزۈمنىمۇ تونۇيالمايلا قالىمەن .
ئەزىمەتجان سىلنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى يوققۇ دەيمەن .
-يوق .
ئانلىرىغۇ باردۇ؟
-ھىھ!يوق بارلىق دەرت –ھەسرىتىمنى ئاشۇ بىر ‹‹ھ››گە سىڭدۈرىۋەتتىم .
-ئۇنداق بولسا ئاياللارنى ئانچە چۈشەنمەيدىغان ئوخشايلا ،ئاياللار تۇرمۇشتا نېمىگە ئىھتىياجلىق .
تۇتىيانىڭ سۇئالىنى يەنە جاۋابسىز قويدۇم .
مەن سىلىگە بەزى كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەپ بىرەي .
‹‹مېنى سىلى تاھازىرغىچە باينىڭ ئارزۇۇق قىزى دەپ قارايلا شۇنداقمۇ؟راست مەن كىچىك ۋاقتىمدا بەك ئارزۇلۇقتىم، داداممۇ بەكلا پەپىلەپ باقاتتى ،كىچىكىمدىن تارتىپ بەكلا شوخ ئويۇنچى چوڭ بولغانىدىم ،ھەممە ئىش شۇ شوخلۇقىمدىن چىقتى ،ئويناپ يۈرۈپ باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشنىمۇ تاشلىۋەتتىم .ئون بەش يېشىمدا ئۇزۇن چاچلىق ئويناق كۆز بىرىگە ئاشىق بولدۇم،نەدە ئويۇن –تاماششا ،نەدە دىسكو قاۋاق بولسا ئويناپ يۈردۈم .
گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ ئازراق توختىۋىلىپ ماڭا قارىدى .
-ئاڭلاۋاتاملايا ئەزىمەت ؟.
ئاڭلاۋاتىمەن ،قىنى داۋامىنى سۆزلەۋىرىڭ .
ئاخىرى ئويۇننىڭ نەتىجىسى چىقتى ،توي قىلمىسام بولمايدىغان يەرگە يەتتى ،دادامنىڭ ئالدىغا شۇھالىم بىلەن ھىلىقى يىگىتنى باشلاپ باردىم ،دادام بەكلا قايناپ كەتتى ،ئاخىرى چىدىماي مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى ،مەن دادامنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي يالغۇزلا توي قىلىۋالدىم .
ھەي ئەزىمەتجان ھازىر ئويلىسام دادامنىڭ گېپىگە كېرمەي ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغىنىمغا بەكلا پۇشايمان قىلىمەن .شۇ تويدىن كېيىن دادامنىڭ مەندىن بەكلا رايى ياندى ،مەنمۇ چوڭ ئۆيگە بارالمىدىم ،توي قىلىپ 7-ئىيىغا بارغاندا بۇدرىققىنە ئوغولدىن بىرنى تۇغدۇم ،بالام تۇغۇلدىمۇ شۈكۈندىن باشلاپ قەلىب دۇنيارىمنى قار-مۇزلار بىلەن قاپلىنىشقا باشلىدى .
يولدىشىم ھەر كۈنلىكى گەپ-سۆزقىلماي چىرايىنى تۈرىپلا يۈرىيدىغان بولىۋالدى ،كەچلىرى بولسا ماڭا شۇ ئوماق بالاملا ھەمرا بولىدىغان بولدى ،شۇ بالامنى باغرىمغا بېسىپ ئازابىمنى يەڭگىللىتىدىغان بولدۇم.
ئاھ!ئۇزۇن كېچىلەر تۈنلەپ-تۈنلەپ ئۆيگە قايتمايدىغان يولدىشىمنى ساقلاش بىلەن ئۆتەتتى ،يولدىشىمنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى شېرىن تاتلىق گەپلىرى ،كۆيۈنۈش ،مېھرىبانلىقى نەلەرگىدۇ غايىپ بولغانىدى ،يالغۇزلۇق ،تەنھالىق مېنى قىينايتتى ،ئۆيۈمگە باراي دىسەم بارالمايتتىم .
ھىلىمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ ،بىركۈنى ئىرىم مەست بولۇپ كېرىپ مېنى بولىشىغا ئۇردى ،كۆكەرگەن قاش-كۆزلىرىم،مېنىڭ بىردىنبىر ھەمرايىم بولغان بالامنى كۆتۈرۈپ يۈزۈمنى قىلىن قىلىپ ئۆز ئۆيۈمگە يېنىپ كەلدىم .
شۇكۈنلەرنى دىمەيلا ئەزىمەتجان ،ھاياتىمدىكى ئەڭ ئىغىر كۈنلىرىم بولسا كېرەك ،دادام تىرەسودىسىن قوشلاپ زىيان تارتىپ كەتكەچكە دەردىنى ئىچىگە ئىلىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى ،باياشات تۇرمۇشتا ياشاپ كەلگەن ئانام بولسا بىر كۈندىلا قىرىپ كەتكەندەك بولۇپ پىشانىلىرىنى قورۇق بىسىپ كەتكەنىدى .بۇ ئائىلىگە قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى ،مەندە نېمە ئىلاج ،يەنە ئامالسىز يولدىشىمنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتىم ،لېكىن بىر سوغۇق چۈشكەن ئائىلەم ئىللىمىدى ،مېنىڭ تۇنجى نىكاھىم ئاجرىشىش بىلەن ئاياغلاشتى .
-بالىڭىزنىچۇ؟قايسىڭلار باقىدىغان بولدىڭلار ؟
-ئالدىرىمىسىلىمۇ ھازىر دەپ بىرىمەن ئەزىمەت .
شۇنداق قىلىپ ئوغلۇمنى ئىرىمنىڭ ئانىسى مەن باقىمەن دەپ بەك چىڭ تۇرىۋالغاچقا ئوغلۇمنى ئۇلارغا بۇيرۇپ بەردى .
يەنە ئۆيۈمگە قايتتىم،ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان دادامغا بار ئەھۋالنى ئىيتتىم ،دادام بۇرۇنلا مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەنمۇ ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى ،بىچارە ئانام بولسا تەڭقىسلىقتا كۆز-ياشلىرىنى ئىقىتىپ تۇراتتى .
ئۇكۈنلەردە نەمېنىڭ ھال-مۇڭ بولغۇدەك دوستۇم بولسۇن ،نەدەردىمنى تىڭشىغۇدەك كىشىم بولسۇن ،جاھاندا خۇددى ئۆزۈم يالغۇز قالغاندەكلا ھېس قىلاتتىم ،
مېنىڭ بىردىنبىر ئەرمىكىم بولغان بالاممۇ ،دادىسىغا بۇيرۇپ بىرىلدى ،مەن ئەڭ كۆيۈنۈشكە ،مېھرىبانلىققا ،كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك چاغلاردا تاشلىۋىتىلدىم .
بۇنى كىمدىن كۆرەتتىم ،ئەلۋەتتە ئۆزۈمدىن ،ئۆزۈمنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى قەدەمنى خاتا باسقىنىمدىن كۆرەتتىمدە ،ئائىلەم شۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى ،بىرەر ئىش قىلىپ تۇرمۇشىمنى قامدايمۇ؟كىچىكىمدىن تارتىپ تەييارغا ھەييار بولۇپ قالغان كىشى ،يەنە كېلىپ يۇرتتا خىلى نامى بار باينىڭ قىزى تۇرۇپ ،غورۇرۇم مېنى بۇ خىيالىمدىن ۋاز كەچۈردى ،ئاخىرى بولماي باشقا يۇرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىش ئارزۇسى بىلەن ،كورلىغا ،مۇشۇ يىگانە باياۋانغا ئەكىلىپ تاشلىدى. ››
تۇتىيانىڭ سۆزلىرىنى بىرىلىپ ئاڭلاپ كېتىپتىمەن ،تۇتىياغا قارىدىن قارىسام گەپلىرى ھىچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى .
-قالغىنىچۇ تۇتىيا ؟بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنكى تەسىراتىڭىزنى دەيمەن .
-قالغىنىنى دەپبىرەيما ؟ئاخىرىنى دىسەم سىلى خاپا بولۇپ قالالىمۇ؟ئاخىرىدا سىلىمۇ چىقىپ قالىلا .
-ھە تېخى ئاخىرىدا مەنمۇ چىقىپ قالامدىمەن ،ئۇنداق بولسا ئاڭلىسام بولغىدەك .
-بۇيەرگە كىلەر-كەلمەيلا بىللە ئىشلەۋاتقان قىزلارئۆزلىرى بىلەن بىللە دىسكوخانىغا چىقىشىمنى ئىيتىپ تۇرىۋالدى ،مەنمۇ زىرىكىپ يالغۇزلۇق ھېس قىلغاچقا تارتىشمايلا چىقىپتىمەن .
ئۇ يەرگە چىقىپ قارىسام قەشقەرلىك بالىلارمۇ خىلى كۆپكەن ،ئۇلار بىلەنمۇ تونۇشۇپ قالدىم،ئۇلارمېنى يەرلىك بالىلارغا تونۇشتۇردى ،
زىرىكىشلىك كۈنلىرىم ئاياغلىشپ ،كۆڭۈللۈك كۈنلىرىم باشلانغاندەك بولدى ،دەسلەپتە بىر قول ئۇسسۇل ،تانسا بىلەن باشلانغان بولسا كېيىنچە ھەرخىل سورۇنلاردا بەك ئىززىتىمنى قىلدى ،ماڭا كۆيۈنگەندەك قىلىشتى ،تېخى بىر نەچچىسى ماڭا كۆيدۈم-پىشتىم دەپ تاتلىق ۋەدىلەرنى بىرىشتى ،ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ نېمىنى كۆزلەيدىغىنى ماڭا ئىنىق ئىدى ،ئاخىرى ئۇنىڭغىمۇ چىدىدىم ،شۇنداق قىلىپ ئاشۇنداق ساختا ئىززەت،كۆيۈنۈش ،ساختا ئابروي قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى .
لېكىن بۇ ساختا دۇنيادا سىلىدەك يۇرتدىشىم،مەكتەپدىشىم  بىلەن تونۇشۇپ قىلىشنى كىممۇ ئويلىغان دەيلا .
سىلى بىلەن تۇنجى قىتىم كۆرۈشكەندە ھەم خۇشال بولغان ھەم ھەيران قالغانىدىم ،شۇ كۆرىشىشتىن كېيىن سىلىگە يىقىنلىشاي دەپ ئويلاپ بۇ يەردىكى ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلدىم ،لېكىن ئۆزلىرى ماڭا قارىلىرىنىمۇ كۆرسەتمىلە ،ئانچە قىزغىن مۇئامىلىمۇ قىلمىلا ،بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەتتىم،سىلى مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن نۇمۇس قىلاتتىلە ،يەنە بىر تەرەپتىن ھىلىقى رۇباچ قىزنى ئۇنتالماي شۇنداق قىللىغۇ دەيمەن .....................
لېكىن مەن سىلنىڭ ئىللىق مۇئامىلە قىلىشلىرىغا ،دوستلارچە سىردىشىلىرىغا ،يالغاندىن بولسىمۇ مېنىڭ يىگىتىم بولۇپ قالسىكەن دەپ خىيال قىلاتتىم .
-راستما ،سېزنىڭ يىگىتىڭىز بولۇپ قىلىشىمنى ئارزۇ قىلامسىز؟
مەن تۇتىيانىڭ زىدە بولغان يۈرىكىگە ئازراق تەسەللى بولسۇن دەپ مۇنداقلا دەپ قويغانىدىم.
-ۋىيەي ،مېنى راستىنلا ئۆزلىرىگە قىز دوست قىلىۋالاملا ؟ئۇنداقتا ھىلىقى رۇباچلىق قىز قانداق قىلىدۇ؟
-نۇرزادىنى دەمسىز ؟سىز ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ .

-شۇنداما؟ئۇنداقتا سىلىگە دەيدىغان بىر گېپىم بار ماقۇل دەملا ؟
-قىنى گېپىڭىزنى ئاڭلاپ باقاي ماقۇل دېگۈدەك بولسا ماقۇل دەرمەن .
-ئۇنداق بولسا دوللىرىغا بىردەم بېشىمنى قويۇپ ئولتۇرىۋالاي.
-ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ ،كىم بولسابېشىنى قويسا بولىدىغان ئاممىۋى دولا ئەمەس بۇ .
-مانا،مانا يالغانچىكەنلا؟
-لېكىن سىز قويسىڭىز بولىدۇ تۇتىيا ،سىز مېنىڭ قىزدوستوم ئەمەسمۇ؟
تۇتىيا سۇس كۈلۈمسىرەپ دولامغا بېشىنى قويدى ،ئوتتەك يانىڭ جانغا راھەت بىغىشلىغۇچى سەلكىن شاماللىرى تۇتىيانىڭ چاچلىرىنى يۈزۈمگە يىنىك ئۇراتتى ،مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم ،ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ساناۋاتامدۇ ؟ياكى ئۆزىنىڭ ھايات مەنزىلىنىڭ ئاشۇ يۇلتۇزلاردەك يىراقتا ،ناھايىتى يىراقتا ئىكەنلىكىنى خىيال قىلىۋاتامدۇ ؟كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلىپلا قالغانىدى .
بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئاستا ئورنىمىزدىن تۇرۇشۇپ ياتاق تەرەپكە ماڭدۇق ،ئۇ قوللىرىمنى چىڭ تۇتىۋالغانىدى ،قوللىرىمنى يەڭگىل سىلكىپ كىچىك بالىلاردەك خۇشال كېتىۋاتاتتى .
كەچەرەرسەنمۇ؟تېخى بىر يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇ يولدا سەن بىلەن بىللە مېڭىپ يۈرەك سۆزلىرىمىزنى دىيىشكەنىدۇق ،ئەجىبا بۈگۈنكى كۈندىچۇ؟ئۆزۈممۇ ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ مېڭىۋاتىمەن .
ياق،تەڭرىممۇ شۇنداق ئەپۇچان ،شۇنداق كۆيۈمچان ئەمەسمۇ؟
سەنمۇ شۇنداق ئەپۇچان قىز ئىدىڭ مېنى ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمنى تونىغان ئىدىم ،مۇشۇ كۈنلەردە سەن نېمە ئىش قىلىۋاتقانسەن قايسى پىنھاندا زارلاۋاتقانسەن ،ئەي ئۇلۇغ ئاللا ،شۇ قەيسەر قىزنى ئامان قىلغايسەن .

كەچتىكى شۇ سۆھبەتتىن كېيىن مەن تۇتىيانىڭ‹‹يىگىتى››بولۇپ قالدىم ،شۇڭا مەنمۇ زاۋۇتتىكى ‹‹ئاشىق-مەشۇقلار››غا ئوخشاش ھەركۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا تۇتىياغا تاماق توشۇيدىغان بولدۇم ،مەن كۈندۈز ئىسمىنىدىن چۈشۈشىمگە زاۋۇت ئاشخانىسى ئىچىلاتتى ،تاماق پىشقۇچە بىردەم ساقلاپ تۇرۇپ تاماقنىڭ باش بۇرنىنى تۇتىياغا توشۇيتتۇم ،كېيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كېرىپ ئۇنىڭ تاماق يېيىشىگە قاراپ ئولتۇراتتىم،ئەلۋەتتە ئۇ ھازىر باشقىچە ھالەتتە ئىدى ،بېشىغا ئاق موزا ،ئۇچىسىدا بولسا كالتە يەڭ يىشىل زاۋۇت كېيىمى بىلەن پادىچىلار شىمى بارئىدى ،ئۇزۇن چاچلىرى موزا ئىچىگە يىغىۋىتىلگەن بولۇپ ،چىكە چاچلىرىغا پاختا توزانلىرى چاپلىشىپ ئاپپاق ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى .
مەن تۇتىياغا چاقچاق قىلىپ .
-زاۋۇتقا كېرىپلا قىرىپ كىتىپسىزغۇ تۇتىيا ،چىچىڭىزغا ئاق كېرىپ كېتىپتۇ .
-مەن قىرىپ كەتكەن بولسام ئالدىرىماي تۇسىلىرى سىلنىڭمۇ بوۋاي بولۇپ كەتكەنلىرىنى كۆرىمەن ،بىزنىڭ سىخقا قارىغاندا ،سىلنىڭ سىخقا بەكرەك پاختا ئۇچىدىغۇ دەيمەن ،
-شۇ ،ماسىلنىڭ سىخنىڭ قىزلىرى قىرىپ كەتمىسۇن دەپ پاختنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ سىخقا ئۇچامدۇ نېمە ؟بۇ پاختىلارمۇ سېزنى ئايامدۇ نېمە ؟خۇددى...
-ھەگەپنىڭ ئايىغىنى يۈتىۋەتلىغۇئەزىمەت .
-خۇددى مەن سېزنى ئايىغاندەك .
-سىلى مېنى ئاياملاتېخى ،ھا..ھا...ھا...قىز دوست دېگەننى شۇنداق ئايىغۇلۇق .
تاماقنى يەپ بولۇپ سىخقا چىقسىمۇ بىللە چىقاتتىم،قىلىدىغان ئىشلىرىنى بىللە قىلىشىپ بەرگەچ تا ئىش باشقۇرغۇچى كۆرۈپ مېنى قوغلىمۇغىچە ئۇنىڭ يېنىدا بىللە ئىدىم ،زاۋۇتنىڭ ئاۋازى بەك چىڭ بولغاچقا گەپ قىلىشقاندا ئىغىزىمىزنى قۇلاق تۈۋىگە يېقىن ئەكىلىشكە توغرا كىلەتتى ،بۇنداق ۋاقىتتا ئادەمدە غەلىتە سىزىم پەيدا بولۇپ ئۆتەتتى .
مۇشۇنداق قىلىشىپ يۈرۈپ ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ تۇتىيا مېنىڭ ئىشلەۋاتقان سىخىمغا تاماق ئەكىرىپتۇ ،ئۇ بۈگۈن چىرايلىق ياسىنىۋالغانىدى .
مەن ئىشلەۋاتقىچە ئۇ بىردەم ماڭا قاراپ ساقلاپ تۇردى .
نېمىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بۇ يىپ ئىلىش مەشخۇلاتىنى ھەممىدىن بۇرۇن تاماملاپ بولۇپ تۇتىيانى كېيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە باشلىدىم .
تۇتىيا ئۆيگە كىرە-كىرمەيلا شاتۇتىدەك سايراپ كەتتى .
-ھە ،بوۋاي سىلىنى يىۋالسۇن دەپ تاماق ئەكىردىم ،بولاپتىمۇيا ؟
-ۋاي رەھمەت تۇتى خىنىم ،ماڭغان يوللىرىدىن تىكەن ئۈنۈپ كەتسۇن .
-دەۋاتقان گېپىنى ،تەرلەپ كېتىپلاھە،ئۇشۇنداق دەپ يانچۇقىدىن قەغەز چىقىرىپ تەرلىرىمنى سۈرتۈشكە باشلىدى .
بۇئۆيدە ئىككىيلەندىن باشقا تاماق يەۋاتقان باشقا خەنزۇ ئىشچىلارمۇ بارئىدى ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككىيلەنگە مەنىلىك قاراپ قويدى .
تۇتىيا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەن بىلەن داۋاملىق پاراڭلىشىدىغان بىر خەنزۇ ئىشچى ماڭا قاراپ كۈلۈپ .
-ئەزىمەت ئۇسېنىڭ لايىقىڭما؟دەپ سورىدى .
-ھەئە لايىقىم ،قانداق بولامدىكەن ؟
-چىرايلىقكەن ،قايسى سىختا .
-ئۈچىنجى سىختا .
ئۇ گەپ قىلماي باش لىڭشىتىپ قويدى .
خۇددى جىگۇڭ چىراي بۇ گەنسۇلۇق ئىشچى مۇشۇ زاۋاتتا مەن بىلەن ئەڭ ككپ پاراڭلىشىدىغان خەنزۇ ئىدى ،شىنجاڭدا خىلى كۆپ تۇرغاچقىمۇ بۇنىڭ تىلىنى باشقىلارغا قارىغاندا خىلى چۈشىنەتتىم ،بەزى گەپلەرنى خەنزۇچە قانداق ئاتىلىدىغانلىقىنى سوراپ يۈرۈپ ئۈگىنىۋالغان ئىدىم .


بىركۈنى تۇتىيا بىلەن تورىانىغا چىقتىم ،كومپىيوتىرنى قوزغىتىپ بولۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم .
-تۇتىيا تورغا چىقىشنى بىلىدىغانسىز ؟
-ياق بىلمەيمەن ،ئۇنىڭ ئويماقتەك قىزارغان لەۋلىرى يۈرەك بىغىشىمنى سىلكىپ ئۆتتى .
-ئۇنداق بولسا ئولتۇرىڭە مەن ئۈگىتىپ قوياي .
ئۇنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزۈم ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇردۇم.
-قاراڭ ھە تۇتىيا ،مەن سىزگە ئاۋۋال ناخشا قويۇپ بىرەي .
مەن ئاڭلىغۇچنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا سېلىپ ناخشا قويۇپ بەردىم ،ئۇنىڭ قوڭۇر چاچلىرى چىراغ نۇرىدا ۋالىلداپ تۇراتتى .
-كەلسىلە ئەزىمەت ،بىللە ئولتۇرىمىز ،دىدى ئۇ مېنىڭ ئۆرە تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ،سەل نىرىغىراق سۈرۈلۈپ .
تۇتىيا بىلەن ئىككىيلەن بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مەۋھۇم دۇنياغا چۆكۈپلا كەتتۇق ،ئۇمەن قويۇپ بەرگەن ناخشىنى ئاڭلىغاچ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا خۇمار كۆزلىرىنى تىكىپ ئولتۇراتتى .
مەن بولسام ھارماي خەت بېسش بىلەن ئاۋارە كۆزلىرىم ئىكراندا .
مېنىڭ خەت بېسىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ تۇتىيا ئازراق ھەيران بولدى بولغاي ،مەندىن سورىدى .
ئەزىمەت ،مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ نېمەئىش قىلىۋاتىلا ؟
-تېما يېزىۋاتىمەن .
-تېما يازغانغا مائاش بىرەمدا ئۇ يەردىن ؟
كۈلۈپ كەتتىم ...كۈلكەمنى ئاران توختىتىپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم .
-تېما يازغانغا مائاش بەرمەيدۇ قاراڭ ،تېما يازسام باشقىلار كۆرىدۇ ،ئۆز كۆز-قارىشىنى قالدۇرىدۇ ،مېنىڭ كەمتۈك خاتا قاراشلىرىمنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ ،ئۇ مەسىلىلەرگە بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان بولىمەن ،بەزىلىرى ئىلھام مەدەت بىرىدۇ ،بەزىدە تېخى توردۇنياسىدىن شۇنداق ياخشى دوستلارنى تۇتىۋالىدىغان گەپ ،بولۇپمۇ مۇنبەردىن پەقەتلا زىرىكىپ قالمايسىز ،دۇنيا چۈشەنچىڭىز يېڭىلىنىدۇ ،قانداق ئادەم بولۇشنى ئۈگىنىسىز ،ئىشنىقىلىپ توردۇنياسى بەك كۆڭۈللۈك پايدىلىق يەرلىرى بەك جىق .
شۇ ۋاقىتتا كوت-كوتىمغا بىر ئۇچۇر كەلدى ،توردىكى دوستۇمغا بىر مەسىلە توغرىسىدا ئۇچۇر قالدۇرغانىدىم جاۋاب قايتۇرۇپتۇ ،ئۇچۇرنى كۆرۈپ جاۋاب قايتۇرىۋەتكەندىن كېيىن تۇتىياغا قارىدىم .
-قاراڭ تۇتىيا مەن سېزنى بىر پارچە رەسىمگە تارتىپ قوياي ھە؟
كامىرانى ئۇنىڭغا توغىرلاپ تۇرىشىمغا ،ئۇمېنىڭمۇ بىللە چۈشۈشۈمنى ئىيتىپ تۇرىۋالدى .
ئىككىيلەن بىرنەچچە پارچە رەسىمگە چۈشۈپ كوت-كوت بولشلۇقىمغا قاچىلاپ قويدۇم ،ئۇبۈگۈن شۇنچىلىك خۇشال بولغانكى ،خۇمار كۆزلىرى جىلۋىگە تولۇپ لەۋلىرى يۇمۇلمايلا قالغانىدى .
مەن ئۇنىڭغا سەپسىلىپ قارىدىم ئۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق  ئىدى ،
ئەمەلىيەتتىمۇ قايسى ئۇيغۇر قىزى چىرايلىق بولمىسۇن ،ئاللاتائالا قىزلىرىمىزغا ئاتا قىلغان ،تەبىئى رۇخسارى ئۇلارنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدۇ .
ھەي سەن بىر پاك قىز بولساڭچۇ؟ئۇچاغدا سېنى ئىككىلەنمەي تاللىغان بولاتتىم ......
-ئەزىمەت نېمىنى خىيال قىلىۋاتىلا ؟ئۇنىڭ ئاۋازى خىياللىرىمنى بۆلدى .
-ھە ھىچنىمىنى خىيال قىلمىدىم ،مايەرنى چىكىڭە مائۇسنى سەل يانغىراق سۈردۈم ،ئۇ مائۇسنى ئىلىپ ئۇيان-بۇيانغا ئايلاندۇردى .
-توختىڭە تۇتىيا ،مەن سېزگە مۇشۇ زاۋۇت ئىشلىرى تەسۋىرلەنگەن ‹‹زاۋۇتتىكى ئىشلار››دېگەن يازمامنى كۆرسىتىپ قوياي ،مەن مائۇسقا قول ئۇزاتتىم .
مېنىڭ قوللىرىم ئۇنىڭ يۇمران قوللىرى ئۈستىگىلا چۈشتى .
شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم ،كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرى ئارىسىدىن بىر خىل ھەسرەت ،پىغانلىق دەرتنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولاتتى .
دەرھال قولۇمنى تۇتىيانىڭ قوللىرىدىن تارتىپ كۆزۈمنى ئىكرانغا تىكىۋالدىم .
ئۇمۇ مائۇستىن ئاستا قولىنى بوشاتتى .
-قاراڭ تۇتىيا بۇنى ئوقۇڭە ؟
تۇتىيا مەن يازغان ‹‹زاۋۇتتىكى ئىشلار››دېگەن يازمىنى قىزىقىپ كۆرۈشكە باشلىدى .
ئوغۇللار ياتىقى –بىرلىندىكى خارابىيلىق .
قىزلار ياتىقى –زەرەپشان دەرياسى بويىدىكى جاۋىلداق خوتۇن .
ئەتىگەندىكى جىمجىتلىق –بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت ،جانان ئۇيقۇدا .
ئىشتىن چۈشكەنكى كۆرۈنۈش –يولۋاس ئاغزىدىن قۇتۇلۇش.
دىسكوخانىغا ماڭغان قىزلار –نازىنىنىڭ ،ھىندى يەھۇدىنى دورىشى .
ئوغۇللار ھاراق ئىچىۋالسا –يولۋاس،يولۋاس،يولۋاس.
ئوغۇللار كەيىپ ۋاقتىدا –يۈرىكىمنى يىرىپ كۆرىۋال .
كەيىپلىكتىن يېشىلگەندىن كېيىن –ھاراق دېگەن نەرسىنى ئىككىنجى ئاغزىمغا ئالمايمەن ........
تۇتىيا بىرىلگەن ھەربىر باھالارنى كۆرۈپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدى .
-ئەزىمەت زاۋۇتنىڭ ئىشلىرىنى بەك ئەتراپلىق چۈشىنىدىكەنلا جۇمۇ ،قىزلار ياتىقى راستنلا زەرەپشان دەرياسىدىكى جاۋىلداق خوتۇن .
-مەسىلەن قانداق تۇتىيا ،مەن بىر ئاڭلاپ باقاي .
-شۇ بىزمۇ ئوغۇللارغا ئوخشاش ،ئوغۇل بالىلارنى باھالاپ ئولتۇرىمىز .
-ماڭا قانداق باھا بەردىڭلار؟‹‹تاڭ سىڭ ››دەپما ؟
-ۋىيەي قويسىلا ئەزىمەت سىلنى قانداقمۇ تاڭ سىڭغا ئوخشاتقىنى بولسۇن ،ئۆزلىرى شوخ بالا تۇرسىلىرى .
-بۇرۇنقى ئىشلىرىمنىمۇ سۈرۈشتۈردىڭىزمۇ تۇتىيا ،يامان جۇما سىز؟
-باشقىلارنىڭكىنى سۈرۈشتىرمىدىم پەقەت سىلنىڭكىنىلا .
-نېمىشقا ؟ئۇنىڭ پەرىشانلىق ئارىلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىگە تىكىلدىم .
-دەپبەرمەيمەن قانداق ئۆزۈملا بىلىمەن ئىچىمدە .
-يوغان ئىش تۇتىخىنىم ......
خىلى بىر ۋاقىتلاردا تورخانىدىن قايتىپ چىقتۇق .
شۇنداق قىلىپ تۇتىيا بىلەن ئىككىيلەننىڭ ‹‹مۇھەببەت››لىشىش جەريانىمىز قىزغىن داۋاملىشىپ كەتتى ،كۈنلىرىمىز زاۋۇت بىلەن تورخانا ئارىسىدا ،بەزىدە ھىلىقى پىنھان ئورمانلىقلاردا يۈردۇق ،تېخى يېڭىدىن بىر يانفۇنمۇ سېتىۋالدىم ،كۈنلىكى كۆرۈشۈپ تۇرساقمۇ يەنە بىرىەر قىتىم بولسىمۇ تېلېفۇنلىشىپ تۇراتتۇق .تاساددىپى بىر نەچچە كۈن كۆرىشەلمەي قالساق ،تۇتىيا ئاتايىتەن تېلېفۇن قىلىپ ھال –ئەھۋال سورايتتى .
بۇچاغلاردا سەلكىن مۇنبىرىدە ئۈزۈمچىنىڭ ‹‹پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى ››ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغانىدى ،مەن بۇ ئەسەرنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوقۇپ ئېچىگە كېرىپلا كېتەتتىم ،بەزىدە تېخى ئۆزۈمنى غەيرەتكە ،تۇتىيانى بولسا دىلخۇمارغا ئوخشىتىپ قالاتتىم ،دىلخۇمار بىلەن غەيرەتنىڭ ئەگرى-توقاي ۋەقەلىك ئارىلىشىپ كەتكەن مۇھەببىتى كاللامغا كېرىۋالاتتى ،لېكىن رىئاللىق دېگەن ھامان رىئاللىقتە ،تۇتىيا پاھىشە ئەمەس ،ئۇ ھازىرقىدەك بىر توي قىلغان  بالىسى باربولغان تەقدىردىمۇ ھامان ئۇنى ئېلىشىم مۇمكىن ئەمەستە،مەن ھەرقاچان خىيالىمدا پاك ،سەمىمى ،ساداقەتمەن قىز بىلەن توي قىلسام دەپ ئارزۇ قىلاتتىم .
ئەمسە تۇتىيانى نېمىشقا ئاۋارە قىلىمەن ؟دەپ ئويلاپ قالاتتىم بەزىدە ،ئۇنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قەلبىگە ئازراق ھارارەت بىرەلىسەم ،كىچىككىنە مەيلى قانچىلىك بولمىسۇن ،مېھرى-مۇھەببەت بىرەلىسەم ھىچ بولمىسا مۇشۇ يەردىن كەتكىچە بولسىمۇ ،ياتلارنىڭ قوينىغا ئۇنى تاشلاپ قويمىسام دېگەننىلا ئويلايتتىم .
بىركۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئەمدى ياتاققا كېرىشىمگە ،ياتاقتىن خىلى كۈنلەردىن بىرى كۆرۈشمىگەن ئاۋۇت ئولتۇراتتى .
ئاۋۇت بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇ باشتىن –ئايىغىمغا بىر سەپسىلىۋىتىپ ئىغىز ئېچىپ قالدى .
-ئەزىمەت مەن سىلنى قايتا كۆرگەندەك بولىۋاتىمەنغۇ؟سىلنىڭمۇ يېقىننىڭياغى مۈڭگۈزىڭلار چىقاۋاتامدۇ نېمە؟
ئاۋۇتنىڭ تۇيۇقسىز تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا قىلغان سۆزى مېنى ئازراق ھەيران قالدۇردى .
-ھوي ئۇكام ئۆندەرەپ قالدىڭغۇ ؟كۈپكۈندۈزدە جۆيلۈۋاتامسەن يا؟
مەن ئەزىمەت ھەرۋاقىت بىرخىل بىلسەنغۇ بۇنى .
-ياق مەن سىلنى يېقىندىن بۇيان ئۆزگىرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم ،خۇددى شەپەرەڭ پالۋاندىكى قوش يۈزلۈك ئادەمدەك .
-خاتا ئويلاپ قاپسەن مېنىڭ يۈزىم بىرلىغۇ ؟ئۇنداق دېگىنىم بىلەن ئاۋۇتنىڭ نېمىنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقىنى ئاللىبۇرۇن چۈشىنىپ يەتكەنىدىم .
-مەن بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ يۈرسەم ،مېنىزە يۇگاش ھىچ ئىشنى بىلمەيدۇ دەپقاپسىلىدە.يېقىننىڭياغى تۇتىيا بىلەن بەك ئىش-پەش تارتىشىپ كېتىپ بارىسىلە .
-ۋاي ماڭە ،بىرەر ۋاق تاماق يەپ قويغانغا نېمە دەيدىغانسەن .
-راستىمنى دىسەم سىلە راستلا ئىككى يۈزلىمىچى بالا ئىكەنسىلە ،ئاغزىڭلىغا قارىسا ئاللا،مىللەت دېگەن گەپ چۈشمەيدىكەن لېكىن كۆڭلۈڭلار ئۇنداق ئەمەس شۇنداقتۇ؟
-ئاۋۇت بەك چوڭقۇر ئويلاپ كېتىپسەن ،مەن پەقەت تۇتىيانى يامان يولدىن بىرئاز بولسىمۇ قايتسۇن دەپ ،ئۇنىڭغا ئازراق يىقىنلاشتىم خالاس ،باشقا مەقسىتىم يوق .
-ھىھ!باشقا مەقسىتىم يوق دەپ قويۇڭلا،بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلۇپتۇ دېگەندەك ،ئەردىن ئاجراشقان بىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ كۆڭۈل خوشى قىلىۋاتقانسىلە ھەقىچان .
-ۋاي نېمە دېسەڭ دېگىنە ،مىڭ دىسەممۇ چۈشەنمەيسەن بار-بارا سەپرايىم ئۆرلەپ كېتىپ باراتتى ،دېمىسىمۇ  بۇنداق ئىشلارنى چۈشەندۈرگەنسىرى ئىشلار مۇرەككەپلىشىپ كېتەتتى .
-سىلە ھەممىنى چۈشىنىسىلە ،ئۆزۋاقتىدا نۇرزادە ئۈچۈن شاپاشلاپ كەتسەڭلا خىلى تۈزۈك بالىكەن دەپ سىلنىڭ كەتمىنىڭلىنى چىپىپ كېتىپتىمەن ،بىلەمسىلەر مانا ھازىر نۇرزادە تۈرمىدە يولدىشى ئۆلۈپ كەتتى ،بالىسىنى تۈرمىدە تۇغدى ،تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن نەلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرىيدۇ خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ .
سىلە نۇرزادىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىڭلارغۇ ؟بۇلارنى ئويلاپ قويدۇڭلارمۇ ؟نۇرزادىنىڭ ئەھۋالى قانداقكەن دەپ سوراپ قويدۇڭلارمۇ؟
ياق ،سىلە تۇتىيا دېگەن شەيتان قىزبالا بىلەن بولۇپ كەتتىڭلا.
-سەن راستىنلا كىچىككەنسەن ئاۋۇت ،مېنى نۇرزادىنى ئويلىمىدى دەمسەن ،ئۇنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرىگە ئىچىنمىدى دەمسەن ،مەن ئۇنى ئويلىساممۇ ،ھازىرقى ئەھۋالىغا ئىچىنساممۇ ،ئۇنىڭغا نېمە ئىش قىلىپ بىرەلەيمەن ،دەپباقە ھازىرقى ئەمەلى شارائىتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلسام بولىدۇ .
مەن نۇرزادە ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بىرەي ئۇنى ئىزدەپ تاپايمۇ ؟ئىيتىپ باقە مەن نېمىش قىلاي .
-سىلە نۇرزادە ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلالمىغان تەقدىردىمۇ ھازىرقىدەك بولمىغۇر ئىشلارنى قىلماي سۈپىتىڭلارنى ساقلاپ يۈرسەڭلا بولاتتى .
-قويە ئۇنداق ساختا سۈپەتنى ،سۈپىتىمنى ساقلايمەن دەپ يۇرتدىشم ،مەكتەپدىشىم باشقلارنىڭ قوينىدا ياتسا مەن ئۇنى تىللاپ قويۇپ ،يۈرىۋەرسەم بولامدا ،مەن تۇتىيا بىلەن ئۆزۈمگە يۈز كىلەلمىگۈدەك ھىچ ئىش قىلمىدىم ،يا ئۇنى ھامىلدار قىلىپ قويۇپتىمەنمۇ يا؟بولدى بۇ توغرۇلۇق پاراڭلاشمايلى .
مەن شۇنداق دېگەنچە بالكۇنغا چىقىپ كەتتىم ،كۈزنىڭ سوغۇق شاماللىرى مېنى ئازراق سەگىتتى بولغاي ،بايامقى تالاش-تارتىشلار ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم .
راست مەن ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن،نۇرزادىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتتۇممۇ ؟ياق،ياق ھاياتىمدىكى ئۇ ئۇنتۇلماس مۇساپىلەرنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي .نۇرزادە تارتقان كۈلپەت ،ئازارلارغا راستىنلا يۈرىكىم ئىيتىشىدۇ ،لېكىن مەندە نەئامال ،راست بىرەر قىتىممۇ يوقلاپ قويالمىدىم ،توي قىلىپ بولغان بىرىنى يوقلاشمۇ تازا ئەپسىزدە .
ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرزادىنى تۈرمىدىن چىقىپ كورلىدا تۇرالمىدى ،ياقا يۇرتلاردا سەرگەردان بولدى دەيدۇ ،كىچىككىنە تۇرۇپ نېمە تارتقۇلۇق بۇ ،مەن قانداق قىلسام بولار ؟تۇتىيا بىلەن ھازىرقى مۇناسىۋىتىمنى داۋاملاشتۇرسام بولارمۇ يا ؟ئەڭ يېقىن دوستلىرىمنىڭ چۈشەنمەسلىكى ئەلۋەتتە مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەي قالمايدۇ ،بۇنىڭ بىلەنلا قالماي قايسى كۈنى ھىلىقى ئاشخانا خوجايىنى بىلەن خىلى مۇنازىرىلەشتىم ،بۇيەردە خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەرقىسما قاراشلىرى ،تەنەگەپلىرى كۆڭلۈمنى غەش قىلسا ،ھەممىدىن ئىغىر كەلگىنى تۇتىيا بۇرۇن ئارىلاشقان بىرنەچچىسى بىزنىڭ ياتاققا كېرىپ مېنى ئاۋارە قىلىشلىرى ،كېچە-كېچىلەپ ئۇيقۇسىز قىلىشلار ياتاقداشلىرىمنىڭ كايىشلىرى ،تېخى ئاڭلىسام ئۇلار مېنى ئۇرماقچىمۇ بولۇپتىمىش......
بەلكىم نۇرزادىمۇ ھىچ ئىش قىلماي ،قورسىقى تويسا ئويناپ مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن بولسا ،بۇ كۈنلەرگە قالماس ئىدى ھە؟!
بۇ قىزنىڭ روھى ئۈممەت ئۈچۈن قۇربان بىرىشى ،ھەسەل ھەرىسىدەك شېرنە تارقىتىشى ،ئۆزى تاللىغان يولدا بەردەم مېڭىشى ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئادەمنى قايىل قىلماي قالمايدۇ .
ئەنە كۆرىۋاتىمەنغۇ؟بوھتان چاپلىنىش ،قارىلىنىش ،ئازاب تارتىش ،يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىش ،ھەتتا ئۆلۈپ كېتىپ بارغانلارنى .
ئۇلارغا سىلىشتۇرغاندا مەن نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن ؟نېمە ئىشلارنى قىلماقچى ،كىچىككىنە توغرا چۈشەنمەسلىك ،قورقۇتۇش مېنى يولۇمدىن توسۇپ قويسۇنمۇ ؟
بۇ ئىشلارنى بىردەم ئويلاپ ئۆزۈمنى بىسىۋالغاندىن كېيىن ياتاققا كېرىپ ئاۋۇتتىن سورىدىم.
-نۇرزادە قەيەرگە كېتىپتۇ ؟خەۋىرىڭ بارما؟
-نۇرزادە تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ،قىيىنئاتا ،قىيىنئانىلىرى ئىككى ئوغلىدىن بىراقلا ئايرىلىپ قالغانلىقى ئىغىر كېلىپ تۇرسا ،ئۇ ئىشلارنىڭ ئائىلىسىگىمۇ دەخلىسى يېتىپ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە چىقىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بوپتۇ ،نۇرزادىنى ئانىڭىزنىڭ قىشىدا قىلىپ دەپ ھەرقانچە زورلىسىمۇ ،مەن سىلەرنىڭ كىلىنىڭلار شۇڭا سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن ئۆمۈرۋايەت خەۋەر ئالىمەن دەپ بىللە چىقىپ كېتىپتۇ .
ھازىر مېنىڭ بىلگىنىم مۇشۇنچىلىك ،خۇدايىم ماڭىمۇ شۇنداق قىزلاردىن بىرەرنى بىرەرمۇ ئەزىمەت .
-ئۆزۈڭمۇ ئېسىل بالا تۇرساڭ ئاۋۇت ،خۇدايىم ساڭىمۇ چوقۇم شۇنداق دىيانەتلىك بىرنى ئۇچراشتىرىدۇ .
-ھەراست ئەزىمەت ،سىلىدىن بىرگەپنى سوراپ باقاي دېگەن ،ئەگەر سىلنىڭچە تاللاشقا پۇرسەت بىرىلسە ھازىر نۇرزادىنى تاللامسىلە تۇتىيانىمۇ ؟
مەن گەپ قىلماي ئويلىنىپ قالدىم .
-قىيىنراق سۇئال قويۇپ قالدىممۇ نېمە ؟توي قىلىپ بولغان چوكانلارنىڭ ئارىسىدىن بىرنى تاللاپ بولالماي قىينىلىپ قالدىڭلىمۇ يا؟
-ياقەي ،ئەمەلىيەتتە بۇناھايىتى ئاسان تاللاش ،تۇتىيا بىلەن يېقىن يۈرۈپ قويغىنىم بىلەن ئۇنى تاللىشىم مۇمكىن ئەمەس .
نۇرزادىنى تاللاشقىمۇ ئامالسىزمەن ،بەلكىم ئۇنى ھازىر تاللىساممۇ مېنى قوبۇل قىلمايدۇ ،ئۇنىڭ ئەقىدىسى ،ساداقىتى ،ۋاپاسى ،ھەرگىز بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ ،شۇڭا ھەرئىككىيلەن تاللىيالمايمەن .
مەن ئاۋۇت بىلەن بايام ھىچ ئىش بولمىغاندەك قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق ......


بۈگۈن ئۇلۇغ روزاھېيىت ،ھەممەيلەن ئۈچ كىلومىتىر يېراقلىقتىكى ،مەسچىتكە بېرىپ ھېيىت نامىزى ئوقۇدۇق ،باشقا يۇرتلاردىكى غىرىپلىق ئادەمنى بىرقىسما قىلىپ قويىدۇ دېسە ،مەسچىتتىن يېنىپلا ئۆيلىرىمىزگەتېلېفۇن قىلىشتۇق ،ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم كۆزلىرىمىزگە يىغا ئولاشتى .
مەن تۇنجى چىققان يىلى ئۆزۈم يالغۇزئورمانلىققا بىرىۋىلىپ تازا يىغلىغانىدىم ،قىزبالىنىڭ يىشى كۆزدىن چىققان بىلەن ئوغۇللارنىڭ كۆزيىشى يۈرەكتىن ،يۈرەكنىڭ  ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىقىدۇ .
زاۋۇت رەھبەرلىكىمۇ بىزنىڭ بۇھالىمىزنى بىلگەن بولسا كېرەك ،يىراقتىن كەلگەن ئىشچىلارغا ،بۈگۈن چۈشتە ئاتايىتەن زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرمەكچى بوپتۇ ،مەن تۇتىياغا تېلېفۇن قىلىپ باشقا دوستلىرىم بىلەن بىللە يىغىن زالىغا قاراپ ئىقىشتۇق .ئىككىنجى قەۋەت يىغىن زالى بۈگۈن چىرايلىق بىزەلگەن بولۇپ ‹‹روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن››دەپ ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە خەت يېزىلغان لوزۇنكا ئىسىلغانىدى .
يىغىن زالىنى چۆرىدەپ ئورۇندۇقلار قويۇلۇپ ئوتتۇرىسى بوش قالغانىدى ،ئۈستەل ئۈستىدە بانان،ئاپلىسىن ،يەرياڭىقى قاتارلىقلاردىن تارتىپ ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تىزىلغانىدى ،بۈگۈنكى زىياپەتكە قەشقەر،خوتەن تەرەپتىن كېلىپ ئۆيىگە قايتالمىغان 50چە خىزمەتچى قاتناشقانىدى ،ئاۋۋال زاۋۇت پارتكومىنىڭ ئايال شۇجىسى ،روزا ھېيتىمىزنى تەبرىكلەپ سۆز قىلدى ،بىزنى ئۆز ئۆيىمىزدى ھېيىت ئوينىغاندەك خۇشال-خۇرام ھېيىت ئۆتكۈزۈشىمىزنى تاپىلىدى ،ئۇنىڭدىن كېيىن بىر خەنزۇ ئارتىس سەھنىگە چىقىپ ‹‹گۈل نېمىشقا قىزىل ››دېگەن ناخشىنى ئورۇنلاپ بەردى ،ئارقىدىن زاۋۇت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى بىر ئۇيغۇر كادىر بىزنىڭ ھېيىتلىق داستىخانغا بىقىشىمىزنى ئىيتتى ،بىر ئۈستەل ئۈستىدىكى تائاملارغا باققاچ ،چوڭ گۆش بېسىلغان پولۇنى ئىشتىھا بىلەن يېيىشتۇق ،ئىشنىقىلىپ بۇ بىر كۈنىمىز ھەرھالدا مەنىلىك ئۆتتى .
ئىككىنجى كۈنى مەن تۇتىيا بىلەن كورلا شەھىرىگە كېرىشنى دىيىشىپ قويغانىدىم ،سائەت توققۇزلار بىلەن مەن تەييارلىقىمنى پۈتتۈرۈپ تۇتىياغا تېلېفۇن قىلدىم.
-تەييارلىقىڭىز پۈتتىما تۇتىيا ؟دىدىم مەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن .
-ھە،ماناھازىرلا .
-ئۇپا –ئەڭلىكنى بوشراق سۈرتسىڭىزمۇ بولىدۇ جۇما ،ماڭا يارىسىڭىز بولدى .
-ۋاي ماقۇلە ،دەپكەتكىنىنى ئەمدى ،قىزلار ياتىقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ساقلاپ تۇرالاھە؟
-ئەمدى شۇكۈنگە قالدىممۇ تۇتىيا ،ئالتىنجى قەۋەتكە قاراپ تۇتىيا قاچان چۈشەكىن دەپ .
-ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىلا ،مېنىڭ يىگىتىم بولماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس .
-ماقۇل شۇنداق قىلاي تۇتىخىنىم ،تىزراق چۈشەلا ماقىمما ؟
تېلېفۇننى قويىۋىتىپ قىزلا ياتىقى ئالدىغا قاراپ ماڭدىم ،ئون مىنۇتلاردىن كېيىن تۇتىيا ياتىقىدىن چۈشتى .
ئۇنىڭغا سەپسىلىپ قارىدىم،ئۇبۈگۈن باشقىچە ياسىنىۋالغان بىشىغا چىرايلىققىنە ياغلىق چىگىپ ھوشۇقىدا يوپكا كېيىۋالغانىدى ،بۇ كېيىنىشى بىلەن  مەن كۆرگەن سەبى سەھرا قىزلىرىغا ئوخشاپ قالغانىدى .
-ۋوي تۇتىيا ،ھەجەپ چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز قاياقتىن كۈن چىقتى بۈگۈن .
ئۇخۇمار كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلپ تۇرۇپ .
-بۇنداق كېيىنسەم يارىشامدىكەن ئەزىمەت .
-ئالامەت يارىشىپتۇ جۇما ،ھېيتلىرى مۇبارەك بولسۇن .
-تۈنۈگۈن مۇبارەكلىمەي ،ئەمدى مۇبارەكلەيدىغان گەپما ؟
-ياق تۈنۈگۈنمۇ مۇبارەكلىگەن بۈگۈنمۇ يانا بىر مۇبارەكلەپ قوياي دەيمەنغۇ ؟
بىز شۇنداق پاراڭلار بىلەن 28-يول ئاپتۇبىسىغا ئولتۇرۇپ كېتىپ بارىمىز ،يولنىڭ ئىككى قاسنىقى ئاساسەن ،تاشلىق ،ھەم قاقاسلىق ،تۇتىيا دىرىزىگە قارىۋىلىپ نېمىنى خىيال قىلىۋاتىدىكىن تاڭ ،ياغلىقىدىن چىقىپ قالغان چىكە چاچلىرى شامالدا يەڭگىل يەلپۈنەتتى ،ئۇنىڭ بۇگۈزەل چىرايى ئوماق تەبەسسۇمى بىلەن ھىچكىممۇ ئۇنى بىر توي قىلىپ ئاجراشقان بالىسى بار دەپ ئويلىمايتتى ،ئەگەر بۇھالىتىدە مەنمۇ تۇتىيانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەرسىز بولسام ئىككىلەنمەيلا ئۇنى تاللىشىم مۇمكىن ئىدى ،ھەي رەھمىسىز تەقدىر .
كورلا ھەقىقەتەن گۈزەل زامانىۋى شەھەر ،بۇ شەھەرنىڭ زامانىۋىلىقى ،مەدىنيلىكىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ ،بىز كورلىنىڭ مەركىزىدىكى قايناق بازارنىڭ بىرى بولغان ،ئالتۇن ئۈچ بۇرجەكتە چۈشۈپ قالدۇق ،قايناق سودا دۇككانلىرىنى ئايلانغاچ ،ئاتۇن ئۈچ بۇرجەتكتىكى مەلۇم سودا بىناسىنىڭ 6-قەۋىتىدىكى يىمەك –ئىچمەك بازىرىغا چىقتۇق ،بۇيەرنىڭ داڭقىنى كۆپ ئاڭلىغاچقا كۆرۈپ باقاي دەپتۇتىيانى باشلاپ چىققانىدىم ،داڭقىغا لايىق تاماقخانىلار كۆپ بولۇپ ،خەنزۇچە تائاملار ،خۇيزۇچە راڭپىزا ،سىرىق ئاشلار بازارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيتتى،مۇسۇلمانچە ئۇيغۇرلار ئاچقان تاماقخانىلاردىن بىرنەچچىسلا بولۇپ تۇتىيانى شۇلارنى ئىچىدىكى بىرىگە باشلىدىم ،تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ،كورلىنىپڭ كۆنچى باغچىسىغا ئوينىغىلى ماڭدۇق ،كۆنچى باغچىسى گەرچە كىچىك بولسىمۇ ،ھەممە نەرسە تپىلاتتى ،بىز كۆڭلىمىز خالىغان نەرسىلەرنى قانغۇچە ئوينىدۇق،بولۇپمۇ توكلۇق سوقۇشتۇرۇش ماشىنىسىغا چىقىپ ھاياجاندىن ئۆزىمىزنى تۇتىۋالالماي قالدۇق ،ماشىنا سوقۇلغاندىكى ،ھەربىر چىرقىراش ،ۋارقىراش،ھاياقانلىنىشلار ئادەمگە ئالامەت تەسىر بىرەتتى .
بىزشۇ تەرىقىدە ئويناپ كۈن غەربكە قايرىلغاندىن كېيىن باغچىدىن يېنىپ چىقتۇق .
تۇتىيا بۈگۈن ئىنتايىن خۇشالبولغانىدى ،ئۇنىڭ خۇشاللىقتىن خۇمارلاشقان كۆزلىرى قىزارغان يۈزلىرى ،چىرايلىق كېيىنىشلىرى قوشۇلۇپ يۈرىكىمگە كۈچلۈك بىر ئوت سېلىپ ئۆتۈپ كەتتى .
بىر كۆنچى دەريا كۆۋرۈكىدىن ئۆتكۈچە ،تۇتىيا ئارقامدىن ئاياغلىرىمغا يەڭگىل تىپىپ ماڭدى ،مەن ھىلى دەرياغا ،ھىلى تۇتىياغا قاراپ ھىچ ئىش بومىغاندەك مېڭىۋەردىم ،بۇبەلكىم تۇتىيانىڭ خۇشاللىقىنى قەلبىگە سىغدۇرالماي ،قىلىۋاتقان قىلىقلىرى بولسا كېرەك .
كۆۋرۈكتىن قايرىلىپ دەريا قىرغىقىدىكى بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق ،بۇ زامىۋى شەھەر ئىگىز بىنالار بىلەن قورشالغان بولۇپ نەگىلا قارىماڭ ،ئىگىز بىنا ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆرگىلى بولاتتى .
بۇدەريا ،ھەم دەريا قىرغىقى بولسا كورلا شەھىرىنىڭ گۈزەل يەرلىرىدىن بىر بولسا كېرەك ،دەريا سۈيى ناھايىتى جىمجىت ،ئىغىر سۈكۈناتتا ئاقاتتى ،قىرغاقلاردا دائىم دېگۈدەك دەريانى سەيلى قىلىۋاتقانلارنى كۆرگىلى بولاتتى .
مەن تۇتىيانىڭ خۇشال بولغان چىرايىغا بىر نەزەر تاشلىۋىتىپ :
-بۈگۈن خۇشال بولدىڭىزما تۇتىيا ؟دىدىم .
-خۇشال بولمامتىكى شۇنداق كۆڭۈللۈك ئوينىغان تۇرساق .
-قارىسام كۆڭلىڭىزنىڭ بىر يەرلىرى غەشتەك تۇرىدۇ ،دىدىم يەنە ئۇلاپلا ،ئۇنىڭ ئاپتاپتەك چىرايىنى توسۇېۋالغان يوشۇرۇن بۇلۇتلارنى كۆرگەندەك بولۇپ .
-ھەي ،ئەزىمەت سىرتىمدا كۈلۈپ قويغىنىم بىلەن ،ئىچىمدە دەردىمنى ئۆزۈمنى بىلىمەن .
-دادىڭىزنى سېغىنغان ئوخشىمامسىز ؟
-سېغىنمامدىغان ئەزىمەت ،ھەرقانچا دادام ماڭا قارىمىسىمۇ،كىچىك ۋاقتىمدا ماڭا كۆيۈنۈپ چىن مېھرىنى بەرگەن ،يەنە مېنىڭ داۋاملىق غىمىمنى يەيدىغان ئانامنىمۇ سېغىندىم ،ھازىر ھالى نېمە بولۇپ كېتىپ بارغاندۇ ھە؟يەنە تېخى ئوماق قوزامنىمۇ بەكلا كۆرگۈم كەلدى دىسە ،سىلچۇ كىمنى ئەڭ سېغىنۋاتىلا ؟
-مەنما؟دۇنيادىكى ئەڭ كۆيۈمچان بلغان ئانامنى سېغىنىۋاتىمەن ،ھازىر بولغان بولسا ئىدى ،ئۆزۈمنى قوينىغا بىر ئىتىۋالغان بولسام .
-قانچىلىك بولدى بۇ ئالەمدىن كەتكىلى .
-19يىل بولدى تۇتىيا ،يىتىملىكنىڭ دەردىنى سىز چۈشەنمەيسىز ،سېزنىڭغۇ قانداقلا بولمىسۇن ئاتا-ئانىڭىز باركەن ،ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قەدرىگە يىتىۋىلىڭ .
-قۇربان ھېيىتتا ئۆيگە قايتالا ئەزىمەت .
-ئۇقمايمەن ،قايتساممۇ كىمىم باردەيسىز .
-ھىچكىم بولمىسا مەن بار ئەمەسمۇ؟
-چاقچاق قىلىپ كۆڭلۈمنى ياسىمىڭە تۇتىيا ،بۇيەردە كۆرۈشۈپ ئىزدىشىپ تۇرغان بىلەن ،قەشقەرگە بارسىڭىز قارىمايسىز ھەقىچان .
-نېمە دەيدىغانلا ئەزىمەت ،نەگىلا بارسام سىلى بىلەن ئۆتكەن كۈنۈمنى ئۇنتۇپ قالمايمەن ،سىلى مېنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا .
ھەراست ھىلىقى رۇباچ قىز قانداق بولۇپ كەتتى .
-نۇرزادىنى دەمسىز ؟
-ھەئە ،ئىسمى نۇرزادىتى ھە ئۇقىزنىڭ .
-ھەئە .........................
بىز خىلى ۋاقىتقىچە نۇرزادە توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ چىقتۇق ،تۇتىيامۇ نۇرزادىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايى ئىچىندى ،بىز شۇنداق پاراڭلىشىپ يۈرۈپ ،كۈن تاغ كەينىگە ئۆتكەندىلا ياتاققا قاراپ يول ئالدۇق .
بىز ياتاق ئالدىغا كەلگىنىمىزدە چىراغلار يىقىپ بولغان بولۇپ ،ئەتىگەندىن بىرى بىللە يۈرسەكمۇ يەنە  ،بىز مېنى بىرى ئىلىپ قاچىدىغاندەك تۇتىيا قولىنى قولۇمغا ئۆتكۈزىۋالغانىدى،بىز شۇتەرىقىدە مېڭىپ ئوغۇللار ياتىقى ئالدىغا كېلىپ قالدۇق ،بىزنى قاچان كىلەركىن دەپ قاراپ تۇرغان دوستلىرىم زىرىكىپ قالغان بولسا كېرەك ،كېلىپ بولغۇچە ئەپسانە پاراڭلارنى باشلىۋەتتى .
بۇنى تۇيۇپ قالغان تۇتىيا مەن بىلەن تىزلا خوشلىشىپ ياتقىغا چىقىپ كەتتى ،ئاڭغىچە يەنە شۇ سىدىق دارازا سۆز ئىچىپ قالدى .
-ئەزىمەتجان يولىڭ يو بىلەن چاپلاپ قويغاندەك چاپلىشىپ كېتىپسىلەر ،تېخى مەن قانداق ئاجرىتامىز دەپ غەم قىلىپ كىتىپتىمەن .
-خاتىرجەم بول ھەۋە دارازا ،بۇرنۇڭدىكى ماڭقاڭ ئەمەس بىز نەگە بارسا چاپلىشىپ تۇرىدىغان ،ئىشىمىز تۈگىسە ئۆزلۈكىمىزدىن ئاجراپ كېتىمىز ،دىدىم مەنمۇ چاقچاققا يانداپ .
-ھوي شاپاقچى قارىم ،تۆمۈر خورازنى يەنە ئاغزى ئىچىلدى ،بۈگۈنزە ھىچكىمگە بىلدۈرمەي ،ئىشنى پۈتتۈرۈپ چىقىپتۇق تە ،شۇڭا بۇرۇتۇڭلار دىڭگىيىپ كېتىپتا .
-ھە شۇنداق قىلدىم ،مەن بى بەزىلەرگە ئوخشاش كۇرۇك توخا ئەمەس ،بىر تۇخۇم تۇغۇپ قويۇپ ئالەمنى –مالەم قىلىدىغان ،ئاشۇنداق تۇيدۇرماي بىر ئىش قىلىدىغان ئادەت بابىزدە .بۇرۇتلىرىم دىڭگايغان بولسا سېنىڭ بىر يىرىڭگە سانجىلىپ كەتمىگەندۇ؟
بالىلارنىڭ ئەپسانە پاراڭلىرىغا شۇنداق جاۋابلارنى قايتۇرۇپ تۇرىشىمغا بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مىرادىلمۇ گەپكە ئارىلىشىپ چاقچاق قىلدى .
-بۈگۈن كەچتە چىقمىساڭ تېخى ئادەم ئىزدەش ئېلانى بىرەيلى دەپ تۇراتتۇق ،ھەنىم بولسا چىقتىڭ ئادەمنى ئۇنچىۋالا ئەنسىرەتمە جۇما .
-ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ بالىلارنى ئاۋەرە قىلىپ يۈرمەيمەن ،مىرادىل بىلىسەنغۇ؟قىزبالىغا ئۆزۈمنى ئۇنچە ئۇرۇپ كەتمەيدىغىنىمنى .
-ۋاي ماگەپنى ،ئارىمىزدا ئەڭ جىق قىز بالا بىلەن ئارىلىشىدىغىنى سەن جۇما .
-قۇرۇق گېپىڭنى قويە ،قالغىنىنى ياتاققا چىقىپ دەپبىرەي .
مىرادىل بىلەن ئىككىيلەن ياتاققا قاراپ مېڭىۋاتقىنىمىزدا ئارىدىن بىرى ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى.
-ئەزىمەت جۇنۇپ يۈرىۋەرمە ،مۇنچا يېقىن بولغاندىكىن پات-پات يۇيۇنۇپ تۇر .....
توۋا!ئىككى جىنىس بىر يەرگە كەلسىلا ،مەقسەت نېمىشقا شۇ تەرەپكىلا بۇرۇلىدىغاندۇ؟ئۇنىڭدىن بۆلەك قىلىدىغان ئىش يوقتەك ،جاھاندا جىرىم غاجىمايدىغان توخۇ بولمايدۇ ،سۈيدۈك پۇرىمايدىغان ئېشەك .....مانا بۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى ،يەنە بىرگەپ بارغۇ...................راستمۇ نېمە ؟تۆتىمىز بىريەرگە كەلسەك پاراڭلاشقىنى باشقا گەپ تاپالمىغاندەك .
نېمىشقا ئاللا ئىگەم ئوغۇللارغا ئوغۇللۇق ئىپپىتى ئاتا قىلمىغان بولغىيتتى ،ئۇنداق بولغان بولسا چوقۇم ئىپپىتى بۇزۇلغان قىزلاردىن ،ئوغۇللار كۆپ بولاتتى .بەزىلەرنىڭ نەزەرىچە ئوغۇللۇق ئىپپەت دېگەن بىر مۇنچىغا چۈشسىلا ئەسلىگە كېلىپ قالامىش ،قىزىققتە ؟!

ياتاققا كېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە ئولتۇرغىم كەلمەي ،تورخانىغا چىقىپ كەتتىم ،شاكىر رەھىمجاننىڭ ‹‹ھەسرەت››دېگەن ناخشىسىنى بولۇشىغا قويۇۋىتىپ مۇنبەر ئارىلىدىم يېڭڭى تېمىلارغا كۆز يۈگۈرىتتىم،قاچانلاردا بىر ۋاقىتتا يانفۇنۇم سايراپ قالدى ،تېلېفۇن قىلغان تۇتىيا ئىدى .
-ۋەي .
-مەن ،تۇتىيا .
-تېلېفۇن قىلىپ قاپسىزغۇ كەچتە .
-شۇياتاقتا ھىچكىم يوق ،ئۆزۈم يالغۇز قاپتىكەنمەن ،سىلنى نەدىكى دەپ .
-مەن تورخانىدا،چىقىڭە بىللە ئولتۇرىمىز .
-ماقۇلە سەل تۇرۇپ چىقاي .
-تىزراق بولاسىز ھە ،ماقۇل خوش .
تېلېفۇننى قويۇپ تور ئىچىگە كېرىپ كېتىپتىمەن،ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ ،بىر ۋاقىتتا بىرىنىڭ ئارقىمىدىن سىلكىشى بىلەن ئىتتىك ئۇنىڭغا قارىدىم .ئۇ مىرادىل ئىدى .
-نېمە بولدى بەك سىلكىشلەپ كەتتىڭغۇ ئادەمنى .
-بولە تىز تۇتىيارىڭنى بىر نەچچە لۈكچەك بوزەك قىلىپ كەتتى .
-بوزەك قىلىپ كەتتى .
دەرھال تورنى تاشلاپ پەسكە چۈشتۈم ،ھايال ئۆتمەي ئوغۇللار ياتىقى ئالدىدىن دىسكوخانىغا ماڭىدىغان تەرەپكە كەلدىم ،ئۇيەرگە بىرنەچچەيلەن توپلىشۋالغانىدى .ئوتتۇرىدا تۇتىيا چاچلىرى چۇۋۇلغان،يىغلىغان پىتى تۇراتتى ،ئۇنىڭ قولىنى بىرى ھەدەپ تارتاتتى .

داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alzaman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-21 09:36 PM  


قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105104
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-24 02:22:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش