ئابدۇقادىر جالالىدىن ھېكمەتلىرىدىن
@ قەشقەرنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە ئالدى بىلەن قەشقەر كىشىللىرىنىڭ ئىڭىنى، تەپەكككۇرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك!
@ ئادەم بۇلۇش دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ئىش. چۈنكى ئادەم تەبىيىتىدە رەزىللىك بىلەن گۈزەللىك تەڭ مەۋجۇت.
@ مەنىۋىيىتىمىز بۇرۇنلا خارابلاشقان، تاشقى كۈرىنىشتە ئېسىل بولغىنى بىلەن، ئىچكى دۇنيارىمىز پۈچەك، مەنىۋى كۈچ ئاز.
@ ئائىلە تەربىيىسىدە تۇنجى قەدەمنى بالىلارغا كىشىلىك غۇرۇر، خاراكتېر شەكىلەندۈرۈشتىن باشلاش كېرەك!
@ بىزنىڭ مائارىپتىكى مۇددىئايىمىز مائاش ئېلىش، ھۇقۇققا ئېرىشىنى ئاساس قىلىۋاتىمىز، مانا بۇ بىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىز!
@ بىز ئادەملەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى، ئۇنۋانى، ھۇقۇقلىرىنى دەرىجىگە ئايرىيالايمىز، ئەمما ھەممە كىشىدىكى قەدىر-قىممەت ئوخشاشتۇر.
@ يەسلى نۇقۇل مەكتەپ بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنىۋى ئۇيۇنلار ئارىسىدا چوڭ بۇلىشى كېرەك!
@ بالىلارغا چوڭلارنىڭ ئىدىيىسى بۇ يىچە مۇئامىلە قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇلار بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئەسىرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ!
@ تەلىم تەربىيەد چوقۇم بىلىم بىرىش بىلەن ئەمەس، ئۇلارغا مەلۇم ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ!
@ مۇھەببەت ۋە ئەخلاقنى مەكتەپلەردە قاتمال كىتاب ئارقىلىق ئۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنى ئۆز تەبىيىتى ئارقىلىق ئۈگىتىش، يېتىلدۈرۈش كېرەك!
@ بالىلار تەربىيىسىدە رىغبەتلەندۈرۈش پىرىنسىپىنى ئاساسلىق قوللىنىش كېرەك!
@ مەكتەپلەردە شارائىت ياخشىلاندى، ئەمما بۇ يەردە مۇھەببەت سۇسلاپ، بارا-بارا يۇقاپ كىتىۋاتىدۇ!
@ بالىلارغا تەلىم بەرگەندە، ئالدى بىلەن غۇرۇر، ئېتقاد تەربىيىسىنى مۇھىم قىلىش كېرەك. بىلىمنى كىچىكىپ ئالساقمۇ بۇلىدۇ، ئەمما ئەقىدە، ئېتقاد تەربىيىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش كېرەك.
@ بىر ئۆمۈر قۇساق دەردىدە ياشىغان كىشى ئەڭ بىچارە كىشىدۇر، بىز ئۇنى ئابدۇل قېرىن دەيمىز!
@ بايلار ئىككى خىل بۇلىدۇ، بىرى پۇلى بار باي، يەنە بىرى پۇلى يوق باي.مەنىۋى قىممەت كىشىلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىدۇر!
@ بالىلارغا بولغان تەربىيەدە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى ئۈگىتىشىمىز!
@ ئادالەت تۇيغۇسى جانلىقلاردا بار بولغان ئورتاق تۇيغۇ!
@ بالىلارغا باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى ئۈگەتكەن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارغا مال-دۇنيا، بىخەتەرلىك، كىشىلىك ھۇقۇقىنى قوغداشنى ئۈگىتىشىمىز كېرەك!
@ قىزىقىش بىر مەسلە، لېكىن قىزىقىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش يەنە بىر مەسلە!
@ بالىلاردا قىزىقىش پەيدا قىلىش، ھەرقانداق بىر كىشدە ساغلام قىزىقىش بولغاندا، ئۇكىشى مەڭگۈ باي ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ قىزىقىش پەيدا قىلىش كېرەك!
@ ئاياللارغا چوقۇم بىلىم ئۈگىتىش كېرەك! بىلىملىك ئايال كەلگۈسىدە بىر مىللەتنىڭ ئانىسىغا ئايلىنىدۇ!
@ قانداق خەلىقنىڭ بۇلىشى قانداق پارتىيەنىڭ بۇلىشىنى بەلگىلەيدۇ!
@ كىشىلەردە چوقۇم خۇجايىنلىق روھى بۇلىشى كېرەك!
@ ئۇيغۇر ئائىلىللىردە چوقۇم بىر كىتابخانا بۇلۇشقا ئەھمىيەت بىرىش، كىتابسىز ئۆي دەرىزىسى يوق زەي ئۆيگە ئوخشايدۇ!
< بۇ مەزمۇنلار ئابدۇقادىر جالالىدىن قەشقەردە سۆزلىگە " پەرزەنىت تەربىيسى " ناملىق لىكسىيەدىن يېزىۋېلىنغان، پېقىر رەتلەپ مۇنبەرگە يوللىدى.>
2014-يىلى-8-ئاينىڭ 19-كۈنى