|
|
|
|
گېرمانىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە تاماقنى پاكىز يېيىش ئەڭ چوڭ ھۆرمەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 \2 u$ w% Y, D6 U1 v1 Hگېرمانىيەلىكلەر يېمەك-ئىچمەكنى ئىسراپ قىلمايدۇ، گېرمانىيەدىكى ئاشخانىلاردا ھەممە تاماق ئۈستىلى ياكى تاماق تېزىملىكىگە «تاماقنى ئىسراپ قىلماڭ» دېگەن خەت يېزىلغان. ئاشخانىلاردا تاماق كىچىك، ئوتتۇرا ھال، چوڭ دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ. بەزى ئاشخانىلاردا مەخسۇس ئاياللار ۋە بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان تاماقلار بار، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەتمۇ تاماقنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈندۇر. گېرمانىيەلىكلەر ئاشخانىلاردا يەپ ئېشىپ قالغان تاماقنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايدۇ، مەيلى كاتتا ئەربابلار بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن، ئېشىپ قالغان تاماقنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئادەتتە تاماق جىق ئېشىپ قالمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ھېچكىم ئاشقان تاماقنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن يېمەكلىكنى تېرىپ ئېلىشمۇ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئاشلىقنى ئىسراپ قىلماسلىقتىكى بىر ئېسىل ئەنئەنىسى ھېسابلىنىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇدىغىنى ۋە قايىل قىلىدىغىنى، گېرمانىيەلىكلەر باشقىلاردىن ئاشقان تاماقنى يەۋېتىشنى ھەرگىز نومۇس بىلمەيدۇ. ناۋادا ئاشخانىدا بىرەيلەن تامىقىنى يەپ بولالمىغان بولسا، ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشىنىڭ قورسىقى تويمىغان بولسا ياكى شۇ تاماقنى يېگۈسى بولسا، تاماقنى ئاشۇرۇپ قويغۇچىدىن سوراپ، روخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن يەۋېتىدۇ. جۇڭگولۇق بىر مۇخبىر گېرمانىيەدە مۇخبىرلىق قىلىش داۋامىدا، بىر قېتىم جۇڭگولۇق بىر نەچچە دوستى بىلەن بىر ئاشخانىدا تاماق يەپتۇ، ئۇلار تاماقنى بىر قۇر يەپ بولۇپ، پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا، چىرايلىق، رەتلىك كىيىنگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئەگەر ئېشىپ قالغان توخۇ گۈشىنى يېمىسەڭلار، مەن يەۋەتسەم بۇلارمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. مۇخبىر ئۇنى تىلەمچى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپتۇ، كېيىن مۇخبىر بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، مۇلازىمەتچىدىن مۇشۇنداق كاتتا ئاشخانىغا تىلەمچىلەرنىڭ كىرىشىگە نېمىشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ، مۇلازىمەتچى كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئەپەندىم، ئۇ تىلەمچى ئەمەس، ئۇنىڭ پۇلى ئىنتايىن كۆپ، بىر نەچچە يەردە داچىسى بار، ھەتتا بېقىۋاتقان پىلىمۇ بار، باشقىلارنىڭ ئېشىپ قالغان تامىقىنى يەۋېتىشنىڭ ئەجەبلەنگۈدە نېمىسى بار؟» دەپتۇ. مۇخبىر ئۆزىنىڭ گەپلىرىگە خىجىل بولۇپ، مۇلازىمدىن كەچۈرۈم سوراپتۇ. قىسقىسى، گېرمانىيەلىكلەر تاماقنى ئىسراپ قىلماسلىقنى يېمەك-ئىچمەككە بولغان ھۆرمەت دەپ چۈشىنىدۇ. مەنبە: («ئامانلىق» ژورنىلىدىن ئېلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-20 11:01 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. u/ t% q6 D3 Aبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 i/ y1 y; q" Z; B4 Q h0 P- M
|
|
|
|
|
|