مۇز سۇ قۇيۇش رىقابىتى ئەسلى ئويۇن ئەمەس
ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم قەلىمى
رايونىمىزدا تۈنۈگۈندىن باشلاپ ‹‹مۇز چېلەك رىقابىتى ئويۇنى›› باشلىنىپ كەتتى ، ئەمما بۇ نېمە سەۋەبتىن ؟ نەدىن كەلگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلارمۇ ئازكەن. مەنمۇ بۇ ئىش ئۈچۈن بىر قانچە تېلفوننى تاپشۇرۇپ ، ماڭا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولغىنىدا گاڭگىراپلا قالدىم ھەم ئىشنىڭ ماھىيتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدىم .
بۇ ئىشنىڭ ئامېرىكىدا باشلانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ،ئامېرىكا تىكساس يېڭى مىدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىكى دوستۇم تۇرسۇنجان (مۇنبەرلىرىمىزدە بىلگەجان تەخەللۇسىدا ) بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلىشىپ بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم . .
بۇنى ئەسلى ئىنگىلىستىلىدا Amyotrophic Lateral sclerosis يەنى قىسقارتىپ (ALS )ياكى Lou Gehring كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ كېسەل ھەركەت نېرۋا كېسىلنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل كېسەللىك. يەنى ھەركەت قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان ،ھەركەت قىلالمايدۇ، مۇسكۇللا قىسقىراپ ، ھەركەت يوقىلىدۇ، ئەمما تەپەككۇر جايىدا ...
بۇ مۇزلۇق سۇدا جەڭ ئېلان قىلىش قانداق باشلانغان؟
مۇشۇ يىلى 6- ئاينىڭ 30 – كۈنى ئامرېكىدا قويۇلىدىغان ‹ ئەتىگەنلىك كۈچ› تېلۋىزىيە پىروگراممىسىدا نەق مەيداندا رىياسەتچى ئۆزىگە مۇزلۇق سۇنى تۆكۈش ئارقىلىق باشقا ئۈچ كىشىگە جەڭ ئېلان قىلغان . بۇ جەڭ ئېلان قىلنىشنىڭ ئالدىدا مۇشۇ ALS كېسىلى بار بىرەيلەنگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن جەڭ ئېلان قىلىشنى قوبۇل قىلمىسا 100 دوللاردىن پۇل چىقىرىپ مۇشۇ كېسەلنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتلار ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. بۇ چۈشكەن پۇللار ئامېرىكا (ALS)جەمئىيتى دىگەن ئورۇنغا بارىدۇ. بۇ ئورگان بۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ مۇشۇ كېسەلنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سالىدۇ .
رىياسەتچى جەڭ ئېلان قىلغاندىن كېيىن جەڭنى قوبۇل قىلغان بىرسىنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنىڭ يولدىشى مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار ،شۇنىڭ بىلەن نەۋرە سىڭلىسى بۇنى قوبۇل قىلىپ مۇزنى تۆكىدۇ . ئاندىن بۇ كىشى قوشنىسىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ .قوشنىسى مەلۇم بىر كالتەك توپ كوماندىسىدىكى مۇشۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى .
شۇنداق ھالەتتە راۋاجلىنىپ ،ئامېرىكىدىكى توپچىلار ۋە تەنھەركەتچىلەر ئارسىدا بۇ ئىش ناھايىتى قىزغىن داۋاملاشقان بولۇپ ، جەڭ ئېلان قىلىنغان 3 ئادەم يەنە بىر باشقا 3 ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئاتاش ئارقىلىق 24 سائەت ئىچىدە مۇشۇ خىل قائىدە بويىچە جەڭنى قوبۇل قىلىشى بۇ ئارقىلىق مۇشۇ كېسەلگە بولغان تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ مۇشۇ خىل كېسەلگە كۆڭۈل بۆلشىنى شۇنداقلا مۇشۇ كېسەل تەتقىقاتىغا كۈچ چىقىرىشىغا يېتەكلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان . بۇ ئىش ناھايىتى ياخشى مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا، تەنھەركەتچىلەر بىلەن باشلىنىپ ، داڭلىق كارخانىچىلار، داڭلىق شەخىسلەرگە قاراپ يۈزلىنىدۇ، بۇ ئىشتا بىل گەيتېس ، ئالما شىركىتىنىڭ باشلىقى ، فېيىسبۇك تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ،ئوباما قاتارلىقلارغىچە جەڭ ئېلان قىلىنىدۇ ..
مۇشۇ تەرىقىدە كۈندە شۇ كېسەلنىڭ گېپى بولىۋەرگەنلىكتىن باشقىلاردا بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئەستايىدىللىق پوزىتسىيسى شەكىللىنىدۇ . ئوباما مۇز تۆكۈش رىقابىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئەمما 100 دوللارنى ئامېرىكا ALSئورگىنىغا ئىئانە قىلىدۇ . بوشمۇ بۇنى قوبۇل قىلمىغاندا ئايالى چاندۇرمايلا مۇز سۈيىنى بېشىغا قۇيىۋىتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بوشمۇ كېلىنتونغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ ...
بۇ ئىش داۋاملىشىۋاتىدۇ...
خوش،،، ئەمدى تۈنۈگۈندىن بېرى دىيارىمىزدىكى مۇشۇ قىزغىنلىقلارنى كۆرۈۋاتىمىز..بىز بۇ پۇللارنى ئامېرىكىدىكى شۇ ئورگانغا بېرەلمەيمىز ئەلۋەتتە، ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان ياردەمگە مۇھتاجلار، بىز ئاڭلىمىغان كېسەلىكلەر بار ... مەن بايا سۆزلەپ ئۆتكەن بۇ كېسەلنىڭ ئىسمىنى بىرەرىنىڭ فىلىم ئۆزىدە چىقارغىنى ،ياكى رايونىمىزدىكى مەلۇم بىر كېسەلگە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ فىلىم ئىشلىگىننى كۆرمىدۇق ... بۇ قارىماققا ئويۇنغا ئوخشاش بولسىمۇ ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئالدىراش كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىشلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىرخىل ياخشى مەقسەت ،مۇددىئا بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىش .
نەچچە كۈندىن بۇيانقى فىلىملەردە كۈلكە چىرايلارنى ،ئويۇنغا ھېرىسمەن ئوبرازلارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق.
ئەينى چاغدا رايونىمىزدا5D كىنولىرىنى كۆرگەن چېغىمدا ئورۇندۇقلارنىڭ مىدىرغانلىقلىرى ،سۇلارنىڭ چېچىلغانلىقى ،شامال چىققانلىقىنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ بولۇپ، پات پات كىنو كۆرگىلى بېرىپ تۇراتتىم . ئامېرىكىغا چىقىپ ئاخبارات مۇزىيىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلغاندا4D كىنو كۆرۈش زالى دىگەن خەت مېنى ئۆزىگە ئانچە جەلىپ قىلالمىغان ئىدى . ئەمما ئىچىگە كىرگىنىمدە بىز بۇرۇن كۆرگەن كىنوخانىلار شۇ 5D كىنوخانىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئورۇندۇق مىدىرلاش، سۇلار چېچىلىشتەك ئەڭ ئاددىيلا ئىقتىدارلارنى ھازىرلاپ پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋراڭدا 5D كىنوخانىسى بولۇپ قالغان ئىكەنلىكىنى ئامېرىكىدىكى 4Dكىنوخانا ئىچىگە كىرىپ مەن كىرگەن كىنوخانىلاردىن نەچچە ھەسسە ئىلغار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم . چۈنكى كىنوخانىنىڭ شۇ ئاددىي ئۆلچەملىرىدىن باشقا ،كىنو كۆرۈش ئارلىقىنىڭ نەچچە يۈز مېتىر بولۇشى ،ئېگىز ئولتۇرۇپ كۆرۈش ، ئورۇندۇقلارنىڭ تىك تىزىلىشلىرى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنمىگەن .
شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى ئويۇندىمۇ پەقەتلا مۇز تۆكۈشنىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ مەلۇم بىر ئىش ياكى بىرە تۈردىكى كېسەل ئۈچۈن تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلماسلىق بىزدىكى تونۇشنىڭ يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۆككەن مۇزلىرى ھەقىقىي يولدىكى قاغجىرغان يۈرەكلەرگە بارسۇن . مەن بۇ ئىشنى قوللىماسلىق ياكى قارشى تۇرۇش تەرەپدارى ئەمەسمەن.. بۇ ئىش شىددەت بىلەن يامرىغىلى تۇردى، فىلىمدە خەير – ساخاۋەت ئۈچۈن 100 دوللار دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ.. ئاتام ئېيتقان بايقى دىگىنىدەك ئۆلۈك ھالدىكى خەير – ساخاۋەتنى تەشەببۇس قىلىش يەنىلا ئەسلىدىكىدەك چوڭ ئۈنۈم قوزغىمايدۇ. ئۈمىدىم بۇ ئىشنى بىز ئويۇن خاراكتىرىغا ئايلاندۇرىۋالماي ،ئارىمىزغا كارخانىچىلارنى قوشىلى ،داڭلىق ئۇستاز سەنئەتكارلارنى قوشىلى ، شۇ ئارقىلىق مەلۇم بىر ئورۇن ياكى مەلۇم بىر خىلدىكى كېسەللىك ، ياكى مەلۇم بىر ياشانغانلارنى كۈتىۋىلىش ئورنى ،ياكى بىرقانچە يېتىم بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىش ، ياكى ئاغرىق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان بىرەرىگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش ئارقىلىق پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ ، رايونىمىزغا ماسلاشقان رىقابەت شەكلى قىلساق بولىدۇ. خەير – ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلسۇن دىگەن شۇئارلارنى توۋلىدۇق. ئەمما رايونىمىزدا نەچچىلىگەن خەير – ساخاۋەت ئورۇنلىرى بار .. قايسىغا قانداق بېرىش ، نەدە بېرىش قاتارلىق ئاخىرقى نەتىجىلىرىنى ئويلاشمىدۇق ، ھەم ھازىرغىچە بىرەرىنىڭ رىقابەتتىن ۋاز كەچتىم دەپ بىرە ئورۇنغا پۇل بەرگىننىمۇ ئاڭلىمىدۇق، ئۈمىدىم بۇ پائالىيەتمۇ ئوخشاشلا ئاۋالقىدەكلا ئېكرانغا چىقىش دولقۇنى قوزغايدىغان بىر رىقابەتلەر،مەخسۇس ئويۇننى ئاساس قىلغان ، كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلغان بىر قېتىملىق داۋالغۇچ بولۇپ قالمىسۇن ... مۇز سۈيى قۇيۇش رىقابىتىگە مېھرىمىز بىلەن قاتنىشايلى ، ئەمما قۇيۇلغان ھەربىر سۇ ، تۇپراققا سىڭگەن ھەر بىر سۇنىڭ قىممىتى بولسۇن ، قەدرى بولسۇن ... شۇنداقلا ئەلدىن ئەلگە نەپلەر تەگسۇن ، قارىغۇلارچە مودا ئېقىملارغا ئەگىشىپ ،ئەسلى ماھىيەتنى ئۇنتۇپ باشقا كىشىلەر قىلغانلىكى ئىشنى قىلغاندىن ،شۇ ئىشلارنى رايونىمىز كىشىلىرى خاراكتىرىغا ماس كەلگۈدەك، رايونىمىزدىكىلەر قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجەدە ئېلىپ بارايلى ، بىزمۇ چەتئەللىكلەرگە مەلۇم ئارقا كۆرۈنۈشلىرى بار ياخشى ئىشلاردا باشلامچى بولايلى ... بۇ دولقۇن يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتقان ئۇشبۇ دەملەردە ھاياجانلىق ۋە ئويلىنىش ئىچىدە قەلەم تەۋرىتىپ ئالدىن فىلىملەرنى ئىشلەپ تارقاتقانلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگىم يوق ئەلۋەتتە. ئۈمىدىم بۇنىڭدىن كېيىنكى فىلىملەردىكى سۆزلەر ۋە ئىئانىلەر رايونىمىزغا ماس كەلگۈدەك ،قەلىبلىرىمىزنى ئىللىتقۇدەك بولسا، ئەزەلدىن ئىئانە قىلمايدىغانلار ياكى كېسەل بولمايدىغاندەك ياشايدىغانلار شۇ بىر چېلەك مۇز سۈيى بىلەن بىر قېتىملىق قاتتىق سەگىسە دىگەن چوڭ كۈتۈشلىرىم بار.
2014- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى