ئوقۇغىن يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 05:12 PM
بايا جۈمەگە باردىم،
مەن توغرىنى يەتكۈزۈپ قويدۇم،
سىز ...
چۈنكى مەن بىرئادەمنىڭ ھاراق ئىچكىنىگە قاراپ يامان ، ساقال قۇيۇۋېلىپ ئەرەبچە كىينىۋالغىنىغا
ياخشى دېمەيمەن . ياخشى ـ ياماننى قىيامەتتە ئاللاھ ئۆزى ئايرىيدۇ .
ھاراق دېگەننى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئۈچ ۋىلايەت
ئىنقىلابچىللىرىمۇ ئىچكەن , غېنى باتۇرمۇ ئامراق ئىدى . شۇ چاغلاردا بىر قىسىم
ناماز ئوقۇشنىلا ئىبادەت ھىسابلايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ئەل بېشىغا ئېغىر كۈن
چۈشكەندە قول قوشتۇرۇپ ، خوتۇننىڭ ئۇچقىغا ئوت قالاپ ئەلھەكمولىللا دەپ ئولتۇرۇشقان .
بەزى ھاراق ئىچمەيدىغان كىشىلەر مال ـ دۇنيا ,كىچىككىنە ئەمەل تەمەسىدە خۇتۇن ، قىزلىرىنى
سۇلاپ بېرىشتىنمۇ ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلىققە زۇلۇم سېلىشتىنمۇ يانمىغان .
سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە دوزاخقا كىرىدىغان ، نامزىنى چۈشۈرسىمۇ دۇررۇس بولمايدۇ دەپ
قارالغان كىشىلەر ئەلنى خارلىق، زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئىسسىق جانلىرىنىمۇئايىماي
قەھرىمانلىق كۆرسەتمىگەنمىدى ... ؟ ئاللاھنىڭ ئالدىدا : باراۋەرلىك ، ھەققانىيەت ،
ئەركىنلىك ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى كۆرەش قىلىش ۋە گېزى كەلسە : ‹‹ ئۆلسەك شېھىت ،
قالساق غازى ›› دەيدىغان ئەقىدىدىدىنمۇ ئارتۇق ئىبادەت بارمۇ ... ؟
مەن ھاراقكەشلەرنى ئاقلىماقچى ، ياخشى دېمەكچى ئەمەس . ئەمما ، ئۆزىنى ئەۋلىيا
چاغلاپ باشقىلارنى كەمسىتىشكەن ، ‹‹ دوزاخقا كىرىدۇ ›› ، ‹‹ ئىماندىن ئاجرايدۇ ››
دەپ توردا پەتىۋا پىچىدىغان پوشكالچى موللىلارغا رەددىيە بەرمەكچى ...
تېخى بەزى يۇرىتلاردا بىر قىسىم ‹‹ دىنسۆيەر ›› لەر ، ھاراق ئىچكەن كىشىلەرنىڭ
قۇلقىنى ، بۇرنىنى كېسىپ ئىبرەت قىلىمىز دەپ باشقىلارنى زەخمىلەندۈرگەن ئىشلامۇ
چىقىۋاتىدۇ . بۇنداقلارنى چۇقۇم قاتتىق جازالاش كېرەك .
كۆپىنچە جىنايەت ، قاتناش ھادىسسى ، جىدەل ، ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىىغا ھاراق
سەۋەبچى . ياق ، ياق ... بىرسى ئېغىزىڭغا قۇيمىغاندىكىن ئىچمە ... ! ئۆزۈڭ
سەۋەبچى ...
ئەمدى ئىچمە دېسە ئۇنمىدىڭ ! ئەرزان باھالىق ھاراقلارنىڭ ئىسپىرىت دەرىجىسى
يۇقرى ، ئاشقازان ، جىگەر ، بۆرەكنى زەھەرلەيدۇ . كاللاڭنى ساراڭ قىلىدۇ ، مەلئۇنغا
ئايلىنىسەن ، مىھرىبان ئايالىڭغا تاياق سېلىشتىنمۇ خېجىل بولمايسەن ...
ئىچمە دېسەم ئۇنمىدىڭ ! ئۆزۈڭ ياساپ ، قۇۋۋەتلىك قىلىپ ئىچ ، ئاز ئىچ .
پۇلۇڭ بولسا فىرانسىيەنىڭكىنى ئىچ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-24 02:53 AM