sargarda يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 09:13 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! v4 p# @6 `8 n8 pئاشقىن 1 تورداش ، جاسارەتنى ئۆگەنگىلى بولامدۇ ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 _" D6 g0 u) L) Z
جاسارەتنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ،بەلكى ئۇ ئىنساندا تەبىئىي بولىدۇ،ئەقىل-پاراسەتمۇ شۇنداق. بىراق،ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى مەدىنىيەت-مائارىپ،ئۆرپ-ئادەت،قانۇن-تۈزۈم ھەتتا دىنىي ئېتىقادلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدىكى بۇنداق تۇغما ئالاھىدىلىكلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ھەر تەرەپتىن چەكلەشنى مەخسەت قىلغان ياكى ئەمىلىيەتتە شۇنداق رول ئوينىغان. چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ چەۋەندازلىرى بولسا،بۇ چەكلىمىلەردىن ئاساسەن خالى بولۇپ،ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ھاقىقى كۈچ-قۇدرىتىنى نامايەن قىلغان.ئۇلاردا مۇكەممەل قانۇن-تۈزۈم بولمىسىمۇ لېكىن مۇتلەق رۇئايە قىلىدىغان ئىنتىزام بولغان،ئۇلار جۇغراپىيە ۋە ھەربىي تەلىماتلاردىن ئانچە خەۋەرسىز بولسىمۇ،لېكىن تەبىئىي سېزىم ۋە ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىپ ئۆزىدىن كۈچلۈك ھەم كۆپ بولغان دۈشمەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان،پىسخولوگىيە ياكى تەشۋىقات بىلىملىرىدىن خەۋەرسىز بولسىمۇ،لېكىن دۈشمىنى ساراسىمىگە سېلىپ،ياۋ چېرىكلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرغان....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# T' V% ^7 o( Z/ L چىڭگىزخان ئەسلى دۇنيانى بوي سۇندۇرۇشنى ئەمەس،بەلكى دادىسىدىن قالغان كىچىككىنە قەبىلە تەختىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئارزۇ قىلغان. تەقدىر بولسا ئۇنى ئۆزىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.چىڭگىزخاننىڭ قىلغىنى پەقەت ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا تەبىئي بار بولغان جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ قۇدرىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ نامايەندە قىلىشتىن ئىبارەت بولدى.