باشتۇغ يوللىغان ۋاقتى 2014-8-24 12:25 AM
بەلكىم مەن خاتا چۈشنىۋالغان ئوخشايمەن .
ئىككى ئىنكاس ...
ئۇكام يازالمايدۇ دىگەن قانداق گەپ. مەن ئەسەر يىزىپ باقمىغىنىم بىلەن ئەدىبى ئەسەر بىلەن ھەپىلىشىۋاتقىلى 30يىل بولدى. ھىچ بولمىغاندا ئەدەبى ئەسەردىن ھوزۇر ئېلىشنى بىلىمەن. دۇنياۋى ئۆلمەس ئەسەرلەر بار. «乱世佳人»دەپ بىر ئەسەر بولىدىغان. كىنوسىمۇ بار. يېقىندا بالامغا بۇ كىنونى ئىچىپ بەردىم. قاچان كۆرسە كۆرگۈسى كېلىدۇ.
ئاندىن مەن شۇ 30يىلنىڭ ئالدىدا يازغۇچى بولىمەن دەپ ئويلايتىم. لېكىن تەغدىر سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىزغا باقمايدىكەن. قاتمال، قوپال تىل ئىشلىتىدىغان لېكىن ئەمىلى ئىش قىلىپ بىرىدىغان بىر كەسىپ مېنى ئۆزگەرتىپ كەتتى. لېكىن كۆرگەن بىلگەنلىرىم، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى يۈز بىرىدىغان نەق ھىكايىلەر بىلەن كاللام توشۇپ كەتتى. ئادەەمنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرسىڭىز ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولۇپ قالىسىزكەن. مەن بىرنەچچە 10يىل ئىزدەشمىگەن دوستلىرىمنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالىمەن بەزىدە.
ئاۋۇ ھىكايە يىزىشقا كەلسەك، مەندە كاللامدا ماتىريال دىگەن ساماندەك. ئەگەر كاللامدىكى ئۇچۇرلارنى بىرەر يازغۇچىنىڭ كومپىيۇتىرىغا يۆتكىگىلى بولسا ئىدى. تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەر مەيدانغا كىلەتتى. مەنمۇ كاللامدىلى 20يىللىق خەقنىڭ دەرت -ھەسرىتىنى يۇيۋىتىپ يەڭگىللەپ قالسام دەپ ئويلايمەن.
بىر ئرېغىز گەپ ئەمىلى تۇرمۇش ئۇنداق ئەمەس.