sanjay يوللىغان ۋاقتى 2014-8-24 08:26 PM
بۇرادىرىم ئۇتغۇرغا چاخچ ...
قاپقارىنى سۈركەپ يۈزۈمگە،
تۆھمەت قىلما ماڭا بۇرادەر!
‹‹ئۇنداق ئەمەس›› دېسىمۇ دوستلار،
دۈشمەن كۆرسە بۇنى نېمە دەر؟!
ھازىرغىچە بويتاقمەن دوستۇم،
ساپ يۈرەكنى ئىزدىمەكتىمەن.
بولسا ئەگەر خوتۇنۇم مېنىڭ،
بىر ساڭىمۇ ھېچ دېمەمدىمەن؟!
نەدىن تاپتىڭ ئەمدى قىمارنى؟!
تۆھمىتىڭمۇ يېتىپ ئاشاتتى!
قىمارۋازنى ئاڭلىساممۇ مەن،
غەزەبلىرىم سەلدەك تاشاتتى!
قاپقارىنى سۈركەپ يۈزۈمگە،
تۆھمەت قىلما ماڭا بۇرادەر!
‹‹ئۇنداق ئەمەس›› دېسىمۇ دوستلار،
دۈشمەن كۆرسە بۇنى نېمە دەر؟!
‹‹ئۇنداق ئەمەس›› دېسىمۇ دوستلار،
دۈشمەن كۆرسە بۇنى نېمە دەر؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-24 09:50 PM