gayur1 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 09:56 AM
ئانىنى چوشقا بىلەن سېلىشتۇرۇشىڭىزنى پەقەت توغرا تا ...
ئالدىمغا كەلگەن بىر قاتىللىق دېلۇسىنىڭ سوراق خاتىرىسىنى ئوقۇپ مۇشۇنداق خىيالغا كېلىپ قالدىم.
-ئاتا-ئاناڭنى نىمىشقا ۆلتۈردۈڭ،
- مەنمۇ باشقا بالىلاردەك يالغۇز بالا ئىدىم. ئاتا-ئانام ماڭا بەك يۇقۇرى تەلەپ قوياتتى. بولۇپمۇ ئاپام ھە دىسىلا مېنى ئۇرۇپ تىللايتى. 12ياشقا كىرگەن يىلىمغۇ دەيمەن. ئاپام مىنى بىر كۈنى باشقا تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە مىھماندارچىلىقا ئاپاردى. شۇ يەردە ئازراق خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسام باشقا نەرۋە ئاكىلىرىم ئالدىدا مىنى ھو يارىماس، دوت كالۋا دەپ ئۇرۇپ تىللاپ كەتتى. شۇندىن بۇيان روھىم چۈشۈپ ئۆزەمنى تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۈگىنىش قىلغۇممۇ كەلمەيتى. كېيىنچە نىمىلا قىلسام ئاپامغا يارىمىدىم. ئۇمۇ مىنى تىللاشنى توختاتمىدى. كېيىن ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىدىم. ئۇلار مىنى تىخىمۇ سەت گەپلەت بىلەن ئەيىپلەشتى. مىنىڭ تىجارەت قىلغۇم بار ئىدى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن كادىر ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ مىنى دادامنىڭ ئىدارىسىگە يول مېڭىپ ئەكىرىپ قويدى. كېيىن مەن توي قىلدىم. ئاپام ئايالىمغىمۇ شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. پەقەت مىنى كۆرسىلا چىرايى تۇتۇلۇپ قالاتتى. چۈنكى ئايالىم ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن مۇقۇتقۇچى ئىدى.
كېيىن بالىلىق بولدۇم. ئاپام بالامغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلغىلى تۇردى. داداڭنى دورىما، داداڭدەك دوت كالۋا بولما دەيتى. يەنە ئولتۇراق رايۇن ئىچىدە بالامنى ئۇنى بىلەن ئوينىما بۇنىڭ بىلەن ئوينىما دەپ ئارلىشىۋالاتتى. بالامنى داداڭدەك قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەم بولىسەن ، پۇلى بار، ھوقۇقى بارلارنىڭ باللىرى بىلەن ئوينا دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم.
ئاخىرقى قېتىم جىدەل بولغاندا مەن ئۆيۈمنى بىزەۋاتقان ئىدىم. بالامنى چوڭلارنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ماتىريال يىتىشمەسلىك سەۋەپلىك ئۆي ۋاقتىدا پۈتمىدى. شۇ كۈنى مەن چوڭ ئۆيگە بارسام ئاپام يەنە كوتۇلدىغىلى تۇردى « قېرىغاندا بالاڭنى باققىلى قويدۇڭ. بالاڭمۇ ساڭا ئوخشاش گەپ ئاڭلىمايدۇ.تۇر دىگەن يەردە تۇرمايدۇ. بىزنى ماجاڭ ئوينىغىلى قويمىدى. نىمە گۇنا قىلغان بولغۇيتۇق. سەندەك يارىماستىن بىر ئۆمۈر قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمىز.» دەپ.
« ئۆي پۈتمەيۋاتقانلىقىنى ئۆزەڭمۇ بىلىسەن. بۇ دىگەن قش تۇرسا كىچىك بالىنى نەگە قويىمەن. نەۋرەڭ ئۈچۈن بولسىمۇ ئازراق بەدەل تۆلەپ قويساڭ يامان كېتەمدۇ» دىسەم داداممۇ قۇشۇلۇپ مىنى تىللىغىلى تۇردى. دادام ئەزەلدىن مەن تەرەپ بولمايتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۋىتىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم.
كەچتە ئۇلار ئۇخلىغىلى كىرىپ كەتكەندە ئۆيدىكى بولقىنى ئىلىپ ئاۋال ئاپامنىڭ باش قىسمىغا كۈچەپ بىرنەچچىنى ئۇرىۋەتتىم. ئۇ ھە دەپ دىمىرگىلى تۇرغانتى. ئاشخانا ئۆيدىكى چەيدونى ئەپچىقىپ قالايمىغان چاپتىم. قانلار چاچراپ چىقتى. مىنى بىر ئۆمۈر تىللىغان زۇۋانىغا ەچچىنى چىپىۋەتتىم.
ئاندىن كىرىپ دادامنى چاپتىم. .......»
مانا مۇشۇنداق مەسئۇل ج خ خادىدىمى بۇ تەپسىلاتلا دېلۇ ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولمىسىمۇ ئېرىنمەي خاتىرلەپ ماڭغان ئىدى. بەلكىم رىئالىقتىكى ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئىشتىن ساۋاق ئىلىشىنى ئمى قىلغاندۇ.
ج خ دېلۇ خاتىرىسىنىڭ جەسەتنى ئاناتومىيەلىك يېرىش ئوپىراتسىيە قىلىنغندىن كېيىنكى تارتىلغان رەڭلىك سۈرەتلەرنى كۆڭلۈم ئېلىشىپ تۇرۇپ كۆرۈپ چىقتى ئۇنىڭ ئاپىسى بىلە دادىسى ئانچەئورۇق ئادەملەردىن ئەمەستىكەنتۇق. چۇۋۇۋىتىلگەن مىڭڭە، قورساق قىسىملىرىدىن بىر قەۋەت قېلىن ماي تىشىپ چىققان ئىدى.