ھۆ-تاڭ يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 10:26 AM
ئۇرغۇزماڭ ،،،،ئاسمانغا چىقىرىپ ئۇچالايدىغان قىلىۋېتى ...
ۋاي قېرىندىشىم ، بۇ پىكرىڭىز بولمىدى . ۋاكسىنىنى ئۇرغۇزسىڭىز بالىنىڭ كېيىنكى ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىسى بۇلىدۇ . ئىلگىرى بىز ئۇرغۇزمىغان دەپسىز ، ئۇ چاغلاردا بىز نېمە يەيتتۇق ، ھازىرچۇ ؟
يىمەك -ئىچمىكىمىز خىمىيىلىك بۇلۇپ كەتتى ، يېشىل يىمەكلىك دەپ جار سېلىۋاتىمىز . بەدەن ساپايىمىز پارنىكتا ئۆسكەن تەرخەمەكتەكلا ھازىر .
شۇڭا ۋاكسىنا ئەملىتىش ھەر خىل يۇقۇملىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن .
ئەمما ماۋۇ توردىشىمىز دېگەن ئەھۋالغا قاراپ توۋا دېۋەتتىم ، ئاشۇ گەپنى قىلغان دوختۇرنىڭ نېرۋىسىدا چاتاق بار ئوخشايدۇ .
ئادەتتە ۋاكسىنا ئەملەتسىڭىزمۇ بالا بەزىدە قىزىپ سەل بىئارام بۇلىدۇ ، ئەمما بۇ نورمال ئەھۋال . شۇ ۋاكسىنىنىڭ تەسىرىدىن .
18 كۈن ئۇدا ۋاكسىما ئەملەتسە ، بالىنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشقانلىق .