tograkmalikisi يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 06:23 PM
كەچىكىچە شۇ ئايالغىلا سۆز....
خۇددى جاھاندىكى ئەرلەرنىڭ ...
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئۆزىنى بىلەلمەي ھەددىدىن ئاشقان بىر قىسىم نالايىق ئاياللار ئەتراپىمىزدىلا بار ، ئاشۇنداق ئاياللار بولمىغان بولسا ، ئۆزىنى ئۆزى سوراپ ، ھۆرمەت ، ئىززەت ، قەدىر قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن بولسا ، مۇنداق ماقالە يېزىلمىغان بولاتتى . مەنمۇ مۇنبەرگە يوللىمىغان بولاتتىم . بۇ ماقالە ياخشى پەزىلەتلىك ئاياللارغا ئەمەس ، ئاشۇنداق تەكەببۇر يامان نىيەتتىكى ئاياللارغا قارىتا بىر قامچا بولۇپ ئەندىكسىگەن دىگەن ئارماندا يوللاندى .....
ئەرلەرگە يېزىلغان تەنقىد ، نەسىھەت تېمىلاردا، خانىم قىزلىرمىز ئالقىشلاپ چۇقان كۆتۈرۈپ كەتكەن . بىر تەرەپلىمىلىك پىكىر قىلماي، ھەر تەرەپلىمىلىك مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ، ئەخلاقىمىزغا يات ناچار ئادەتلەرگە ، «مەھدىيە» ئەمەس ، رەددىيە بېرەيلى !
ئەر كىشى تەن بولسا خوتۇن كىشى جاندۇر . ھەر بىر ئايال ئانا بولغۇچى ، ئانا بولغۇچى ئاشۇ ئۇلۇغ ئاياللارمىز دۇرۇس بولسا ، ۋاپادار ئىسىل ئوغلانلارنى تۇغۇدۇ . شۇڭا ئاياللارغا نەسىھەتنى كۆپ قىلدىكەنمىز . ئاياللارغا ئەڭ قىممەتلىك ۋاپادار كىشى ، ئېرى بولسا ، ئەرلەرگە ئەڭ قىممەتلىك كىشى ئانىسىدۇر . ئەرلەردە ئانىلارنىڭ ھەققى بەك كۆپ . ئاشۇ ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ، بولغۇسى ئانا بولغۇچى ئاياللارغا پەندى- نەسىھەتنى كۆپ قىلدىكەنمىز ......