Azizan يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 07:00 PM
شۇنداقمۇ ، رەھمەت . ساياھەتچىلەر مېھمانخانىسى ، قولاي ...
.....بېيجىڭلىق ئۇستاملار بىلەن قارىمۇ-قارشى يېرى ، بۇ ياش ئۇستام قەتئىي گەپ قىلمايتتى . ھېكايە ئېيتىپ بەرمەيتتى . شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا مۇزىكا قويۇپ بېرىشنى ئېيتتۇق ، ئۇ بىزدىن قانداق مۇزىكا ئاڭلايدىغانلىقىمىزنى سوراپ تۇرىۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى بىر قىيناپ باقايلى دەپ ، شىنجاڭنىڭ مىللىيچە مۇزىكىسىنى قوي ، دېسەك ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ «خاپا بولماڭلار ، مىللىيچىسى يوق ، لېكىن ئەركىننىڭ مۇزىكا پلاستىنكىسى بار » دەپ ، ماشىنىنى چەتكە توختىتىپ ، كەينىدىكى ساندۇقتىن بەش مىنۇت ئىزدەپ بىر توپا بېسىپ كەتكەن پلاستىنكىنى تېپىپ بىزگە قويۇپ بەردى . بىز بۇ ھالنى كۆرۈپ بىر-بىرىمىزگە چەكچەيگىنىمىزچە ھەيرانلىقتا قالدۇق . بىز ئۇنىڭدىن ئېچىلىپ ئولتۇرۇشىنى ، گەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق ، چۈنكى مەنزىلگە تېخى بار ئىدى ، ئۇ بىزگە ئاندىن ئۇلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىدا يات يەر كىشىلىرىگە كۆپ گەپ قىلماسلىق ، كۆپ گەپ قىلىپ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويماسلىق دېگەن ماددىلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى . بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن سەپرا قوزغىلىپ ماشىنىدىلا قۇسۇپ قويدۇم ۋە جىددىيلىشىپ ماشىنىنى توختات دېدىم . ئويلىمىغان يەردىن ياش ئۇستام مەندىن بەكرەك جىددىيلىشىپ مېنى يۆلەپ يول بويىدىكى پاكىز چىملىققا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن ماشىنىنى پاكىز سۈرتۈپ بولۇپ ئاندىن مېنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى . ئۇ مەندىن كەچۈرۈپ سوراپ « كەچۈرۈڭ ، كەينىدىكى ئورۇندا قۇسۇيدىغان سۇلياۋ خالتا بار ئىدى ، مەن بايا مۇشۇ ئىشنى دېمەيلا ئالدىراپ مېڭىپتىمەن » دەپ خىجىل بولۇپ كەتتى . بىز مەنزىلگە چۈشكەندىمۇ ئۇ بىزدىن ئارتۇق «قۇسۇق ھەققى» ئېلىپ قالمىدى . شۇ چاغدا مېنىڭ كاللامغا دىيارىمىزدا يولۇچىنىڭ ئەھۋالى بىلەن كارى يوق ، ماشىنىغا تىرناقچىلىك قۇسۇق تىمىپ كەتسە سوقۇش خورىزىدەك ھۈرپىيىپ نۇرغۇن ئارتۇق پۇل تەلەپ قىلىدىغان سۆرۈن تەلەت تاكسى ئۇستاملار كەلدى .
ياشاپ كەت سوپى ! ھې ھې ھې
..ئوچۇق گەپ قىلسام ئۆزىمىزنى تىللىساق بىر قىىسم زىيالىلار قەلىمى بىلەم يۈرىكىمزگە غەزەپ بىلەن تىقىۋاتىدۇ .شۇڭلاشقا بەزىدە ھاي-ھاي سۇغا قاراپ ئىشتان سالاي دەپ توختاپ قالىمەن .
ئىسڭلاردا بارمۇ ئەزىزان سوپى بۇرادەر ؟ نەچچە ئون يىل ئالدىدا باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى ، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كىلدىغان 1700~1600 كىلومېتىرلىق يول لېنىيەسى ئۈستىدە تالاي-تالاي ئاشخانىلار بار ئىدى .
بۇ ئاشخانىلارنىڭ پىشانىسىدىكى ۋېۋىسكىلار شۇنداق مىھىرلىك ۋە شۈنچىلىك گۈزەل ئىدى . ئېسىمدە قالغانلىرىدىن بىر قانچىسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققتىدە بولسۇنا .
قەشقەرلىق سەمەر باي ھاجىم ئۇيغۈر تائاملار ئاشخانىسى .
........ئوبۇل ھاشىمنىڭ ئەزىز مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى
........ئىمام مەھدى شۈبھىدىن پاك تەقۋادارلار ئاشخانىسى .
......................................................................
توقسۇنلۇق ئەنۋەر ھاجىم ئۇيغۇر لەڭمەن شاھى ئاشىخانىسى .
.....ئەركىن ھاجىم يەتتە ئەۋلات پولۇ شاھى ئاشخانسىى .
....................................................................
قەشقەرلىك پۇستانى قارىم ، كۇچارلىق پۇستانى ھاجىم ، شايارلىق پۇستانى ھاجىم، ئاقسۇلۇق پۇستانى ھاجىم ....نامىدىكى ئاشىخانىلار ئېسڭلاردا بارمىدۇ ؟
..لىكىن مەن ئۇنتۇپ قالمىدىم . بۇلار بۇلار بەئەينى بۇلاڭچى ئىدى . سۇمالىينىڭ قاراقچىللىرىدن ئۆتەر بۇلاڭچى ئىدى . بىرلا يىرى بۇلارنىڭ قولىدا ئاپتىمات . بىروۋنىك يوق ئىدى . ئەگەر بار بولسىيدى ، جاپوا تارتىپ ئاشىخانا نامىدىكى بۇلانچىلىق ئۇۋۇسىنى ئىچىشتىن كۆرە دۇكاننىڭ ئالدىدا تاماكىسىنى چىكىپ ئولتۇرۇپ بىرەر يولۇچىلار ماشىنىسى كەلسە بىروۋنىك بىلەن ئالدىنى توراپ يولۇچىلارنىڭ بار-يوقىنى بۇلاپ ،توختىماي قاچقان ماشىننى بىروۋنىك بىلەن بومباردىمان قىلىپ بۇلارمىكن دەپ قالاتتىم شۇ ۋاقتىدا مەن .
...ئۇستام پۇتۇن لەڭمەن قانچە پۇل ؟
- 6 يۈۋەن .
بىر تەخسە بىرىڭ !
-بولىدۇ ،مانا تاماققا باقىسلا . ھەي تۇسۇن مىھمانغا چاينىڭ نوچىسىنى دەملەپ قۇي ( ئەمىليەتتە بۇ چاي دىگىنى تاھارەت سۈيىدىن بىزە پەرىقلىنىدۇ ، ئىشقىلىپ ئىسىق ، ھەممۇ ئالدىنقى كۈنى ئىشىپ قالغان داغ چايمۇ قۇيۇشى بار تىخى )
- ئۇستام مۇنۇ تاماقنىڭ پۇلى دەپ پارچە پۇل يوق 10 يۈۋەن تەڭلەيسىز .بىراق ئۇستام بولغۇچى پور كۆتەك ئاق پىشماق ئاشقان 4 يۈۋەننى بىرىشنىڭ خىيالى يوق غورتۇلتىپ نوگايدا چاي ئىچىۋاتقان كۆرنۇش ، سىز مىڭىش ئالدىدا تۇرۋاتقان ماشىنىغا ئالدىراپ ،سورايسىز ،
-ئۇستام مەن ئالدىرايىتم . ئاشقان پۇلنى بىرىۋەتكەن بولسىڭىز !
-لەڭمەن 10 يۈۋەن تۇرسا قايسى ئاشقان پۇلنى بىرىمەن ؟
-بايام تاماق يىيىشتىن بۇرۇن سورسام 10 يۈۋەن دىگەنغۇ ؟
-كىم شۇنداق دىگەن ؟
- ئەنە ئاۋۇ ساغىرسىنى قاشلغاچ سەي قورۇۋاتقان ئۆسكىلەڭ بالا شۇنداق دىگەن !
- ھە بىلدىم ، ئۇ ئۇستام يىڭى كەلگەن تاماقنىڭ باھاسىنى بىلمەيدۇ ~
- ئۇستام سىلى مۇسۇلمانمۇ ئەمەسمۇ ؟ ئۇ بالا بىلمەيدۇ دەپ بۇنداق قاقتى-سوقتى قىلسىللىرى مۇسۇلماندارچىلىقتا قاملىشامدۇ ؟ بۇ گەپنى ئاڭلغان ئۇستامنىڭ نىرۋىسى ئۆرلەيدۇ . ھەي گۇينىڭ بالىسى ( زۇكۈلاشقۇچىنىڭ بوي-بەستىگە قارايدۇ . بويى بەستلىك كۆرۈنۈپ تۇتۇشۇپ قالسا ئۆزىنىڭ تاياق يىيشىگە كۆزى يەتسە قانداق قىلىمىز ئاكا ياكى ئۇكا بۇ دىگەن ئۆتەڭ ، ھەممە نەرسىنى يىراقتىن تولىمۇ قىممەت ئەكىلىمىز دەيدۇ . بىراق بىر مۇش بىلەن يەرگە چاپلاشقا كۆزى يەتكەن خىرىدار بولسا . ھەي مەن بىي مۇسۇلمان بولماي خارەتچىنىڭ رەندىسما سولامچى گۈي ..ئىغىزىدن ئەڭ دەسلەپتە چىقىدىغان گىپى مۇشۇنداق بولىدۇ . سىز ئامالسىز بولدىلا بەش-كۆزۈمنىڭ سەدىقسى بولۇپ كەتسۇن دەپ ئىچىڭىزدە دىمەي ئاۋازلىق دەپ سىلىپ ماڭدىڭزمۇ بولدى . ھىلىقى پور سىمىز ئۇستامنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋەندەك ئايلىنىپ ئاشىاندىكى ئاشقان-تاشقانلاردىن قوسقىنى بىقىۋاتقان كۆرۈمسىز گۇيلاردىن بىر نەچچسى سىزگە يوپۇشۇپ بىكار ئىشەكنى تاپقاندا داخانچىغا بىرۋالاي دىگەندەك ، تازا ئۇرۇۋالىدۇ ،تىخى بۇ ئازلىق قىلغاندەك ۋە ئاشىخانىدىكى بۇلانغۇچى ‹‹ مىھمانلارغا ›› ئۇنى-بۇنى توشۇۋاتقان ھىلىقى كۆرۈمسىز گۇيلارنىڭ خوتۇنلىرى ھىساپلانغا بىر نەچچە بۇۋى چىراي چوكان خىنىمدىن بىر-نەچچىسى چىقىپ ھۇۆ ھىجىقىز ، 10 كويغا چىدىمىغان ئادەم تاماق يەپ نىمە قىلاتتىڭ ( بۇنداق مۇكەممەل داۋلىنى سىز نەدە كۆرگەن . چىڭخۇدا ئوقۇغان ئادۇكات بولسىمۇ گەپ تىپىپ بىرەلمەيدۇ . بۇ مۇسۇلمان قىياپىتىدىكى سىسىق ئاياللارنىڭ ئىغزى توختىمايدۇ ،ھۇ ....نىڭ ئۈستىدىن دۈم چۈشكەن ھىجىقىز ، ..بەزى گەپلەرنى ئىغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ سىىسق خۇتۇنلار ئۆمۈرىدە ھىجىقىز دىگەننى كۆرۈپمۇ باقمغان ، يولداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە تازلىقى ناچار ، ئىزىلىپ كەتكەن ساپتۇلدەك ئىزلىپ يۈرشىدىن كۆڭلى سۋۇپ كىچىسى كۆرپىسىدە تاشلىنىپ قالسا . سەۋەنلكنى ئۆزىدىن كۆرمەي . يولدىشىنىڭ خاراكتىرىگە قاراپ ھىجىقىز مۇشۇنداق بولدىغان ئوخشايدۇ دىگەن قاراشقا كىلىپ كەشىپ قىلغان ھاقارەتلىك سۆزلەر بولۇشى ئىنىقلا ئىدى . بۇنداق سىسىق ھاقارەتتىن سىز شۈنچىلىك خورلۇق ھىس قىلسىز . بىرەسىنىڭ سىزگە ياردەمدە بولۇشنى ياكى چىرايلىق ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ بۇ جىدەلدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويشىنى تولىمۇ ئۈمۈت قىلسىز . ئاخىردا شوپۇر ئۇستامنىڭ ھەي ئاداشھەي بولدى . سەپەر دىگەندەك مۇشۇنچلىك تاماق تىپىلغانغا خۇش بولماي ھەجەپ بىر دانە 10 كوي پۇل ئۈچۈن ئىتتەك ئۇرۇشىپ كەتتىڭ ! ماڭا بىز ئالدىرايمىز دەپ سىزنى سۆرەشتۈرۈپ كىتىدۇ ( ئەمىليەتتە بۇ شوپۇلار ھىلىقى ئاق پىشماق پورنىڭ ھىممىتىنى تولا كۆرگەن خۇمسىلاردۇر )
...يۇقارقىدەك مەنزىلەرنى بىشىمدىن تالاي ئۆتكۈزۈپ ، تالاي كۆرۈپ كەتكەنمەن . ھەتتا ئۈرۈمچىدە يىڭى كەلگەن مىھمانغا ئوخشاش سېتىلدىغان تاماقنى تەخسە بىشىدا 6~5 يۈۋەن ئۆرە ئالدىغان ئىشنى تولا كۆرگەنمەن .
....نەنمىن ئالدىدا تاۋۇز پىچىۋىتىپەتىكەن ئۇ ۋاقىتلاردە مەن كىچىك 15 لەردە بار ئىدىم . تاۋۇز يەيچۇ دەپ ، ئاكا بىر تىلىمى قانچە دىسەم بىر يۈۋەن دىدى . بىر تىلىم كىسىپ بىرىڭە دەپ ئىككى تىلىم يەپ بەش يۈۋەننى بەرسەم بىر يۈۋەننى ياندۇرۇپ بىرىپ قاراپ تۇردۇ . قالغان ئاشقان ئىككى يۈۋەننى بەرمەمسىز دىسەم. سەن ئىككى تىلىم يىدىڭ دەيدۇ . ھە شۇ ئىككى تىلىم يىدىم نىمە بولدى دىسەم ؟ بىر تىلىم قىلىپ پىچىپ قويسام بىر تلىمى ئۆرە تۇرلماي يولدىن ئۆتكەن ماشىنلارنىڭ شامىلىدا يىقىلىپ كىتىدىكەن . ئېسىمدە يوق ساڭا ئوتتۇردىن ئىككى قىلىپ كىسپ بىىرشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەيدۇ . بىر مۇسۇلماننىڭ بالىسىنىڭ قىلغان ئىشى مۇشۇ ھەي دوسلار . گەپ بىر ئىككى يۈۋەندە ئەمەس ئادەمنىڭ بىر مۇسۇلمان تەرىپىدىن ئەىمەق قىلغىنى ئىغىر كىلىدىكەن .بوش كەلمەي زۇكۇنلاشتىم ، ئاخىردا شاپلاق يىدىمغۇ دەيمەن ، توۋا ئۈرۈمچىلىكنى مەدىنيەتلىك ، ساپالىق دەپ ئاڭلايدىغان . شۇنچە ئادەم توپلاشتى ، كۆردى ، ئاڭلدى . بىرەسى ئوتتۇرغا چۈشۈپ لىللا ئىككى ئىغىز گەپ قىلمدى . ئادالەتنى ، ئەخلاقنى ، زۇلۇمغا ئۇچۇرغۇچىغا ياردەمدە بولۇشنى تەشۋىق قىلدىغان ئىسلام مەكتىپى ، ئىبادەت ئورنى 60~50 مىتىر يىراقلىقتا ئىدى . بۇ خۇددى ساقچىخاننىڭ ئالدىدا بىر بۇلاڭچى بىر كىشىنى بۇلاۋاتسا ، ساقچخانا ئالدا ھاۋا يەپ ئولتۇرغان بىر توپ ساقچىنىڭ بۇ ئىشنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلغىنغا ئوخشاش بىر ئىش ئىدى .
.... ئىشقىلىپ بىزنىڭ تاكسىىچلار ، شاپپاقچىلار مۇسۇلمان تۇرۇپ توڭگۇز قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلاتتى . ھۆكۈمەتكە بەك رەھمەت دەيمەن . ھازىر ئۇ ئاشخانلارنى تۈرتۈپ تۈزلەپ يەرنىڭ يۈزى بىلەن تەڭ قىلىۋەتتى . بەزىدە ئويلاپ قالىمەن . مۇسۇلمان قېرىندىشمىزكەن . بىر يۈۋەن پۇل بولسىمۇ مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يانچۇقىدا قالسۇن دەپ ياخشى كۆڭلىمىز بىلەن تىجارىتىنى قوللاپ تىل-ئاھانەت ئىشتىپ خورلۇق تىپىۋالغۇچە دىنسىز بولسىمۇ شۇ جىبا كۆز ، قىڭغىر كۆز چىرايلارنىڭ ئاشخانىسغا كىرىپ بىسمىللا دەپ يەيچۇ دەپمۇ قالاتتىم .
شۇڭا ھازىرغۇچە مۇشۇ قېرىندىشىم ، ھاجىم ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ....دىگەن گەپنى ئاڭلسىام مۇشۇ ئېسىل مەۋقە ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپ مۇشۇ مەۋقەنى دەپسەندە قىلۋاتقان كىشىلەر ئۇ ياقتا قىلىپ خۇددى ھەممە ئەسكىلىك مۇشۇ چىرايلىق ئەخلاقنى تەرغىپ قىلىدىغان ھاجىم ، قېرىندىشم ....لاردەكلا ھىس قىلىپ قالىمەنكەن . لىكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەستى بولمىسا .
بىر ئىشقا ھەيرانمەن . بۇرۇن ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ شەرتى بار ئىدى ، مىسال قارشى تەرەپنىڭ دادىس ياكى ئاكىسى قاۋۇل ياكى ھوقۇقى چوڭراق بولسا گەرچە خاتالىق شۇلاردا بولسىمۇ چىش يىرىپ بىر نىمە دىيەلمەيدىغان . ئەگەر قاشى تەرەپ يالغۇز ، دادا - ئانسىز ، ئاكا-ئۇكسىز ، يىشى كىچىك بولسا ھەتتا گۇناھ ئۆزىدە بولسىمۇ قارشى تەرەپنى خالىغانچە بوزەك قىلاتتى
مەن دەيمەن ھازىرمۇ بارمىد ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ ۋاستىسىنى كۈچ، ھوقۇق ، ئادەم سانىغا قاراپ ئۆزگەرتدىغان كىىشلەر ؟
ياكى ھازىرقى كىشىلەر ئاللاىن راستىنلام قورقامدىغاندۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-27 02:35 PM