UYGRAF يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 12:34 PM
ھازىرمۇ ئېرىگە خەت يازىدىغان خوتۇن بارمۇ؟
نىمىشقا يوق بولغۇدەك؟ ئىرىگە خەت يازغاننىڭ ھەيران قالغۇدەك نىمىسى بار؟ مەنچە ھەر قانداق بىر ئايال ئۆز ھالال جۈپتىگە بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئېيتىپ تۇرسىمۇ بولىدۇ. شەخسەن مەن شۇنداق قارايمەن، ئاللاس خالىسا مەن تۇرمۇشلۇق بولغاندا ئەنە شۇنداق ئۇسۇللار بىلەن مەيلى قايغۇم ياكى شاتلىقىمنى يولدىشىم بىلەن بىللە بەھىرلىنىمەن ەدپ ئويلايمەن. بۇنىڭغا ھېچ بىر بەدەل كەتمەيدۇ، ئازغىنە ۋاقىت، بىر قەلەم بىر ۋاراق قەغەز ئارقىلىق كۆڭۈلنى كۆڭۈللەرگە يەتكۈزگىلى ، بۇنداق ئاددىي ئۇسۇل بىلەنمۇ تۇرمۇشقا ئۆزگىچە رومانتىكلىك تۇيغۇ بەخىش ئەتكىلى بولىدۇ