بۇنىڭدىن كىيىنكى يۈز يىل ئىچىدە ئۆزىمىزنى-ئۆزىمىز ھالاك قىلمايمىز دەپ پەرەز قىلساق ، بىز ئالدى بىلەن قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانېتلارغا تارقىلىپ كېتىشىمىز ، ئاندىن كىيىن قوشنا تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا بېرىشىمىز مۇمكىن . لېكىن پىلانېتلار ئارا ئۇچۇش تىكىگە ، ياكى بابىلون-5 تىكىگە ئوخشاش ، ھەر بىر تۇرغۇن يۇلتۇز سېستىمىسىدا ئىنسانلارغا يېقىنلىشىدىغان يېڭى ئىرق مەۋجۇت بولمايدۇ . بىزنىڭ ئىرقىمىز ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى شەكلىدە چوڭ پارتىلاشتىن بۇيانقى ۋاقىتنىڭ ئاران ئىككى مىليون يىلدىلا مەۋجۇت بولۇپ كەلدى . دىمەك ، ھاياتلىق باشقا تۇرغۇن يۇلتۇز سېستىمىلىرىدا راۋاجلانغان تەقدىردىمۇ ، تونىۋېلىشقا بولىدىغان ئىنسانلار باسقۇچىدا ئۇلار بىلەن تاسادپىي ئۇچرىشىپ قېلىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ . بىز ئۇچرىتىدىغان باشقا پىلانېتا ئادەملىرى يا تېخىمۇ ئىپتىدايى بولىشى ، ياكى بولمىسا تېخىمۇ ئىلغار بولىشى مۇمكىن . ئەگەر ئۇلار تېخىمۇ ئىلغار بولسا ، نىمە ئۈچۈن پۈتكۈل يۇلتۇزلار سېستىمىسىغا تارقىلىپ كەتمەيدۇ ، ھەمدە يەرشارىغا زىيارەتكە كەلمەيدۇ ؟ ئەگەر باشقا پىلانېتا ئادەملىرى يەرشارىغا كەلگەن بولسا ئۇلارنى كۆرىۋېلىش تەس بولماسلىقى كېرەك ئىدى . شۇڭا ئۇلارنى <باشقا پىلانېتا ئادىمى فلىمىدىكىگە ئوخشايدۇ دىگەندىن كۆرە مۇستەقىللىق كۈنى فىلىمىدىكىگە ئوخشايدۇ ، دىگەن تۈزۈك .
ئۇنداقتا ، يەرشارىنىڭ سىرتىدىن مېھمان كەلمىگەنلىكىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك ؟ ئېھتىمال ئۇ يەرلەردىكى ئىلغار ئىرق مەۋجۇت بولىشى ، ئۇلار بىزنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىمىزنى بىلىشى ، ئەمما بىزنى تۆۋەن سەۋىيىدە ، ئۆزى قىلغاننىڭ ئاقىۋىتىنى ئۆزى تارتسۇن دەۋاتقان بولىشى مۇمكىن . ئەمما ، تۆۋەن دەرىجىلىك ھاياتلىق شەكلىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىش كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ .
ئىلىم-پەننىڭ كەلگۈسى پىلانېتلار ئارائۇچۇشتا تەسۋىرلەنگەنگە ئوخشاش ئۇنچىۋالا كۆڭۈلنى تەسەللىي تاپقۇزىدىغان مەنزىرە ئەمەس ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە نۇرغۇن ئىرقلار بىلەن تولغان ، ئىلغار ، ئەمما ماھىيەت جەھەتتە تىنچ ، پەن-تېخنىكىغا ئىگە ئالەم بولمايدۇ . ئەكسىچە ، بىز ئۆز ئالدىمىزغا جانلىقلار سېستىمىسى ۋە ئېلىكتىرونلۇق سېستىمىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تېز سۈر ئەتتە راۋاجلاندۇرىمىز دەپ قارايمىز . بۇنىڭدىن كىيىنكى يۈز يىل ئىچىدە بۇ جەھەتتىكى تەرەققىيات ئانچە كۆپ بولمايدۇ . مانا بۇلار بىزنىڭ ئىشەنچىلىك ھالدا ئالدىن ھۆكۈم قىلالايدىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدۇر . ئەگەر بىز كىيىنكى مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ھايات ياشىيالىساق ، ئۇ چاغدا بىزنىڭ <پىلانېتلار ئارا ئۇچۇش بىلەن بولغان پەرقىمىز نېگىزلىك بولىشى مۇمكىن ،،،،،،