yasenm يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 01:38 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مەن بۇ ھەقتە ئۆزەمنىڭ پىكىرنى ئو ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام :
ئەگەر مىنى پەتىۋاچى قالپاقچى دەپ چاپان كەيدۇرمىسىڭىز سىزگە شۇنداق دىگۇم كىلىۋاتىدۇ ،ئىسلام توغرىسىدا ھەرقانداق بىر ئىش «مىنىڭچە ،ياكى سىنىڭچە»دىگەندەك شەخىسنىڭ پىكىر خائىشى بويىچە بولمايدۇ .سىز ھەدىسقۇددۇسنى چۇشەنمىسىڭىز كىرەك .بەلكىم بۇمۇ ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلارغا تەلىم بەرمىگەنلىكىدىن بولغان بولىشى مۇمكىن .ئاللاھنىڭ سۆزى يالغۇز قۇرئانى كەرىم بولماستىن ،ھەدىسقۇددۇسمۇ بار .يەنى ئاللاھ جىبرىئىل ئەلەيھىسالام ئارقىلىق بەزى مۇبارەك كەلىمىلەرنى ئىيتقان .مانا بۇ ھەدىسقۇددۇس .بىراق ھەدسقۇددۇسنى رىۋايەت قىلغۇچىلار مەشھۇر ساھابىلەر ياكى ساھابىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى تابىئىنلاردۇر .ھەم بۇلارنى مەشھۇر ھەدىسشۇناسلار تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىپ بەزى ساختا ئويدۇرما ھەدىس بايانلارنى شاللاپ ھەقىقى ساپلىرىنى بىزلەرگە يەتكۇزگەن .
سىزنىڭ مەقسەت مۇددىئايىڭىزنى چۇشىنىپ تۇرۇپتىمەن .سىزنىڭ نىيىتىڭىز توغرا .ئەمما بۇنى ئاللاھنىڭ نامىدىن باشقا ئۇسۇل بىلەن ئىيتساقمۇ ھەم بولىدۇ .بۇنى ئاللاھنىڭ سۆزى دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرسىڭىز ،ئاللاھ دىمگەن سۆز بولسا سىز ئاللاھ نامىدا يالغاننى ئىيتقان بولىسىز ،گەپ ئۇنىڭ توغرا خاتالىقىدا ئەمەس ،راست ئاللاھنىڭ سۆزىمۇ ئەمەسمۇ دىگەندە .شۇنى ئسىڭىزدە تۇتۇڭكى ،ئاللاھ ئىنتايىن كاتتا بىر زات .سىز ۋە بىزنىڭ ئەقلىمىز يەتمەيدىغان دەرىجىدىكى قۇدرىتى چەكسىز زات .سىز ۋە بىزنىڭ ئاددىغىنە ئىيتقان بىر سۆزىمىزنى «ئاللاھ دىگەن » دىسەك ،بۇ ئاللاھنىڭ شەنىگە داغ تەككۇزگەن بولىمىز .ناۋادا قۇرئانى كەرىمدە ۋە ياكى ھەدىس قۇددۇستا شۇنداق دىيىلگەن بولسا ئۇ باشقا .