izdan@ يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 08:23 PM
مۇز چېلىكتە سۇ قۇيمايمۇ ساخاۋەت قىلغىلى بولىدۇ .لېكىن ...
بۇ قاراشلىرىڭىزنىڭمۇ ئاساسى بار لېكىن خەير ساخاۋەت دېگەن چىن كۆڭۈلدىن چىقىرىپ تۇرۇپ سېخىيلىك مەرت مەردانىلىق بىلەن قىلىنىدىغان ئىنسانى ياردەم.ياردەم قىلغۇسى يوق كىشىلەرنى رىقابەت بىلەن پۇل ياردەم قىلىشقا مەجبۇرلىغانغا قارىغاندا ئۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ۋە ئادىمىيلىك،رەھىمدىللىك،چىن ئىنسانى ھىسداشلىق جەھەتتىكى قىممىتى يۈز ھەسسە ياخشى.بۇ مۇز چېلەك ئويۇنى ئىجادبولمىغاندىمۇ بىزنىڭ ساخاۋەتچى ئانىلىرىمىز،ساخاۋەتچى ئاتىلىرىمىز، نۇرتاي ھاجىمدەك بايلىرىمىز ھىچكىمگە مىننەت قىلماي،داۋراڭمۇ سالماي ياردىمىنى يىتىم يېسىرلار، ئېغىر كېسەللەر ۋە نامراتلاردىن ئايىماي كەلگەن.پەيغەمبىرىمىز ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى سول قولۇڭ ئۇقمىسۇن دېگەن.بۇنىڭ مەنىسى داۋراڭ قىلماي،ھېچكىشىمگە ئۇقتۇرماي يوشۇرۇن قىلىنغان ياردەمنىڭ ساۋابى يۈز ھەسسە ئارتۇقتۇر.مەكتەپلەردىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا يىلمۇ يىل ياردەم قىلىۋاتقان مىڭلاپ ساخاۋەتچىلەر بار.ئۇلار ھەتتا كىملىكى نەلىكنىكىنىمۇ ئۇقتۇرمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-31 09:52 AM