ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 04:31 PM
تەتقىقاتچىلار مەزكۇر تاشقىي يۇلتۇزنى 2012-يىلى 5-ئايدىن 2 ...
بىز يەر شارىدىن 1140 نۇر يىلى يىراقلىتىكى بىر يۇلتۇزنى تېلېسكوپ بىلەن كۆرگەندە، بىز ئۇ يۇلتۇزنىڭ بۇنىڭدىن 1140 يىل بۇرۇنقى ھالىتىنى كۆرىمىز. يەنى ئۇ يۇلتۇزنىڭ 874-يىلىدىكى ھالىتىنى كۆرىمىز. شۇڭلاشقا، ناسا ئۇ يۇلتۇزنى 2012-يىلى تېلېسكوپ بىلەن رەسىمگە ئالغاندا، رەسىمگە چۈشكىنى ئۇ يۇلتۇزنىڭ 872-يىلىدىكى ئەھۋالى بولىدۇ.
مەن بۇ مەزمۇنلارنى ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە ماقالىدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش ئالىمەن، دەپ، سەل چۈشىنىكسىز قىلىپ قويغان ئوخشايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەردىن ئەپۇ سورايمەن.
ئاسترونومىيە ساھەسىدە ئىشلەيدىغانلار بۇ ئىشلارنى يۇقىرىقىدەك ئەسكەرتىپ يۈرمەيدۇ. مەسىلەن، مەن بۇ قېتىم پايدىلانغان ئىنگلىزچە ماقالىدا ھەقىقەتەنمۇ «بۇ قېتىمقى ۋەقە تەخمىنەن 2 يىلنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن» دېگەنگە ئوخشاش گەپ بار. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ قېتىمقى ئىككى جىسىمنىڭ سوقۇشىشى بۇنىڭدىن 1142 يىل بۇرۇن، يەنى 872-يىلى يۈز بەرگەن.