ئارمان ئىزدەپ
م.ئې.ئەسرارى
بىلمىدىم زادىلا ئارمانىم نەدە ،
يەتمىدىم ھېچبىر ئارزۇ تىلەككە.
تەمەچتەك دەپسەندە بۇلۇپ ئۇ يەردە،
ئوخشاپلا قالدىمۇ قۇرۇق پىلەككە.
سوردىم بىرسىدىن تەلمۈرۈپ تۇرۇپ:
; جاۋاپ بەر ئارمان زادى نىمە ئۇ؟!
دېدى ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
; بىلسىڭىز ئارمان ئاققان كىمە ئۇ
ئارمان دەپ قوزغالدىم تىرىشىپ باقتىم،
ئىزدەندىم غەۋۋاستەك چۆكۈپ تىگىگە.
تەقدىرنىڭ ئىشىكىدە ساقلىدىم ياتتىم،
خۇدايىم بىرىدۇ چۇقۇم بەندىگە.
بۇلبۇللار سايرىغان كۈنلەرنىڭ بىرى،
گىياھتەك ئېچىلدى ئارماننىڭ سىرى.
; ئويغانغىن ئۆمرۈڭدە قالسۇن گۈل ئىزى،
ھاياتىڭ قېرىيدۇ بار ئۇنىڭ چېكى.
روھىڭنى پاكلىۋال بۇدۇنيا گۈزەل،
شەيتانلىق ۋەسۋەسەڭ سۈرمىسۇن خىيال.
ئۈمىدلىك يۇلۇڭدا ماڭساڭ بىر مەھەل،
تېپىلىپ قالغۇسى ساڭا بىر ئامال .
ئاخىرى ئەقلىمنى ھۇشۇمنى تاپتىم،
يۇلۇمدىن ئىزدىدىم خۇشپۇراق گۈللەر.
گۈللەرنى پۇرىدىم، لېۋىمگە ياقتىم،
ئاھ، ھايات نىمانچە شىرىن بۇ كۈنلەر.
پۇلاتتەك ئورناشتى ئارمان قەلبىمگە،
ھاياتتىن شىرىنلىك سەزگەن دەقىقە،
يىتىمەن مەن چۇقۇم ئۇزاق مەنبزىلگە،
ئوكياندەك كەڭلىكتە ئۈزىدۇ كىمە.
مەن كىتىپ بارىمەن شۇنداق كىمىدە،
ئالەمدەك ئاجايىپ خيالغا چۆكۈپ.
ئامانىم -ئارزۇيۇم شېئىر نەزمىدە،
ھاياتنى سىزىمەن چىنلىقنى پۈكۈپ.
مەنبەسى: ئىجادىيەت.