.tuz. يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 01:20 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
باشقۇرغۇچىلار ئالدىراشچىلىقتىن ...
ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام .
ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .
ئەمما مېنىڭ تېمام تەستىقتىن ئۆتمەي ئۈچۈرۈلگەندە ( بىر نەسىر ئېدى ، سەھىپىسىنىمۇ شۇ سەھىپىگە توغرىلاپ ئەۋەتكەن ) ھېچقانداق ئۇچۇر تاپشۇرۋالمىدىم . بەلكىم مەلۇم سەۋەبى باردۇ دەپلا ئويلىدۇم .
سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك ، باشقۇرغۇچىلارنى ھاقارەتلەيدىغان ئەزالارغا ئەپسۇسلىنىمەن . چىرايلىقچە ئۆچۈرلۈش سەۋەبىنى ئەسكەرتكەندە ، بۇنى توغرا چۈشەنمەي باشقىلارنى ھاقارەت قىلىش ، شۇ كىشىنىڭ ئەخلاق ھەم ساپاسىغا بېرىپ تاقىلىدۇ . بۇنداق كىشىلەر مۇنبەرلەردە يوق ئەمەس بار . ئەمما تەكلىۋىم بۇنىلا كۆزگە تۇتىۋېلىپ ، تېمىنىڭ تەستىقلانماسلىق سەۋەبىنى ئەسكەرتمەسلىك توغرا ئەمەس . چۈنكى ھەممە ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ . ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇليىتىمزىنى قىلىپ باقايلى ، بۇنىڭغا قايىل بولماي جېدەل تېرىغانلارغا تېگىشلىك ‹جاۋاپ› قايتۇرساق بۇلىدۇ دەپ قارايمەن .
باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ جاپالىق خىزمەتلىرىنى چۈشىنىشكە بۇلىدۇ . خىزمەت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ، بۇ يەردە خىزمەت قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس . شۇڭا باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ خىزمىتىنى بىز ئەزالار قوللىشىمىز كېرەك .