altaxna1 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 11:07 PM
بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىسە بىكار ھەم قانۇنسىزلى ...
ئادەمنى قورقۇتماڭلار ھەي ئاداش تىنىم شۈركىنىپ كىتىۋاتىدۇ . .....ناۋادا قانۇنسىز مەبلەغ يىغىپسىز دەپ مسرانىم ئەپەندىمنى سۆرەپ ئەكىرىپ كەتسە . سىلى بىزلەر قايسى مۇنبەردە كۆرۈشىمىز . ھەممىدن ئويلىشىدىغان مەسىلە ماۋۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە مىسرانىم ئەپەندىم بويتاق تۇرسا جانىمتى ، يۈرەك پارەمتى ، باغرىمتى .....دەپ يولىنى ماڭىدىغان ئايالى بولمىسا ...........ئۇ ئاداش سىرىتتىن بىخەۋەر مىسرانىمنى مۇنبىرىنى باشقا مۇنبەرلەردىن كۈنلەپ ھەسىرەتتىن تولغىنىپ گۇندىخانىدا موما يەپ ياتسا سەن-بىز چىداپ تۇرالمايمىزدە .
ھىچ بولمىسا گۈرۈچنىڭ دانىسچىلىك بولسىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن بولسىمۇ ئاز-تولا ئاق كۆڭۈللۈك بار دەپ سەن-بىزدە .
.... پۈتۈن ئىنكاسلارنى كۆرسم ساپلا قورقۇنۇشلۇق گەپلەر .
بولدى-بولدى بۇ ئىشمۇ ئوخشاپ بوپتۇ قارىسام . بىر يۈۋەنلىك ئىئانە ئۈچۈن بۇ يەردە قالماقتەك ۋىچىرلىشىپ يۈرۈپ شۇنداق يەتتە-سەككىز مىڭ يۈۋەن توپلىدىقمۇ . قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان قانۇنسىز ئىئانە بەرگەن دەپ ھەممىمىزنى تازلىقىچى ئەخلەت سۈپۈرگەندەك سۈپۈرۇپلا يامۇلغا تۆكۈپلاۋاتسا ئالە شەرىڭنى ....... ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرغۇ ئۆتەپ كىتەرسىلە ، لىكىن مىنىڭ موما بىلەن خۇشامنىڭ شۇنداق بىر يوقلىغى .
.... يەيمەندە ئۇ ۋاقىتتا تۆت-بەش كۈنلۈك بولۇپ قالغان كۆكۈرۇپ قىتىپ قالغان مومىنى سۇغا چىلاپ يۇمۇشتۇپ سۇدا يۇمشىمىغان پوستىنى ئامالسىز پىچاق بىلەن ( ھەر راسىت گۇندىخانىدا پىچاق ، تاپانچا ئىشلەتكىلى قويمايدۇ ،ماۋۇ گەپ بار ماۋەدە ) ياق گۇندىخاننىڭ تىمغىا سۈرۈپ قاتتىق پوستىنى ئاقلىۋىتىپ .
قالغىنى مەن سىللەرگە قاراشلىق بالىلار . سىلەر ئوتقا كىرسەڭلەر سۇغا ، سۇغا كىرسەڭ سۇغا كىرگۈچىلىكم بار .
ئاللاھ ساقلىسۇن ئەمدى ناۋادا تەقدىر قىسمەت شۇنداق بولۇپ قالسا ، جىلۋە يۇمۇر ئوقۇيدۇ ، نازىلە ناخشا ئوقۇيدۇ . ئىپار چۈش ئۆرەيدۇ ، ئەزىزان ساما چۆرىيدۇ ، شاتۇتى سەي قورىيدۇ مىسرانىم ياخشى چىققان-چىقمىغاننى تەستىقلايدۇ ....دىگەندەك گۇندىخاندە مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ ئۆتۈپ كىتىمىز .نۆۋىتمىىز كەلگەننى ئىلىپ چىقىپ ئاتقاچ تۇردۇ . ئانىسىدىن دۇئا ئالغانلار نۆۋىتى كەلگۈچە شۈكۈر قىلىپ ياتقاچ تۇردۇ ، گۇندىخانىغا كىرىشكە سالايىتى يوق ئاققۇنلار ئىتىلغانلارنىڭ ئىڭەكلىرنى نەچچە قات تىڭىپ . نامىزنى چۈشۈرۈپ كۆمگەچ كىيىنكى چىقىدىغان مىيىتكە تەييارلىق قىلغاچ تۇردۇ ، ناۋادا باي خىنىمنىڭ بىزلەرگە ئىچى ئاغىرىپ كۆڭلىگە ئىنساپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ كىرىپ قالسا پۇلى كۆپ بولغاندىن كىيىن گۇندىخاندىن كىپىللكە چىقرىش ئۈچۈن پۇل چىقىردۇ ..............نىمىلەرگە كۆنمىگەن بىر خەق .
مەقسەت .
ناۋادا ئىش ئوخشاپ خەيرى-ساخاۋەت باشلانسا تارتىنىپ تۇرماي يۈزۈڭلارنى پولۇ قىلىپ قىسقا ئۇچۇردا ماڭا مۇنداقراق ئىش بار ئىدى دەپ بىر شەپە بىرۋىتىڭلار . ئاتغىمىنى تاشلاي . بولمىسا قىنى كىم مۈز چىلەك ئىئانىسى چىقىشتىن بۇرۇن خەيرى-ئىھسان قىلىپ بىقىپتىكەن دىگەن ئاتاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ دوزاقتىن يىراق بىدئەتكە يىقىن ، ساقالدىن يىراق ئاللاھغا يىقىن دىگەندەك ئەل-جامائەتلەرنىڭ قاتتىق لەنىتىگە قالمايلى ئەمدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-3 03:29 PM