[Android] مىكرو تەرجىمان
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، دوستلار.
بۈگۈن سىلەرگە ئۆزى كىچىك، ئەمما ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى زىيادە يۇقىرى بولغان ئەپلىك بىر دېتالنى ئەپ كەلدىم. ئۇيغۇرچە ئىسمى «مىكرو تەرجىمان»، ئىنگلىزچە ئىسمى بولسا «Mini Translator».
ئەپ چوڭلۇقى ئاران 42KB بولۇپ، ئۆزى شۇنچە كىچىك بولغىنىغا قارىماي، دۇنياغا مەشھۇر، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دۆلىتىمىزدە نورمال ئىشلىمەيۋاتقان «گۇگېل تەرجىمانى» («Google Translator») بىلەن قېلىشمىغۇدەك رولنى ئوينىيالايدىكەن. ھازىرچە ئىنگلىزچە، خەنزۇچە (ئاددىي)، خەنزۇچە (ئەنئەنىۋىي)، ياپونچە، ئەرەبچە، ئېستونچە، بۇلغارچە، پولەكچە، چوسونچە (چاۋشيەنچە)، دانىشچە، نېمىسچە، رۇسچە، فرانسۇزچە، فىنچە، كرېئولچە، گوللاندچە، چېخچە، لاتۋىيانچە، لىتۋاچە، رۇمىنچە، نورۋېگىيانچە، پورتۇگالچە، شۋېدچە، سلوۋاكچە، سلوۋېنچە، تايچە، تۈركچە، ئىسپانچە، ئىبرانىچە، گرېكچە، ۋېنگرچە، ئىتاليانچىدىن ئىبارەت 32 تىل ئارىسىدا ئۆزئارا سۆز ياكى جۈملە تەرجىمىلىرىنى ئېلىپ بارالايدۇ.
ئېھتىياجى بارلارنىڭ چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇچۇر:
نامى (ئۇيغۇرچە): مىكرو تەرجىمان
نامى (ئىنگلىزچە): Mini Translator
چوڭلۇقى: 42.89KB
مۇھىتى: Android
تەمىنلىگۈچى: مىكروسوفت شىركىتى (مىكروسوفت تەرجىمانى)
http://Pan.BaiDu.com/share/link? ... 22&uk=151361428
دوسلارغا پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قۇتيار تورىدىن يۆتكەپ ئەكەلدىم