ilimkuq يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 12:53 PM
پارىسلار ناچار باشقىلار ياخشى دەيدىغان قائىدە يوق. ھەم ...
بۈگۈنكى خەلقىئارادا شىئە پىتنىسىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىۋاتقانلار دەل مۇشۇ ھازىرقى پارسلار !ئەسلى شىئە ،سۈننىي مەزھەبلىرىگە تەۋە مۇسۇلمانلار ئاساسىي تۇرمۇش شەكلى ئوخشاش ،ئىبادەتلىرىمۇ كۆپ پەرق قىلمايتتى،پەقەت چوڭ مەسىلىلەر ۋە سۇبىكتىپ مەسىلىلەردە ئىختىلاپ قىلىشىسىمۇ ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قىلىپ ئۆز ئارا ئاغدۇرمىچىلىق قىلمايتتى،ھۇمەينى (روھانى ئەمەس)يىتەكچىلىك قىلغان ئىنقىلاپ غەلىبە قىلغاندىن كىيىن ،دۆلەت ئىسلام دۆلىتى دەپ جاكارلانسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئەشەددىي پارس مىللەتچىلىكى،تىشى پال پال ئىچى سىسىغان ئاينىغان شىئە ھۈمەينىزىم پۈتۈن ئىراننى قاپلىدى ،چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۇشكۇرتۈشى بىلەن ئىراق بىلەن ئىران سەككىز يىل ئۇرۇش قىلدى ،بۇ ئۇرۇش نۇرغۇن تالاپەت ئىىلىپ كەلگەچكە ،ھەم زىياننى تولۇقلاشقا شارائىت كەمچىل بولغاچقا ،رادىكال ھۇمەينىزىم قاتتىق تەرەققىي قىلدى،ئىراقنىڭ كەربالا ،نەجەف شەھەرلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ جايلىرى دىيىلىپ ،مەككە ،مەدىنىىنىڭ ئورنىغا قويۇلدى،كىيىن سوۋىت بۆلۈنۈپ ئىراننىڭ چوڭ بوۋىسى پاچاقلاندى،ئىراننىڭ 30%نى ئىگىلەيدىغان ئازەر تۈركلىرى قاتتىق باستۇرۇلدى،ھازىرقى قولىنى ئارىدەك قىلىۋالىدىغان ئىران ئاياتۇللاسى ھامانەيى مۇ ئازەر تۈركى،
كىيىنكى شىئەلەرنىڭ ئاجايىپ ئاينىشلىرى،ھۈمەينىزىمنىڭ بىسىمى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا چوڭ پىتنە ئىىلىپ كەلدى،پەقەت دىن بارىسىدا خاتالىق بولۇنسا قارشى تۇردىغان،ئەمما باشقا ئادەملەر بىلەن كارى يوق سەئۇدى جەمەتى بىلىپ بىلمەي بارا بارا ئىران بىلەن دۈشمەن ھالىتىگە كىلىپ قالدى،ئاندىن ئىراننى چەكلىيەلەيدىغان ئامرىكا،ياۋروپا بىلەن دوس تارتىشتى،
ھازىرقى ئىراننىڭ ئىقتىسادىي خىلى كۈچلۈك،ئىغىر سانائەتلىرىمۇ خىلى تەرەققىي قىلغان،ئىراننىڭ ماشىنلىرى جوڭگونىڭ قىزىل بايراق ماشىنلىرىدىن نەچچىنى سوقۇپ ماكچايتىۋىتەلەيدۇ،
ئىراندىكى مەسىلە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا قەستەن پىتنە ئىغۋا تېرىشتا!بۇ ھىچقاندا ئىقتىسادىي ،ياكى سىياسىي مەنپەئەت ئۈچۈن بولماستىن پەقەت ئدولەگىيە ئاغدۇرمىچىلىقى قىلىشتۇر،
ئاخىرىدا ،مىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇشلۇق كۆك تەخىيىم بەك ئەقىللىق ھە!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئوقۇغىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-3 05:01 PM