dilbar يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 08:26 PM
قىزىڭىزنى ئەقىللىق، بىلىملىك، ئەدەپ-قائىدىلىك قىلىپ چ ...
شۇنى دەيمەن. قايسى كۈنى نەۋرە ئاكامنىڭ قىزىنىڭ تويىغا بىرىپ كەلدۇق. بۇ قىزنى كىچىك چېغىدا بىر ئىككى قېتىم كۆرگەنتىم.خەنزۇچە دەمدۇ قوش تىل دەمدۇ كىچىكىدىن تىرىشىپ ئوقۇپ ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرىغا كېتىپتىكەن. ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ ئوقۇپ ئالى مەكتەپتە ئۆتۈپتۇ. ئالى مەكتەپنىمۇ ئەلا پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى بىربانكىغا خىزمەتكە چۈشۈپتۇ. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا نەۋرە ئاكامنى ئۇچتىرىپ قالغاندا « ئەر ئايال ئىككىمىز خەنزۇچە ئەييانى بىلمىگەچكە ئوقۇشىغا ياردەم قىلىمىز دەپمۇ ياردەم قىلالمايمىز. ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشقاندىمۇ 10تىيىن خەجلىمىدۇق. »دەپ بەرگەنتى.
مانا توي كۈنىمۇ ئوغۇل تەرەپ مالنى شۇنداق ياخشى ئەكەپتۇ. 25مىڭ كويلۇق نوركا چاپان، 50گىرام ئالتۇن جابدۇق.... ۋۇججۇن ھويلىنىڭ ئىچى توشۇپ كەتتى. يەنە ئوغۇل تەرەپنىڭ ۋەكىلى قىزنىڭ ياخشىلىقىدا قانچىلىق قىلساق ئەرزىيدۇ دەپ كەتتى.
بۇ قىز ئۆزىنىڭ بەختىنى ئۆزى تاپتى دىسەكمۇ بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagdowlat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-3 08:35 PM