مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ayqiqak2

تىلەمچىنىڭ ئوغلى( 2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110088
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2014-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 11:48:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،داۋامىغا تەشنا بىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 12:14:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   دىۋانە بىلەن شاھزادە

                                                               مەخەت ئابدۇرېھىم
     
          ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئەنگىلىيەنىڭ شاھزادىسى ھويلىسىدىكى تەنتەربىيە سارىيدا چېنىقىۋاتقاندا ئىككى ساۋاقدېشى كىلىپ،دەريا ساھېلىغا بىللە بېرىپ،چېنىققاچ ساياھەت قىلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىپتۇ. شاھزادە ساۋاقداشلىرىنىڭ تەكلىۋىگە قوشۇلۇپتۇ.بىردەم مېڭىپ بىردەم يۈگرەپ دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ ساياھەتنى باشلاپتۇ. ئۇلار  ئەتتىگەندىكى ساياھىتىنىڭ كۆڭۈللىك بولىۋاتقانلىغىدىن ھاياجىنىنى بېسىۋالالماي، دېڭىز ساھىلىدىن ھالقىپ تاغ باغرىدىكى ئىگىزلىكلەرگە چىقىپ كىتىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت ھاۋا گۈلدۈرلەپ-چاقماق چېقىپ يامغۇر يېغىپ كىتىپتۇ. ئۇلار ئەتتىگەنلىك ساياھىتىنى توختۇتۇپ، قايتىپ كىتىش ئۈچۈن دەريا بويىغا كەگەندە، دەرياغا كەلكۈن كىلىپ كۆۋرۈكنى بۇزىۋەتكەچكە دەريادىن ئۆتەلمەپتۇ. چۈشكىچە تۇرۇپتۇ كەلكۈن توختىماپتۇ،ئۇلار قانداق قىلىش كىرەكلىكى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ؛
        بىرەيلەن خادىك ھارۋا بىلەن تۇلپارغا قاراپ تۇرىدىغان، بىرەيلەن دەريادىن ئۆتۈشكە چارە ئىزدەيدىغان، شاھزادە قوساققا نان ئىزدەيدىغانغا مەسئۇل بولۇپتۇ.
         شاھزادە نان ئىزدەپ تاغ باغرىدىكى ئائىلىلىكلەر رايۇنىغا كىتىۋاتقاندا، تۆت يول دوقمۇشىدا نان تىلەپ ئولتۇرغان بىر دىۋانىغا ئۇچراپتۇ، شاھزادە دىۋانىغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ،  نان سورىغان ئىكەن،دىۋانە شاھزادىگە مۇنداق دەپتۇ،
       -ھۆرمەتلىك شاھزادە ئەپەندىم، سىزنىڭ بېشىڭىزغا كۈن چۈشۈپتۇ،ناننى مەن بېرىشىم كېرەك، ئەمما سىز قانداق ئۇسۇلدا ئالىسىز؟
        -مەسىلەن، سىز دىگەن ئۇسۇل قانداق ئۇسۇل؟-دەپتۇ شاھزادە.
        -مانا، سىز كۆرۈپ تۇرۇوپسىز، بۇ ناننى مانا مۇشۇنداق ئەجىر سىڭدۈرۈپ تاپقان نان.سىز بۇ مىنىڭ نېنىمنى يا سېتىۋىلىڭ، يا قەرز ئېلىڭ، يا بولمىسا مەندەك ئۇسۇلدا تىلەڭ.
       شاھزادە،  دىۋانىنىڭ كۆرسەتمىسىگە دەسلەپتە بەك ئاچچىقلانغان بولسىمۇ، ھازىرقى ئەمىلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ قانداق قىلىشنى ئويلۇنۇپتۇ.
        -سېتىۋالاي دىسەم يېنىمدا پۇلۇم يوق، چۈنكى مەن ئەتتىگەن چېنىقىۋاتقان يەردىنلا كەلگەن،قەرز ئالسام ياكى تىلىسەم بولمايدۇ، چۈنكى مەن شاھزادە.
        -راس، سىز شاھزادە،ئۇ  نامىڭىز مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ،ئەمما ھازىر مەندىنمۇ نامرات دىۋانە،مۇشۇ نانغا ئېرىشمىسىڭىز كۈنىڭىز ئۆتمەدۇ.-دەپتۇ دىۋانە.
         شاھزادە كۆپ ئويلۇنۇپ ئاخىرى دىۋانىدىن قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپتۇ،دىۋانە مۇنداق دەپتۇ.
         -مىنىڭ نېنىمنى سېتىۋالاي دىسڭىز  پۇلىڭىز  يوق، قەرز ئالاي دېسىڭىز ، بۇ قەرزنى ماڭا قايتۇرمىسىڭىز  قىيامەتكە قەرز بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ماڭا ئوخشاش تىلىسىڭىز ،ماڭا بىرەلمىسىڭىزمۇ  باشقا دىۋانىلەرگە بىرىۋەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ . قېنى مىنىڭ مەسلىھەتىمگە قوشۇلامسىز؟- دىگىنىچە خۇرجۇنلىرنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىپتۇ. شاھزادە قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ تۇرۇپ قاپتۇ.
     يولداشلار! دىۋانىنىڭ شاھزادىگە كۆرسەتكەن كۆرسەتمىسى نېمىنى مەخسەت قىلىدىغاندۇ ؟
شاھزادىنىڭ تەمتىرەپ تۇرۇپ قېلىشى نىمىنى ئويلىنىپ قالغىنىدۇ؟

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103791
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 349
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 01:18:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزراق يۇللاڭچۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش