bagdowlat يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 03:26 PM
ئەمىلىيەتتە سىزدە نە كۆڭۈل نە قەلبنىڭ ئىزناسى يوق ئىك ...
ھە بوپتۇ،ئەگەر بىرى سىز بىلەن پەقەت ۋە پەقەت پۇلنى دەپلا توي قىلسا ۋە پۇلىڭىز تۈگىگەن ھامان سىزنى تاشلىسا،سىز ئۇنىڭغا قەلبىڭىزدىن يۈكسەك ئورۇن بېرىپ پەپىلەپ بېقىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىنى ئاتامسىز؟؟ قېنى ئالىيجاناب بولۇپ نەگە بارىدىكەنسىز،كۆرەرمەن. پۇلدىن باشقىنى كۆزلىمەيدىغان ئادەمنىڭ ھايۋاندىن نېمە پەرقى؟؟ كەچۈرىسىز،گېپىم قاملاشماپتۇ. مەن باشقىلارنى خارلاشنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن. چۈنكى خارلىقنى ئۆزۈم راۋا كۆرمەيمەن.ئۆزۈم نېمىنى يامان كۆرسەم باشقىلارغا ئۇنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن. ھەم نېمىدىن يىرگەنگەن بولسام ئاشۇ يىرگەنگەن نەرسىنى ئاۋۋال ئۆزۈمدىن يوقىتىپ ئاندىن باشقىلارغا ئاشۇ تەلەپنى قويىمەن.ئۆزۈم قىلالمايۈ تۇرۇپ باشقىلارغا قويمايمەن.