uzum-tal يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:59 PM
كىيىم تەقۋادارلىقنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى بولۇپ قالدى ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇدۇم،ياخشى ئىنكاس قالدۇرۇپسىز لىكىن مەنمۇ قىسقا قىلىپ ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي،مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇرۇنقى جەمىيتىمىزدىن تارتىپ مۇشۇنداق ئورنۇپ يۈرگەنلەر بىزلەرگە بىر خىل تەقۋالىق تۇيغۇسىنى بېرەتتى،بىز تەقۋا دەپ جەزۈملەشتۈرەلمىسەكمۇ تۇنقى بېرىلگەن تەسىر تەقۋا.(ئەمدى بىز بۇنداق ئاياللارنى جۈملىدىن ئەرلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىقمىغانلىقىمىز ھەم چىقالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن مۇشۇ ئويدا باشقا گۇمانىمىزنى باشقا ياققا قايرىپ قويىمىز ئەلۋەتتە ) بۇ تېمىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى ئورنىۋالغان كىشىنىڭ ھەممىسى تەقۋا ئەمەس،مېنىڭ چۈشەنچىمچە ئورنىۋىلىش پەقەت تەقۋالىقنىڭ سىرتقى كۆرنىشىدىكى ئىپادىلىنىشى خالاس،ئاساسلىق تەقۋالىق ئادەمنىڭ كاللىسىدا.
ئەمدى بۇ تېمىنى خاتا تەشۋىقات دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۋەتسەكمۇ بولماي،مەن بۇ ئەسەرنى ھازىرقى جەمىئىيتىمىزگە باغلاپ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش پىسخىكىسىدا بولماسلىقىمىزنى ،ئۆزىمىزنى چىڭ تۇتۇپ باشقىلارنى ئوغرى تۇتماسلىقىىزنى،مەيلى قانداق ئىش بولسۇن ئۆزىمىزنىڭ ھۇششارلىقىمىزنى ئۆستۈرشىمىزنىڭ لازىملىقىنى بىلدىم.بەلكىم ئاشۇ زەرگەرنىڭ ئالدىغا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەقىقىي تەقۋا ئايال بېرىپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشىنى ئوتتۇرغا قويۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى كىچىك ئەمەس،دېمەك بۇ خىل ئەھۋالنى شۇ ئالتۇن سودىگىرى جۈملىدىن بىزلەر تۇرمۇشىمىزدىن ساقىت قىلىۋەتسەكمۇ بولمايدۇ. يەنە نۇرغان گەپلىرىم بارتى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئازغىنە سۆزلەپ تۇراي،ئىجابىي تەپەككۈرۈڭىز بىلەن ئويلۇنۇپ ئوتتۇرىمىزدا كىچىك زىدىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغايسىز.