مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qahqak

قىيامەت چۈشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101912
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 07:57:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھەللە   كومتىتى.  چۈنكى   بۇ  ۋەقە  مېنىڭ  يۇرتۇمدا، يەنى  جەنۇپتىكى  مەلۇم  بىر  ناھىيە  بازىرىدا  يۈز  بەرگەن  ئەمىلىي  تۇرمۇشتىن  ئېلىنغان.   ياقتۇرۇپ  ئوقۇغان  دوستلارغا  رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1392
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 11:29:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىككەن

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105039
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 537
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 423 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 01:05:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھېكايىكەن . خۇددى يېرىم سائەتلىك ياخشى بىر تەربىيىۋى فىلىم كۆرگەندەك ھېسياتقا كەلدىم .

« ئەسسالامۇئەلەيكۇم » مانابۇ ، مەن ئەڭ ياختۇرىدىغان سۆز .

ئۈزۈڭنى قەدىرلە ،ئۆزگىنىمۇ ھەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74275
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4451
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 12:07:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز .ھارمىغايسىز... تىرىشىڭ ......

قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 05:09:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بەك ياخشى چىقىپتۇ،  بەك ياختۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 05:10:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بەك ياخشى چىقىپتۇ،  بەك ياختۇردۇم

ئاستا ماڭساڭمۇ،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8146
يازما سانى: 1373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59260
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 05:20:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە ئويلىنىپ قالمەن  بىردادا ،ئانا  . 10 بالىنى باقالايدىيۇ 10بالا،ئاتا ئانىسىنى ‹باقالمايدۇ›.

   

ئاستا ماڭساڭمۇ،ئالدىڭغا قاراپ ماڭ!
‹‹ئەرلىرى يىغلاۋاتىدۇ، نامازلاردا،
  ئاياللىرى ئەيىش ئىشرەتتە،قاۋاقلادا.››
بولسا بۇندا مىللەت يول تاپالماس ھەرزامان،
تاپتى گەر،كاللا كەتتى بۇزدى شۇزامان. !!!!!!
1،2،3     دەل مۇشۇنداق ،      


سىز1  مەن 2 كىم3؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106202
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1158
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2014-4-19
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-14 09:32:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىنى ئوقۇۋاتقاچ ئانام ئىسىگە كىلىپ يىغلاپ سالغىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن ، بارلىق مىھرىبان ئانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ، پەرزەنتلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن ، جھنىم ئاپا سىزنى بەك كۆرگۈم كەلدى

تارزان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101912
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 02:02:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەبىر  قىلىڭ  قېرىندىشىم، مېنىڭمۇ  ئانام  يوق، قانداق  قىلىمىز، ھەممىمىز  ئاخىرى  ئانىسىز  قالىدىكەنمىز.   ھىكايەمگە  باھا  يازغىنىڭىزغا  رەھمەت.  ئانامنىڭ  ۋاپاتىغا  ئاتاپ  يازغان  بىر  شېئىرىم  بارتى،  يوللاپ  بېرەي، تېخىمۇ يىغلىىتاي   سىزنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101912
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 02:03:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

ئانام كەتكەن كەتكەن كۈن

تۇرادىن ئابدۇرېھىم

ئون يەتتىنچى نويابىر،
قۇياش چىقتى قاپ-قارا پارقىراپ.
زېمىنغا قار چۈشمىدى لېكىن،
قەلبىمدە لىق سوغۇق ياغار شارقىراپ.

كېتىۋاتىمەن.....
تاۋۇتقا ئېسىلغان قولۇم ئەمەس،
يۈرىكىممىكىن دەيمەن.
كېتىۋاتىمەن......
يۈرىكىم بىلەن تەڭ ماڭاي دەيمەنۇ،ماڭالمايمەن،
خۇددى كىچىك ۋاقتىمدا ئانامنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يۈگۈرگەندەك.

ئەتراپىمدىكى پەتىچىلەر،
كۆرۈنەر كۆزۈمگە پەشتاختىدىكى ساختا مالدەك.
بىلىنەر گويا،
بىر-بىرىنى ئالداپ بولالماي يۈرگەن بوران بىلەن شامالدەك.

يۇلتۇزلار،دەرەخلەر،قۇشلار،
ھەتتا قۇرۇت-قوڭغۇزلار،
ھەممە،ھەممىسى ئانىغا باي..........
پەقەت مەنلا،
بولدۇم،
ھېچنىمىسى يوق-ئانىسىز گاداي.
يوق بولدى،ھېچنىمەم يوق،
بايلىقىم،يايلىقىم،جەننىتىم كەتتى.
مېنىڭ قىپ-قىزىل يۈرىكىمنى ئەپكەتتى......
ئاخشام تېخى بار ئىدى،
ئەزرائىلغا ئالداندىم.
گويا بىر كېچىدىلا ھېچنىمىسى قالمىغان قىمارۋازدەك،
گادايغا ئايلاندىم،

قانمىغانتىم ئانامغا تېخى،
قاردەك ئاپپاق چاچلىرىغىمۇ ھەم،
قاردەك ئاپپاق كۆڭلىگىمۇ ھەم.
بار ئىدى ئانامغا تېخى بېرىدىغانلىرىم،
بار ئىدى تېخى قىلمىغان چالا ئىشلىرىم.
ئەمدى،
نە ئامال،نە چارە؟
بولدۇم غېرىپ-بىچارە.
ئاڭلىنار كۈندە قۇلاق تۈۋىمدە،
‹يىتىم ئوغلاق› دىگەن يېقىمسىز ئىبارە.

‹ئاتاسى بارنى باي دەيمەن›،
‹ئاناسى بارنى ئاي دەيمەن›.
بۇ ناخشا-مەڭگۈ،مەڭگۈ يۈرىكىمدە كۆيەر لاۋۇلداپ.
مەنمۇ بىللە كۆيسەم دەيمەن،
ئانامنىڭ ئورۇق قوللىرىغا،قورۇق يۈزلىرىگە،
قېنىپ-قېنىپ سۆيسەم دەيمەن.
ئانام ماڭدى بەلكىم ،دادامنى يوقلاپ.
بالىلىرىنىڭ،
نەۋرىلىرىنىڭ،
قورسىقىنى توقلاپ.
ھېلى كېلىپ قالامىكىن دەيمەن،
مېنى دەپ ساقلاپ قويغان-
بىر تال شاپتۇل،بىر تىلىم تاۋۇز،بىر پارچە گۆشنى،
يەمسىز؟دەپ سوراپمۇ قويماي ،
ئىشتىھا بىلەن يەيمەن،يەيمەن......
..................
...................
مەن يوقلايدىغان قەبرە،
بىر ئىدى،ئەمدى ئىككى بولدى.
شۇ قارا كۈندىن باشلاپ،
چېچىمدىن تاپىنىمغىچە لىققىدە چوغقا تولدى.
ئۆزەم ئۆيدە،
يۈرىمەن بالام بىلەن،كالام بىلەن.
لېكىن يۈرىكىم قالدى ئانامغا ھەمرا بولۇپ.
مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ بەلكىم،
قول تۇتۇشۇپ ئوينايدۇ،
ئانام بىلەن،
دادام بىلەن.........
...........................
..................................

2013-يىل  نويابىر.ئۈرۈمچى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش