tughci2 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 08:06 PM
ياخشى پىكىر، قوللايمەن.
پىكىرىمنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت قېرىندىشىم،،
ئەزالىق نامىڭىزنىڭ ئاستىدىكى ئىمزايىڭىزغا قارىغاندا قىرغىز مىللىتىدىن ئوخشايسىز،،..
سىز بىلەن كىتاپ توغرۇلۇق مۇنازىرلىشىشنى تۇلۇمۇ خالايمەن...
مەن كىتاپ ئوقۇشقا قىززىققان 10نەچچە يىلنىڭ بىرسىگە ئوقۇغان كىتاپلىرىم 50پارچىدىن ئاز ئەمەس
ئاساسلىقى،تارىخىي رومان،ئوبزور،مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا،ئەقلى-تەپەككۇرنى ئېچىشقا ئۈندەيدىغان ئىلھام بەخىش ئاتا قىلىدىغان،پەندى-نەسىھەت خاراكتىرىدىكى كىتاپلار،ئىگلىك تىكلەش،شىركەت قۇرۇشقا،سودا-تىجارەتتىكى ئۇستۇلۇق، ھىساۋاتقىلىشتىكى پىرنسىپ قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىشلىق مول مەزمۇنلۇق كىتاپلارنى ئوقۇدۇم..
راس گەپنى قىلسام ھازىرغا قەدەر قازانغان ئۇتۇقلىرىمنى كىتاپنىڭ ماڭا بەرگەن نىممەتلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ،كىتاپتىن ئىرىشكەنلىرىم ئىنتايىن كۆپ بولدى،كىتاپ منىڭ گەپ قىلىش ئۇسلۇبۇمغا،پىكىر-تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبۇمغا قىسقىسى ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتتى..
ئەينى يىللىرى مەخمۇتجان ئىسلامنىڭ گۇگۇمدا سايرىغان كاككۇك ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى ئوقۇش ئارقىلق كىتاپ ئوقۇشقا قىززىققان شۇ ۋاقىتلارنى پەقەت ئۇنتۇيالمايمەن،ئۆزۈمنىڭ كىتاپقا ھىرىسمەن بولغانلىقىمدىن قىززىقىپ ئوقۇيدىغانلىقىمدىن سۈيۈنىمەن..
مىنىڭچە كىتاپ ئوقۇغانلارنى مازاق قىلغانلار،دە ساپاسىزلاردۇر،ئەگەر ئۇنداقلارنى باي،مەرتىۋىلىك كىشىلەر دىگەن تەقدىردىمۇ پەقەت مىراسقا ۋارىسلىق قىلىپ بېيىغانلار ياكى جەمەتىنىڭ ئابرويىغا تايىنىپ ئابرويلۇق بولغانلار،ئەقىللىق بىر كىشى ھەرگىزمۇ كىتاپ ئوقۇيدىغانلارنى مەسخىرە قىلىپ يۈرمەيدۇ...
ئامرىكىلىق بىر پەيلاسوفنىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار،،،،،،سىلەر ھازىر كىتاپ خالتىسى دەپ مەسخىرە قىلۋاتقان كىشىلەر،دەل سىلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى خۇجايىنىڭلاردۇ،دىگەنىكەن،شۇڭلاشقا كىتاپ ئوقۇغانلار كىتاپنىڭ پايدىسىنى كۆرمەي قالمايدۇ...
شۇڭلاشقا كىتاپنى دوست تۇتايلى قېرىنداشلار.