پادىچى001 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 11:33 AM
چوڭ پارتىلاش بۇنىڭدىن 13.7 مىليارد يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن ...
بىر ئالما مەلۇم بىر نۇقتىدىن ئوڭ تەرەپكە نۇر تېزلىكى ماڭسۇن. بىر شاپتۇل ئوخشاش نۇقتىدىن سول تەرەپكە نۇر تېزلىكى بىلەن ماڭسۇن. شۇنداقتا ئالمىغا نىسبەتەن شاپتۇل نۇر تېزلىكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى تېزلىك بىلەن يىراقلاۋاتقان بولىدۇ.
ھازىر بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 3.26 مىليون نۇر يىلى كېلىدىغان بىر گالاكسى (يۇلتۇزلار توپى) ھازىر بىزدىن ھەر سېكۇنتىغا 74.3 كىلومېتىر كېلىدىغان تېزلىك بىلەن يىراقلاۋاتىدۇ.
بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 13.163 مىليارد نۇر يىلى كېلىدىغان بىر گالاكسى ھازىر بىزدىن ھەر سېكۇنتىغا 300000 كىلومېتىر كېلىدىغان تېزلىك بىلەن، يەنى نۇر تېزلىكى بىلەن يىراقلاۋاتىدۇ.
بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 13.163 مىليارد نۇر يىلىدىن چوڭراق بولغان گالاكسىلار ھازىر بىزدىن نۇر تېزلىكىدىنمۇ يۇقىرى تېزلىك بىلەن يىراقلىشىۋاتىدۇ. يەنى، ئۇ گالاكسىلارنىڭ يۆتكىلىش تېزلىكى نۇر تېزلىكىدىن يۇقىرى ئەمەس، ئەمما بىزگە نىسبەتەن ئۇلار نۇر تېزلىكىدىنمۇ يۇقىرى تېزلىك بىلەن يىراقلاۋاتقان بولىدۇ.