مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: كارتۇن

ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن كارتون فىلىم بازارغا سېلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109552
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2014-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 06:53:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار .ياخشى تىلەكلىرىڭلارغا كۆپ رەخمەت ،ھەققىقەتەن سىلەر ئېيتقاندەك بىزنىڭمۇ شۇنداق ئارزۇ ئۇمۇتلىرىمىز بار ئىدى ئادەم كۈچۈمىز مەبلەغ نىڭ يوقلىغىدىن ئارمان قىلمىز  يىتەلمەيمىز بىزنىڭ بۇنداق ئاددى كارتونلارنى ئىشلەپ  پۇل تېپىش ياكى ئۇزمىزنى  كۆز -كۆز قىلىش ئەمەس مۇشۇ  ساھەدە  تىرشىۋاتقان  ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىغىنى مەبلەغ ئادەم كۇچى بۇلسا بىزمۇ سىلە ئارزۇ قىلۋاتقا ئاشۇ قەلبىڭلاردىكىدەك كارتونلارنى ئىشلەشكە كۆزىمىز يىتىدىغانلىغىنى  بىلدۇرۇش يۇزىسىندىن بۇ ئاددى كارتونلارنى سىلەرگە سۇنۇپ قالدۇق.ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ توردا ماتىريال بەك جىق كارتوننىڭ قانداق ئىشلىندىغانلىغى توغرىسدىكى ماتىريالارنىمۇ كۆرۇپ قويۇڭلار  بۇ بەك مۇرەكەپ قىيىن بىر كەسىپ بەزەن تورداشلار بەك ئاددى ئويلاۋاتامدۇ بىلمىدۇق .فىلىم راسلا ئاددى ئەمما  بىر سىكوت كۆرۇنىشكە ئون ئىككى پارچىدىن رەسىم سىزساق(ئوخىشىمغان شەكىلدىكى)60 سىكوتتا قانچە رەسىم،5 مىنۇت ئۇچۇن قانچە پارچە رەسىم سىزىمىز  ھىساپلاپ بېقىڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93099
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 09:42:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارتۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 06:53 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار .ياخشى تىلەكلىرىڭلارغا ك ...

  كارتون ئىشلەش ھەقىقەتەن جاپالىق جەريان قېرىندىشىم .
  لىكىن سىلەرنىڭ ئۇيغۇر كارتونچىلقىدىن ئىبارەت بوش ساھەنى تولدۇرۇشقا تېرىشۋاتقىنىڭلاردىن بەكمۇ سۈيۈندۈم .
ئويلاپ باقسام مىللىتىمىز  تېخىنكا ۋە ئىقتىدار  جەھەتتە ،مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن ، ھەرگىز بوش ئەمەس ، بىراق تەرەقىقى قىلىشقا نۇرغۇن شارائىتلار كەمچىل .
  ئاللاھ خالىسا بۇ ئىشلارمۇ چۇقۇم ياخشى بولۇپ كىتىدۇ .
سىلەر ئاز بىر قىسىم كىشلەرنىڭ تەنقىدىدىن ئۈمىدسىزلەنمەي ، داۋاملىق تېرىشىڭلا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109601
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 02:27:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەرجىماندىن كىرىش سۆز
ھۆرمەتلىك كىتاپخان
دۇنيادا، خۇسۇسەن غەرپتە ئىسلام دىنىغا قىزىقىش كۈنسىرى يوقۇرى كۆتۈرۈلىۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. رەسمىي سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ياۋرۇپادىكى مۇسۇلمان نوپۇسىنىڭ سانى 50 مىليونغا يەتتى. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چەيرەك ئەسىردىن بۇيان ياۋرۇپاغا كۆچۈپ بارغان مۇسۇلمان ئاھالە ۋە يېڭى نەسىل ئىگەللىمەكتە. كۈنىمىزدە ياۋروپادا ئىزچىل تۈردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلامغا قارشى تەتۈر تەشۋىقاتقا قارىماي، ئوخشىمىغان سەۋەپلەر بىلەن قۇرئاننى ئوقۇپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان غەرپلىكلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس.
غەرپ ئەللىرىدە يېڭىدىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلار قاتلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئېتىقادى ۋە دىنى ئەركىنلىك قانۇنلىرى، خەلقنىڭ ئېڭى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقا سېڭىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئوخشىمىغان دىن، پەرقلىق مەدەنىيەت مەنسۇپلىرىنىڭ ئۆز - ئارا ھۆرمەت بىلەن ياشاش ئارزۇسى مودا ئېقىمغا ئايلانماقتا. دەل بۇ نوقتا، غەرپلىكلەرنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن تۇنۇشۇشىغا كەڭ دائىرىدە ئىمكانىيەت ئېلىپ كەلدى دەپ ئويلايمەن. مەن ياشاۋاتقان شىمالى ياۋروپادا، ئىسلام دىنىغا كىرگەن كۆپلىگەن فېن بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدۇم. ئۇلارنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە ئىچ - ئىچىدىن ئاللاھ قا بولغان سەمىمىيىتى مېنى خىجالەتتە قويدى.
سۆھبەت جەريانىدا " سەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىڭدا " ئاتا- ئاناڭ ۋە دوست- بۇرادەرلىرىڭنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟ دەپ سورىغان ۋاقتىمدا، ھەممىسىنىڭ ئورتاق جاۋابى ئاساسەن ئوخشاش ئىدى: ئۇ سېنىڭ شەخسى تاللىشىڭ، پىكرىڭگە ھۆرمەت قىلىمىز.
مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يېقىن كەلگۈسىدە غەرپتىكى ئەڭ ياڭراق سادا ئىسلام دىنىنىڭ ساداسى بولىدۇ.
شۇنداق قەتىئىيلىك بىلەن ئېيتالايمەنكى، غەرپ دۇنياسىدا ئىسلام دىنىنى يېڭىدىن قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالىم - ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئاساسى قاتلىمى مائارىپ سەۋىيىسى ئەڭ تۆۋەن، ياكى كىچىكىدە ئىسلام دىنى ھەققىدە مەلۇماتى بولمىغان كىشىلەر ئىكەن. ئۈچىنچى تۈركىمى بولسا، نازىل قىلىنغان ئىسلام دىنىنى ئەمەس، ئويدۇرۇلغان ئىسلام چۈشەنچىسىدىن سەسكىنىپ، يامغۇردىن قاچىمەن دەپ مۆلدۈرگە تۇتۇلغان بىچارە قېرىنداشلار ئىكەن.
فېنلاندىيەدىكى ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ خىرىستىيان دىنىغا كىرىپ كەتكەنلىكى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. بىر قانچىسى بىلەن شەخسەن ئۇچرىشىپ ياكى ئارقا كۆرۈنۈشىنى سۈرۈشتە قىلغان ۋاقتىمدا، ۋەتىنىمىزدىكى ۋاقتىدا ئىسلام دىنى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتى يوق ئىكەنلىكى؛ بەزىلىرىنىڭ ئويدۇرۇلغان ئىسلام چۈشەنچىسىدىن قېچىپ، مەنىۋىي ئوزۇقلۇقنى ئىنجىلدىن ئېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.
كېيىنچە، ئۆزلىرىنى ئېتىقاتچى دەپ ئاتايدىغان خىرىستىيان بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ياشايدىغان ھەممىلا دۆلەتتە ئازدۇر- كۆپتۇر مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاتېئىزم مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەتتا ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدەك مەركىزى شەھەرلىرىدە بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ يەتتىم.
تېخىمۇ چۇڭقۇر تەتقىق قىلغان ۋاقتىمدا، غەرپ دۇنياسىدىكى بەزى خىرىستىيان مىسيونىرلىرى زور كۆلەمدە مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەركىزى ئىستانبۇل ۋە شىياڭگاڭدا مەخسۇس نەشرىيات قۇرۇپ، مەخسۇس خادىملارنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن يۈز تۇرانە تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىتاپ ئەۋەتىپ، ئۈن- سىن بويۇملىرى ئىشلەپ، تور ئارقىلىق كۈچلۈك تەشۋىقات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىۋېتىپتۇ. ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەر يىلى خىرىستىيان بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ خۇپىيانە خەلقارالىق ئۇچۇرىشىشلىرى بولىدىكەن.
ھەر كىمنىڭ قايسى دىنغا ئېتىقات قىلىشى ئۆز ئەركىنلىكى.
ئاللاھ تەئەلا قۇرئان كەرىمدە، "لااكراه فى الدين ( دىندا زورلاش يوق ) " دېيىش ئارقىلىق، ئىنسانلارغا ئەركىن ئىرادە، تاللاش ھوقۇقىنى بەرگەن. بۇ ئارقىلىق، جەننەتكە ياكى دوزاققا كىرىش ئەركىنلىكىنىمۇ بەرگەن ئىكەن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زالالەت يولىنى تاللىۋالغان خىرىستىيانلارغا مېھر- مۇھەببەت بىلەن ئاللاھ نىڭ نىجادلىق يولى بولغان بىردىن- بىر ساغلام مەنبە، قۇرئان ئايەتلىرىنى يەتكۈزۈشتىن باشقا تاللىشىمىز يوق.
بۇ مەقسەتتە بىر ئەسەر قەلەمگە ئېلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك قۇرئان ئايەتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئاساستا ئىزدىنىۋاتاتتىم. قۇرئان، تەۋرات ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىق مەنبەلەرنى ئوقۇپ چىقتىم. دەل مۇشۇ پەيتتە، مىلېسىنكىدا ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىسلام يەرمەنكىسى ئېچىلدى. بەھرەيىندىن كېلىپ قاتناشقان بىر ھەيئەتنىڭ كىتاپ ئۈستىلىدىن مەن ئالغان كىتاپلار ئارىسىدا "المسيح عيسى ابن مريم كما يتحدث عنه القران الكريم " ناملىق بۇ ئەسەر دەل مەن يېزىپ چىقماقچى بولغان كىتابقا باپ كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر يېرىم ئاي ۋاقىت چىقىرىپ، بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. كەڭ كىتاپخانلارنىڭ بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ چىقىپ، ئاللاھ نىڭ ئەيسا پەيغەمبەرگە بەخش ئەتكەن ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تونۇپ يېتىپ، خۇددى تۇنجى ئىنسان ئادەم ئاتىمىزنىڭ ھەم پەيغەمبەر ھەم ئىنسان بولغىنىدەك مۇسا، ئەيسا ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئەلچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارنىمۇ يەككە يىگانە ۋە شىرىكى يوق ئاللاھ تەئەلانىڭ بىرەر بەندىسى ۋە خىزمەتچىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
جانابى ئاللاھ تىن بۇ ئەسەرنىڭ بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا پايدىلىق قوللىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قېلىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، تەرجىمىدىكى سەۋەنلىكلىرىم بولسا تەنقىدى پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن.
ئاخىردا خۇدا ئەمەس، ئىنسان بولغان ئەيسا مەسىھگە سالام بولسۇن!
ھېيتاخۇن مەمتىمىن
2014- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى.
مىلېسىنكى-فېنلاندىيە
ئىلخەت ئادرىسىم: fi.hotmail@heytahun


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش