HIRISTAL1 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 05:49 PM
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن كۆڭلۈم ...
بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى مەسىلىسى مۇھىم مەسىلە. لېكىن ھەر خىل ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق پايدىلىق زىيانلىق تەرەپلىرى بولىدۇ. مەسىلەن يېزىدا چوڭ بولغان بالا كىچىكىدىن جاپاغا چىداملىق، مۇستەقىل ئېڭى كۈچلۈك ، ئىقتىساتچان ، كۆڭلى كۆكسى كەڭ بولۇپ يىتىلىدۇ. لېكىن ماددى دۇنياسى تويۇنمىغان بولىدۇ.شەھەرلەردە كىچىككىنە بىنا ئۆيلەردە چوڭ بولغان بالىلار نەزەريەگە باي، كۆڭلى كۆكسى تار، ئۆزىنى بەك قەدىرلەيدىغان بولىدۇ.
بالىلارنى توغرا يىتەكلەش كېرەك ، لېكىن ھەددىدىن زىيادە كۆيىنىپ كەتسىمۇ، بەك قاتتىق تۇتۇپ كەتسىمۇ بولمايدىكەن.جەمىيەت دىگەن مۇشۇنداق ئىگىز پەسلىك ئىچىدە تەرەققى قىلىدۇ.
بالىلارمۇ ئايرىم بىر ئادەم. ئالدىنقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن كېيىنكىلەر ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىلىۋەتسە بولمايدۇ-دە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بالىدا بىر قىممەت قاراش تىكلىنىشى كېرەك. قىمەت قاراش بولغاندىلا نىشانى پەيدا بولۇپ توغرا يولنى تېپىپ كېتىدۇ.