uzum-tal يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 10:44 PM
ئۇنى بىر سورماڭ . تۆت ياتاقدىشىم بار ھازىر خىزمەتتىن ...
بۇنداق ئادەت سالامەتلىككە ( جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىققا ) بەكمۇ زىيانلىق...
جىسمانىي جەھەتتە:
تىلفۇن رادىئاتسىيىسى بەدەنگە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەن ، نۇرغۇن قورقۇنۇشلۇق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تېرە يىرىكلىشىش، چاچ چۈشۈش، سۆڭەك ئۆسىۋېلىش ، مىڭە كېسەللىكلىرى، ھەتتا راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .شۇڭا دوستلىرىڭىزغا نەسىھەت قىلىڭ ، ئامال بار تۇرمۇشىنى تەرتىپكە سالسۇن ۋە رادىئاتسىيە توسقۇچ ئېلىپ ئىشلەتسۇن!
روھى جەھەتتە:
روھى جەھەتتىكى زىينى تېخىمۇ كۆپ، بۇنداق مەۋھۇم دۇنياغا كېچە-كېچىلەپ بېرىلگەندە ئۆزىمۇ تۇيمىغان ئاساستا پىسخىكىسى بۇزۇلۇش، مەسىلىلەرگە بولغان پۇزىتسىيىسى ، قارىشى ئۆزگۈرۈش، زېھنىنى يىغالماسلىق، ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەنلەش،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەش ...قاتارلىق نۇرغۇن پىسخىك توسالغۇلار پەيدا بولىدىكەن.
تېخىمۇ چوڭ بولغان زىيان شۇكى : ھاياتىمىز بىھۇدە، ئەھمىيەتسىز ئۆتۈپ كېتىپ ھاياتنىڭ ئۇۋالىغا قالىمىز.......
شۇڭا دىققەت قىلايلى-ھە!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ay.sadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-18 11:19 PM