مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: WWW.UYHQT.COM

لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدە 600 توننىلىق قاشتېشى بايقالدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74355
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6260
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-1-31
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 08:46:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمەت94 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 03:55 PM
ئادەم بەدىنىدە قاشتاش ماددىسى يىتىشمىسە قانداق كىسەلل ...

ئادەم بەدىنىدە قاشتاش ماددىسى يىتىشمىسە ۋىتامىن ق كەملىك كىسىلى بولامىكى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1328
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 617 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 09:10:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلام پادىشاھ تاشكەن بۇ نەتچە پۇل بولاپكېتەر بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86830
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 10:08:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قاشتېشىنىڭ دىئامىتىرى سەككىز مېتىر،ئىگىزلىكى تۆت مېتىر،قېلىنلىقى ئۈچ مېتىر،قاتتىقلىقى 6.5 بولۇپ ،ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان.

مۇشۇنچىلىك تۇرۇپمۇ ھەجەپ ئېغىركىنا ؟ قاتتىقلىقى زىچلىقىنى كۆرسىتەمدا ياكى سېلىشتۇرما بىرلىكمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1115
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 04:57:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارچىلاپ كىلوغا سېلىپ ساتارما؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2874
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3711 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 08:57:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەن قاشتېشىنىڭ شىپالىق رولى

<<1>>

ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى شىپالىق رولى

ئاپتۇرى:ئۇبۇل ھەسەن

خوتەن قاشتېشىنى قەدىمىي دەۋرلەردىن باشلاپ پادىشاھ جەمەتى ۋە باي - ئاقسۆڭەكلەر  يۇقۇرى مەرتىۋىسنى ئىپادىلەيدىغان قىمممەتلىك ئېسىل بۇيۇم سۈپىتىدە تاقاپ كەلگەن . ئۇنىڭدىن باشقا خوتەن قاشتېشى ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە كۆپلىگەن شىپالىق ، خاسىيەتلىك روللارغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە .

   . قەدىمقى ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىدە « قاشتېشى يۈرەكنى سەگىتىدۇ ، يۈرەكتىكى قىزىقلىقنى ۋە دەرتنى ئالىدۇ » دەپ كۆرسىتىلگەن .

   . قاشتېشى مارجاننى ئۇزۇنراق تىزىپ بوينىغا سېلىۋالسا ئادەمنىڭ مىجەزىنى تەڭشەيدۇ ، قارا بېسىش ، چۈشىدىن قورقۇش ، چۆچۈش ، تەشۋىشلىنىشنى تۈگىتىدۇ ، ئۇيقۇسىنى شېرىن ، يېتەرلىك ، راھەت قىلىدۇ .

   . قاشتېشى بىر خىل سۈزۈك ، چاقماق ئېسىل تاش بولۇپ ، ھەر خىل رەڭدە بولىدۇ . ئۇنىڭ ئاق رەڭلىكى ئادەمنى گۈلدۈرمامىدىن ، چاقماق چېقىنلىرىدىن قورقۇشتىن ، ئۇسسۇزلۇقتىن ساقلايدۇ . شۇڭا قاشتېشىنى ۋە قاشتېشى ئۈزۈك ، قاشتېشى مارجانلارنى ھەمراھ قىلىش كېرەك . ئۈزۈككە كۆز قىلىپ ياسىتىلىپ قولغا سېلىنسىمۇ بولىدۇ .

   . قاشتېشى دۆلەت گۆھىرى ، تەۋەررۈك بۇيۇم بولۇپ ، ئەجدادلىرىمىز ئۇنى قىممەتلىك زىبۇ - زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدىلا ئىشلىتىپ قالماي ، قىممەتلىق ، ئەتىۋارلىق دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن . ئۇيغۇر تىبابىتىدە يەنە ئاق قاشتېشىنى ئېزىپ ئۇنىڭ تالقىنى بىلەن شاپتۇلنىڭ قۇرۇتۇلغان چېچىكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىغان ئۇپىنى تېرىگە سۈركەش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىدا پەيدا بولغان ئاق كېسەل ( بەرەس ) ۋە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ساقايتقان .

   . خوتەندە ئۆتكەن مەرھۇم ئاتاقلىق ئۇستاز تېۋىپ ئەمەت ھاجىم ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا قاشتېشىنى سۇغا سۈرۈپ ئىچىشنى ياكى قاشتېشى چىلانغان سۇنى ئىچۈرۈش ئارقىلىق ئاياللار كېسەللىكىنى داۋالاپ ساقايتقان ۋە روھىي كېسەللىكنىمۇ داۋالاپ ساقايتقان .

   . يۈرەك كېسەللىكى بارلارغا بوينىغا قاشتېشى مارجان ، قاشتېشى بۇلاپكا ئېسىشنى ، قولىغا قاشتېشى بىلەيزۈك سېلىشنى تەشەببۇس قىلغان . نەتىجىدە بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن .

   . ھازىر ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىدە مۇرەككەپ رېتسېپلىق دورىلارغا قاشتېشى تالقىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ .

   . ئۆيدە ، ئىشخانىدا ياكى يېنىدا قاشتېشى ھەمراھ قىلىپ ، كەيپىياتى ياخشى بولمىغان چاغدا ، پىسخىكا جەھەتتىن توسالغۇغا ئۇچراپ بىئاراملىق ھېس قىلغاندا ياكى ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقاندا ، قايغۇ ياكى دەرت - ئەلەمگە ئۇچرىغان چاغدا قاشتېشىنى قولىغا ئېلىپ ۋە ئۇنى كۆرۈپ ياكى قولىدا سىلاپ بەش - ئون مىنۇت ئويناپ بەرسە ، دەرھال كەيپىياتى ياخشىلىنىپ ئۆزىنى ئەركىن - ئازادە ۋە خوشال ھېس قىلىدۇ .

   . كۆزىگە ئاق چۈشكەن ، كۆز نۇرىنى يىغالمايدىغان كىشىلەر ئاق قاشتېشىنى كۆز ۋە كۆز ئەتراپىغا سۈرۈپ بەرسە شىپالىق ئۈنۈمنى كۆرىدۇ . قولى تىترەيدىغان ، يۈزىنىڭ قان - تومۇرلىرى پالەچلەنگەن ، ئاستىنقى قاپىقى لىپىلداپ تۇرىدىغان ، كۆزى ياكى ئېغىزى مايماق بولۇپ قالغان كىشىلەرمۇ قاشتېشىنى  شۇ يەرگە سۈرۈپ بەرسە ۋە قاشتېشىنى ئېقىن سۇغا چىلاپ قويۇپ سۇيىنى ئىچىپ بەرسە كېسىلى شىپا تاپىدۇ .

   . مىللىتىمىزدە خېلى بۇرۇندىن باشلاپ سۇ چىڭقايدىغان ئىدىش ، كوزا ، تۇڭ ، چېلەك ، چەينەك ، سۇ قاپاقلىرىغا قاشتېشى سېلىپ ، قاشتېشىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ بەدەننى قوۋۋەتلەندۈرۈش بىر قەدەم ئومۇملاشقان .

   . قاشتېشى سۇدىكى تاش ئېرىتمىلىرىنى سۈزىدۇ ، سۈيدۈك يوللىرىغا تاش چۈشۈش ، بۆرەك قاناللىرىغا تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

   خوتەندىكى يۇرۇڭقاش ۋە قاراقاش دەرياسى ئېقىن سۈيىنىڭ يۇقۇرى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىغا چۈشكەن تاشلارنى ئېرىتىپ چۈشۈرۈش ، يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرۇش ، تېرىنى رەڭدار ، پارقىراق قىلىش ، چىرايلىق قىلىشتەك شىپالىق روللارغا ۋە خاسىيەتلىك دورىلىق قىممەتكە ئىگە بولۇشى بۇ دەريالاردا قاشتېشى مەنبەسىنىڭ كۆپ بولغانلىقىدا بولىشى مۈمكىن .

مەنبە:باشلان تورى

‹‹2››

خەنزۇ تىبابىتىدىكى شىپالىق رولى

تەرجىمان:ئابلىكىم ئاۋۇت

تەرجىماندىن:
ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەقىل كۆزىنى قاماشتۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەجداتلىرىمىزنىڭ خوتەن قاشلىرىنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكىنى،باشقا ئەل خەلقلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە ھېرىسمەن ئىكەنلىكنى بىلىۋېلىش تەس بولمىسا كېرەك.تېخى يېقىنقى زامانلارغىچە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەتكەن خوتەن  قاشلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز بىلەن نېمە سەۋەبتىن مۇنچە ياتلىشىپ كەتكەنلىكى ئىزدىنىش،تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېمىلارنىڭ  بىرىدۇر!

خوتەن قاشلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى رولى دۆلىتىمىزنىڭ خەنزۇ تىبابىتىدىكى بۈيۈك ئەسىرى ‹‹خاسىيەتلىك دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى››(神农本草)ۋە ‹‹دورا ئۆسۈملىكلىرى تىزمىسى››(本草纲目)دا تۆۋەندىكىدەك خاتىرلەنگەن.

خوتەن قاشلىرى-قىزىتمىنى قايتۇرۇپ،ئۇسسۇزلىقنى باسىدۇ.ئۆپكىنى سىلىقلاپ ئاۋازنى ياڭراق قىلىدۇ.چاچنى پارقىرىتىدۇ.بەش ئەزانى كۈچلەندۈرىدۈ.مۇسكۇل،ئۇستىخانلارنى چىڭىتىدۇ.نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ،قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.كۆرۈش،ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

دۆلىتىمىزدە  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن پادىشاھلاردىن -ۋۇ زېتىيەن،كاڭ شى،چىيەن لوڭ،سىشى تەيخۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قاش ئويما بۇيۇملارنى ئىشلەتكەن.مەسىلەن:قاش ياستۇق،قاش ئىستاكان، قاش ئاسقۇ ۋە بىلەيزۈك قاتارلىقلار....

يىقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدە خوتەن قاشلىرىغا بولغان تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ خوتەن قاشلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى ئىلمى رولى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاندى.

1.ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە خوتەن قاشلىرى تەركىبىدە  مىس،سىنىك،ماگىنىي،سېلىن،خېرۇم،مانگان،كۇبالىت قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ئىلمىنىتلار مول بولۇپ داۋاملىق قاش بۇيۇملارنى ئىشلەتكەندە يۇقارقى ماددىلار تېرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە شۈمۈرۈلۈپ ئورگانىزىملارنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدىكەن.

2.قاشلارنىڭ ئىسىقلىقنى شۈمۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈش بولۇش ۋە ئىسسىقلىق رېئاكسىيە تارقىتىشتەك فىزىيكىلىق ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ،بۇ ئارقىلىق قاندىكى ئوكسىنىتنىڭ سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.قاندىكى پىرمىنىتنىڭ بۇزۇلىشىنى قوغداپ ھەم قان ھەرىكىتىنى ئەڭ ياخشى ساقلاپ  ماددا ئاملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ بەدەننىڭ فىزولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

3.سېپىكتىرلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە خوتەن قاشلىرى تەركىبىدىكى ئالاھىدە دانىچە قۇرۇلما ئادەم بەدىنى قۇبۇل قىلالايدىغان ئىمپىرا قىزىل نۇرلۇق ئىلىكتىرو ماگىنىت تارقىتىدۇ.بۇ خىل ئېلىكتىرو ماگىنىت دولقۇنى 8-15 مىكرو مىتىر بولۇپ ئادەم بەدىنى تارقاتقان ئىمپىرا قىزىل نۇرلۇق ئېلىكتىرو ماگىنىت دولقۇنى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى پايدىلىق.بۇ ھال قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ ئادەم بەدىنىدە مىكروپ ئۆلتۈرۈش يېڭى ھۈجەيرە پەيدا قىلىش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئويناپ كېسەللەرنى ھەيدەپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.

4.كىلىنكىلىق تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە خوتەن قاشلىرى ئادەم بەدىنىدىكى-يۇقىرى قان بېسىم،نېرۋا ئاجىزلىقى،مېڭە قان تۇمۇرى تۇسۇلۇش،ئارتىرىيە تۇمۇرلىرى قېتىشىش قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللەرگە ئالاھىدە مەنپەت قىلىدۇ.بۇلۇپمۇ،بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ئەركلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش،قاننى كۈچلەندۈرۈش،چىرايدىكى قۇرۇق-داغلارنى يوقىتىش جەھەتتە 98% يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە.

داۋاملىق خوتەن قاش بۇيۇملىرىنى ئېسىپ يۈرگەندە ياكى قولدا سىلاپ ئوينىغاندا قولدىكى ئۈگە-پەللىلەر ئارقىلىق بەدەندىكى ئىچكى ئەزالارغا تەسىر قىلىپ ئىمونت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.

قولغا دائىم بىلەيزۈك سېلىپ يۈرگەندە بەدەننى ئۇۋىلاش رولىنى ئويناپلا قالماستىن قېرىلاردىكى دېۋەڭلىك،كۈرۈش قابىلىيىتى ئاجىزلاش قاتارلىقلارغا رەشەن مەنپەئەت قىلىدۇ.ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ.

خوتەن قاشلىرىدىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى رولى ۋە ئۇنى ئىشلەتكەن چاغدىكى روھى ھالەت بىلەن باشقا زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن چاغدىكى ئەھۋال روشەن پەرىقلىق بولۇپ قاشتېشى بۇيۇملىرىدىكى ئەۋزەللىك بىلەن بۇلارنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

مەنبە: قاشتېشى دۇنياسى ئىلىكتۇرۇنلۇق ژۇرنىلى 2008-يىلى 2-ساندىن تەرجىمە قىلىندى ھەم تورداشلارغا قۇلاي بۇلۇشى ئۈچۈن ئەسلى تېكىستى قۇشۇمچە قىلىندى.

玉界电子杂志2008年第2期

1348570prvwz02j92fzijf.png

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر قاشتېشى تورىدىن

ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى بولغان خوتەن قاش مەدەنىيىتى ھەققىدە ئاۋامنى دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە شىنجاڭ قاشتېشى ئويمىچىلىق زاۋۇتى سۈرەتكە ئالغان،جۇڭگۇدىكى نۇپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەرنىڭ خوتەن قاشلىرى ھەققىدىكى مۇپەسسەل بايانلىرى جەملەنگەن‹‹ئاسايىشلىق يىللاردىكى گۈزەل قاشتېشى›› ناملىق 12 قىسىملىق مەخسۇس فىلىمنى ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىپ  ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.  

ئىشىنىمىزكى خەلقىمىزنىڭ جۈملىدىن قاشچىلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تۇنۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ خوتەن قاشلىرىغا ئائىت تەرجىمە فىلىملەرگە قۇشۇلۇپ يەنە كۆپلىگەن مەخسۇس فىلىملەر ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى روياپقا چىققۇسى.

ئاسايىشلىق يىللاردىكى گۈزەل قاشتېشى (فىلىم)

كۆرۈش ئادرېسى:http://www.uyhqt.com/uy/forum.php?mod=viewthread&tid=4134

ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2874
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3711 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 08:57:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 05:46:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمەت94 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 03:55 PM
ئادەم بەدىنىدە قاشتاش ماددىسى يىتىشمىسە قانداق كىسەلل ...

قاشتاش ۋىتامىن كەملىك شالاق - شۇلۇق كىسەللىكىگە پايدا قىلىدۇ . يەنە ئالاجوقا دىگەندەك كىسەللەرگىمۇ پايدا قىلىدۇ .

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1668
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 06:04:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا تويماسمىكىن!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109980
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-9-16
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 08:42:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭ ئۆيۈمنىڭ ئاستىدىن چىكسىچۇ ؟

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109980
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-9-16
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 08:47:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىپالىق  رولى   ئەجەپ جىكىنا!!!!!!!!!!!!!!!!

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش