xabnam117 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 02:02 PM
مېنى قوللىغان ھەر قايسىڭلارغا رەخمەت ! مەن چوقۇم ياخشى ...
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ شەرەپلىك خىزمەتكە يول ئالغىنىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن !
ئوقۇتقۇچۇلۇق ئىنتايىن شەرەپلىك ھەم ساۋابلىق خىزمەت . سىزگە نۆۋىتىدە بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي :
دىيارىمىزدىن قابىلەيتلىك 1- دەرجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىدىن بىرى بىيجىڭغا ئىكۇسكۇرسىيەگە بىرىپ ، بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىق سىنىپىغا ئوچۇق دەرس ئاڭلىغىلى كىرىپتۇ . دەرس ئۆتكۈچى مۇئەللىم ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 22ياشلىق قىز ئىكەن . مۇئەللىمنىڭ كىينىشى شۇنداق تەرتىپلىك ،سىنىپقا كىرىپلا ساۋاقداشلار ياخشۇمۇسىزلەر ، دەپ بولۇپ ، دەرسنى باشلايمەن پۈتۈن دىققىتىڭلار داسكىدا بولسۇن دەپ ، داسكىغا بىر قارىغاينىڭ رەسىمىنى سىزىپتۇ ، ساۋاقداشلار سىزغىنىم نېمە ، دەپ سۇئال قويسا بارلىق ساۋاقداشلار قارىغاي دەپ قاۋاب بىرىپتۇ . قارىغاينىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە قۇشنىڭ رەسىمىنى سىزىپتۇ ، ئۇنىڭدىن كىيىن دىڭىزدىكى سۇنى سىزىپتۇ . ھەممىنى ساۋاقداشلاردىن سىزغىنىم نېمە دەپ سوراپتۇ . ساۋاقداشلار ھەممىنى توغرا دەپ بىرىتۇ .
شۇ دەرسلىك 3 بەتلىك ئىكىلوگىيە موھىت ئاسراش توغۇرلۇق تېما ئىكەن . بۇ مۇئەللىم ، ساۋاقداشلار ئىكولىگىيە ھەم مۇھىت يۇقارقى رەسىملەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ، يۇقارقىلارنى ئاسراپ، قوغداپ ، قوللاپ ھەر بىرىڭلار يىشىللىق موھىتى بەرپا قىلغۇچىسى پىدايى بولۇڭلار ، بۈگۈنكى دەرسى تۈگىدى . ئەمدى كىتابىڭلارنى ئىچىپ تېمىدىكى مەزمۇننى ئوقۇپ مۇلاھىزە يۈرگىزىڭلار دەپ 5 مىنۇتتىلام دەرسنى تاماملاپتۇ . قالغان 40 مۇنۇتنمى ئوقۇغىچىلارنىڭ ئەركىن تەپەككۇر قىلىشىغا بىرىپتۇ .
ھېلىقى دىيارمىزدىن بارغان 1- دەرجىلىك قابىلىيەتلىك مۇنەۋۋەر بۇ ئوقۇتقۇچى ئاشۇ دەرسنى ، ئۆزى دەرس ئۆتكەندە بىر سائەت ۋالاقلاپ سۆزلەپ تۈگىتەلمەي ، چۈشەندۇرۇپ بولالماي دەرس ۋاقتى توشۇپ داڭ چىلىنىپتىكەنتۇق .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى چۈشەنمەسلىكى ئۇلارنىڭ دۆتلىكىدىن ئەمەس ، بەلكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغالىقىدىن . ساپاسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىدىن .
ئوقۇتقۇچى دىگەننىڭ ھەر بىر سۆزى ھەر بىر ھەركىتىدىن تەلىم تەربىيە پۇرىقى چىقىپ تۇرۇشى كىرەك . سىز دەل ئاشۇنداق خۇش پۇراق چاچىدىغان ئوقۇتقۇچى بولۇڭ ......